پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى 4-دېكابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، ئامېرىكا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قانۇن ماقۇللاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەنىڭ خىتاينى ئەيىبلەشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«ئۇيغۇر 2019 ناملىق» قانۇن لايىھەسى 3-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغاندىن كېيىن تۈركىيەدىكى «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىردى. ئۇ، مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا ئالدى بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۆلەت مەجلىسىدە قوبۇل قىلىنغان قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «قىممەتلىك مۇخبىرلار، تۈنۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىۋاتقان دۆلەت رەھبەرلىرىنى جازالاش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بېسىم سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ تىزىملىكىنى 120 كۈن ئىچىدە تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان».
پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانۇن ماقۇللاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەنىڭ خىتاينى ئەيىبلەشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى كۆرمەسلىككە سالالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى تېررورچى ئېلان قىلىپ يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. تۈركىيە خىتاينىڭ گېپىنى ئاڭلاپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرى تېررورچىلىق تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنى خىتاي تېخىگىچە تېررورچىلىق تىزىملىكىگە كىرگۈزمىدى، دېمەك خىتاي تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە سەمىمىي ئەمەس».
«ئىيى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي، بېسىۋالغان زېمىن بولغان شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتكۈچە، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئەركىنلىكىگە ئېرىشكىچە ھەر دائىم ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمەن».
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر 2019 ناملىق» قانۇن لايىھەسى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيە پارلامېنتىدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش قانۇن لايىھەسى ماقۇللىنىش ئېھتىماللىقى بارمۇ؟ بۇنىڭغا تۈركىيە ھۆكۈمىتى قانداق قارايدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇقىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى مۇستافا يەنەروغلۇ ئەپەندىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا ئۇنىڭ كاتىپى رابىيە خانىم مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى ئۆزىگە يەتكۈزدۈم، لېكىن ئۇ بەكلا ئالدىراش. بۈگۈن ئىشخانىسىدا يوق، كېلەر ھەپتە يىغىنى بار. شۇڭا ھازىرچە قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى دېمىگەچكە سىزگە تېلېفون قىلالمىدىم».
تۈركىيە پارلامېنتىدىمۇ بۇنداق لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىش ئېھتىماللىقى بارمۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يېقىن كەلگۈسىدە بۇنداق ئېھتىمالنىڭ يوقلىغىنى، كېلەچەكتە ماقۇللانغان تەقدىردىمۇ ئىجرا قىلىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق جاۋاب بەردى.
ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى مەمەت ئۆز ئەپەندى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا چىقارغان قانۇننى قوللايدىغانلىقىنى، تۈركىي جۇمھۇرىيىتى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭمۇ بۇنداق قانۇن چىقىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قانۇن ماقۇللىغانلىقىنى قوللايمەن. چۈنكى ھازىر خىتاي دۆلىتى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن دۇنياغا ھۆكۈمران بولىمەن دەۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مەن ئەسلىدە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ شۇنداقلا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ مۇشۇنداق قانۇن ماقۇللىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم. خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى راھەت قويۇپ بېرىشى، بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك. شۇڭا بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللانغان قانۇن زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن».
ئۇنداقتا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن «ئۇيغۇر 2019 ناملىق» قانۇن لايىھەسى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىرى بولار؟ ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
«ئىيى» پارتىيەسى 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى «ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش كومىتېتى قۇرۇش» توغرىسىدا تۈركىيە پارلامېنتىغا تەكلىپ لايىھەسى سۇنغانىدى. پارلامېنتتىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن مەزكۇر لايىھە رەت قىلىنغانىدى. نۆۋەتتە، تۈركىيە پارلامېنتىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئاشۇ پارتىيەلەرنىڭ ئەزالىرىنىڭ سانى كۆپ ئورۇننى ئىگىلىگەن.
0:00 / 0:00