تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي دۆلىتى بىلەن يېقىنلىشىشى ۋە خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىماقتا. 7-دېكابىر كۈنى «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى خالىل ئىبراھىم ئورال ئەپەندىنىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇدىن بىر ئاي بۇرۇن سورىغان يازما ۋە ئاغزاكى سوئالىغا ئۇ جاۋاب قايتۇرغان. بىز مەزكۇر خەتتە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نېمىلەر سورالغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نېمە دەپ جاۋاب بەرگەن؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن پارلامېنت ئەزاسى خالىل ئىبراھىم ئورال ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ئۇ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇدىن سورىغان سوئالى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن خېتىمدە شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بارلىقىنى، جازا لاگېرلىرىدا ئادەم قېلىپىدىن چىققان بېسىم ۋە ئىسكەنجىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بۇنىڭغا قارشى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى سورىغان ئىدىم».
خالىل ئىبراھىم ئورال ئەپەندى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇدىن 7-دېكابىر كۈنى جاۋاب خېتى كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ خېتىدە خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە تىجارەت مۇناسىۋىتىنى دەپ خىتايدىن تارتىنىۋاتقانلىقىنى ئىقرار قىلىپتۇ. ئەسلىدە تۈركىيە بۈيۈك دۆلەت، بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە تىجارەت مۇناسىۋىتىنى دەپ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقماسلىقىمىز نومۇس بىر ئىش».
«ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى خالىل ئىبراھىم ئورال ئەپەندى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە چىقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ رەئىسىمىز مەرال ئاقشەنەر خانىم شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئىگە چىققاندەك ئىگە چىقماقتا. پارتىيەمىزنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى پارلامېنتتا تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىدە تۇتۇشقا تىرىشىۋاتىمىز».
خالىل ئىبراھىم ئورال ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىدا 20-ئەسىردە مۇستەقىل ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي زېمىنى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «1933-يىلىدىن 1944-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئىككى مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلدى. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ لىدېرى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ بۇ ھەقتىكى نۇتۇقلىرى بىلەن چوڭ بولدۇق. بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت ئۆزلۈكىدىن قۇرۇلۇپ قالمىدى، بىر پارلاق مەدەنىيەت، كۈلتۈر ۋە مەۋجۇدىيەتنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلدى. شەرقىي تۈركىستان تارىختا بىر قانچە قېتىم خىتاينىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىدى. لېكىن بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ زېمىنى بولۇپ قالمايدۇ. بىز تۈركىيە دۆلىتى خىتايغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئوچۇق دېيىشىمىز كېرەك. شەرقىي تۈركىستان ھەرگىز خىتاي زېمىنى ئەمەس». ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن تىجارەت مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، شۇڭا تۈركىيەنىڭمۇ خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت مۇناسىۋىتىنى دەپ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقماسلىقىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «توغرا، بىزنىڭ خىتاي بىلەن تىجارەت مۇناسىۋىتىمىز مەۋجۇت. بىزگە ئوخشاشلا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭمۇ ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭمۇ ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتنىڭمۇ خىتاي بىلەن تىجارەت مۇناسىۋىتى بار. بۇ دۆلەتلەر خىتايدىن قورقماي خىتاينى ئەيىبلىدى. نېمە ئۈچۈن دېسىڭىز، خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەرگە ئېھتىياجى بار. تۈركىيەدە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىقى لاگېردا، ئۇلار بىلەن ئالاقە قۇرالمايۋاتىدۇ. بۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە دېسەك مۇناسىۋىتىمىز بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ. بۇ مەسىلىگە تىجارەت جەھەتتىن ئەمەس ئىنسانىي جەھەتتىن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئۇيغۇرلار ھەم قېرىندىشىمىز ھەمدە دىندىشىمىزدۇر».
خالىل ئىبراھىم ئورال ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۈركىيە قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي ئىشلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي جازا لاگېرلىرىنى دەرھال ئېتىۋېتىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى بېرىلسۇن. تۈركىيە دەرھال بۇلارنى خىتايغا دېيىشى كېرەك. خەلقئارا قانۇنلار بىر ياقتا تۇرسۇن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئۆزى بەرگەن ئاپتونومىيە قانۇنىنىمۇ ئىجرا قىلمايۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي كەمسىتىشىنى دەرھال يوق قىلىشى كېرەك. بىز بۇ تەلەپلىرىمىزنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق يەتكۈزۈپ تۇرىمىز. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ھەم تۈركىيەدە ھەم خەلقئارا قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز».
ئىگىلىشىمىزچە «ئىيى» پارتىيەسى 2018-يىلى تۈركىيە پارلامېنتىگە كىرگەندىن بۇيان مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم ھەر سەيشەنبە كۈنلىرى پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن سىرت پارلامېنت ئەزالىرى نۇرغۇن قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ھۆكۈمەتتىن ھەم ئاغزاكى ھەم يازما شەكىلدە سوئال سورىغان. بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق پايدىسى بار؟ ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيە سىياسىتىنىڭ مەركىزىگە ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن زور پايدىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە، تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر دائىم ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ۋە ئىقتىسادىي پايدىنى دەپ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ كەلمەكتە. ھەتتا ئۆزىنى ئىلگىرى ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش، پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرگە ئىگە چىقىمىز دەپ دائىم سۆزلەپ كەلگەن «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى» مۇ ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قىسمىتىگە سۈكۈت قىلغانلىق بىلەن تەنقىد قىلىنماقتا.