تۈركىيەدىكى «كېلەچەك» ۋە «سائادەت» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا ۋەكىلى، پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى 7-نويابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنغانىدى. شۇ كۈنى مەزكۇر تەكلىپ توغرىسىدا تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىندا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى» نىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ قارشى چىقىشى نەتىجىسىدە رەت قىلىنغان. مەزكۇر مۇزاكىرە يىغىنى تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى( TRT) نىڭ ئۈچىنچى قانىلىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. مۇزاكىرىنىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە مەزكۇر لايىھەنى سۇنغان سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىغا مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىنى سۇنۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئادەملەر ئۆيلىرىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامىلىۋاتىدۇ. ئانا تىلى چەكلىنىپ، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. مەسچىتلەرنى تاقاۋاتىدۇ. قىسقىسى ئۇ يەردە بىر مىللەت ۋە بىر مەدەنىيەت يوق قىلىنىۋاتىدۇ.»
پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى بارلىق پارتىيەلەرنى ئۆز مەنپەئەتىنى ئويلىماستىن «كېلەچەك» ۋە «سائادەت» پارتىيەسى سۇنغان بۇ لايىھىنى ماقۇللاشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ قارار لايىھىسىنى شۇنىڭ ئۈچۈن سۇندۇم. ھازىر ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. باشقا دۆلەتلەر قىلغاننى بىزمۇ قىلالايمىز. تۈركىيە پارلامېنتىدا ئالتە سىياسىي پارتىيەنىڭ گۇرۇپپىسى بار. بۇلاردىن ئىككى نەپەردىن پارلامېنت ئەزاسى، باشقا 14 پارتىيەدىن بىر نەپەردىن پارلامېنت ئەزاسى بىر ھەيئەت قۇرايلى. ھاكىمىيەت بېشىدىكى ‹ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى›نىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كۆرۈشسۇن. بىز بىر ھەيئەت قۇرۇپ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارايلى. راستىنىلا خىتاي ھۆكۈمىتى دېگەندەك ئۇيغۇرلار بەختلىك ياشاۋاتامدۇ ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقاندەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتامدۇ؟ بۇنى تۈركىيە پارلامېنتىدا قۇرۇلىدىغان ھەيئەت بېرىپ تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. مەن سۇنغان بۇ قارار لايىھەسىنى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەردىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى قوللاڭلار. تۈركىيە پارلامېنتىغا يارىشىدىغان تۈستە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى ئورتاق بىر قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشىمىزنى ئىلتىماس قىلىمەن.»
7-نويابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرە ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە پارلامېنت ئەزالىرى قول كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئاۋاز بىلدۈردى. ئاخىرىدا يىغىن رىياسەتچىسى مەزكۇر لايىھەنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا ۋە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى پارلامېنتى بىردەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان تۇرۇقلۇق، ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى نېمە ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۈچىنچى قېتىم رەت قىلىنىدۇ؟
بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2015-يىلىدىن تارتىپ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
2018-يىلى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى لۈتفۈ تۇرقان ئەپەندى بىلەن، «خەلق دېموكراتىيەسى پارتىيەسى» نىڭ رەئىسى ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلۇ ئەپەندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان بولسىمۇ رەت قىلىنغانىدى.