11-نويابىر ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى» نى خاتىرىلەش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ چوقۇم 3-قېتىم يەنە بىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرىدىغانلىقىغا ئۈمىد بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ سۆزلەرنى ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى مەھمەت شاھىنگۆز ئەپەندى «جۇمھۇرىيەت كۈنى» خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىنى 113 يىللىق تارىخقا ئىگە تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مۇراسىمغا مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئەزالىرى ۋە زىيالىيلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.
يىغىدا سۆزگە چىققان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى پىروفېسسورى سائادەتتىن گۆمەچ ئەپەندى ئۇيغۇرلار 1933-يىلى قەشقەردە، 1944 يىلى غۇلجىدا قۇرغان ئىككى جۇمھۇرىيەت توغرىسىدا دوكلات بەردى.
ئۇ، ھەر ئىككىلا قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنىڭ دۇنياۋى رىقابەتلەر تۈپەيلى بەربات قىلىنغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاخىرقى جۇمھۇرىيەت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن 1949-يىلى سېنتەبىر خىتاينىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىدى. ئۇ كۈندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاندا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈش باشلاندى. بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلاندى. ئۇيغۇرلار تارىختا پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان مۇھىم بىر تۈرك قوۋمى. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەتنى قۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ۋە بۇنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. »
پىروفېسسور سائادەت گۆمەچنىڭ قارىشىچە، ھەر ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» يەرلىك خەلقنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىكى زۇلۇمغا ۋە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇشتەك ئورتاق سەۋەب ئاساسىدا دۇنياغا كەلگەن. بۇ ھال خېلىلا مۇكەممەل تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن ماددىلىرىدىمۇ تولۇق ئەكس ئەتكەن.
دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى ئابدۇرېشىت قارلۇق ئەپەندىمۇ 20-ئەسىردە قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
يىغىن ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى ئەنقەرەدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ بىر كۈن داۋاملاشقانلىقىنى، پائالىيەتنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
11-ۋە 12-نويابىر كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ياشايدىغان بارلىق شەھەرلىردە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇتلاش پائالىيەتلىرى ھەر خىل شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.