تۈركىيە سودا مىنىستىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان خىتاي ماللىرى توغرىلىق جىددىي سوئالغا دۇچ كەلگەن

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2023.12.20
ersin-beyaz تۈركىيەنىڭ «ئىيى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئەرسىن بەياز ئەپەندى. 2023-يىلى دېكابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ «ئىيى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئەرسىن بەياز ئەپەندى 18-دېكابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى 600 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ۋە مىنىستىرلار ئىشتىراك قىلغان ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيە سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولاتتىن «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشقا سېلىپ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى تۈركىيەگە ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش پىلانىڭىز بارمۇ؟» دەپ سورىغان. سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولاتمۇ بۇ سوئالغا نەق مەيداندا جاۋاب بەرگەن.

پارلامېنت ئەزاسى ئەرسىن بەياز ئەپەندى ئالدى بىلەن تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدا زىيان تارتىۋاتقانلىقىنى، بۇنى ئازايتىش ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر ئالغان ياكى ئالمىغانلىقىنى سورىغان. ئۇ، مۇنداق دېگەن: «ھۆرمەتلىك سودا مىنىستىرىدىن شۇنى سورىماقچىمەن. خىتاينىڭ سودا ساھەسىدىكى كۈچى دۇنياغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بىر ھالەتتە. تۈركىيە خىتايدىن ھەر خىل ماللارنى ئىمپورت قىلماقتا. تاشقىي سودىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ زور بىر قىسمىنى خىتايدىن تۈركىيە ئىمپورت قىلغان ماللار كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. خىتايدىن ئىمپورت قىلىۋاتقان ماللارنى ئازايتىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىنىۋاتامدۇ؟»

تۈركىيە سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولاتتىن پارلامېنتتا سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى دېكابىر، تۈركىيە.
تۈركىيە سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولاتتىن پارلامېنتتا سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى دېكابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئۇ، تۈركىيە سودا مىنىستىرىدىن مۇنداق دەپ سورىغان: «خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ ئىشلەپچىقارغان ماللارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن. شۇڭا سىزمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ ئىشلەپچىقارغان ماللىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش پىلانىڭىز بارمۇ؟ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشلىتىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن سودا مۇناسىۋىتى بار بولغان تۈرك شىركەتلىرى قايسىلار؟ بۇ شىركەتلەرنىڭ يىللىق تىجارەت سوممىسى قانچىلىك؟»

پارلامېنت ئەزاسى ئەرسىن بەياز ئەپەندىنىڭ بۇ سوئالغا تۈركىيە جۇمھۇرىيەتىنىڭ سودا مىنىستىرى نەق مەيداندا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېگەن: «خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىمىز راستىنلا ناھايىتى مۇھىم. بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىمىزدا زور تەڭپۇڭسىزلىقلار مەۋجۇت. خىتاي ماللىرى ھەققىدىكى بارلىق ئەرزلەرنى نەزەردە تۇتۇۋاتىمىز. ئەگەر مال ئىشلەپچىقىرىلغان يەرنىڭ نامى ئۆزگەرتىلگەن بولسا، بىز ئۇ ماللارنى مۇسادىرە قىلىۋاتىمىز. بۇ توغرىلىق خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. خىتايغا تېخىمۇ كۆپ مال سېتىش ئۈچۈن شىركەتلىرىمىزنى رىغبەتلەندۈرۈۋاتىمىز.»

نۆۋەتتە تۈركىيە پارلامېنتىدا 600 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بار بولۇپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ 268 نەپەر، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ 169 نەپەر، يېشىل سول پارتىيەسىنىڭ 61 نەپەر، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ 50 نەپەر، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ 43 نەپەر، يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسىنىڭ 5 نەپەر، تۈركىيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ 4 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بار ئىكەن. ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە. پارلامېنتتا كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى قوللىمىغان بىر شارائىتتا، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش قارارى چىقىرىشى مۇمكىنمۇ؟ بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندىگە مۇرجىئەت قىلدۇق. ئۇ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: «بىز پارلامېنتتا ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتىمىز. لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش سىياسىتى بولغاچقا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئېنىقلاپ، بۇلارنىڭ تۈركىيەگە ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەيدىغان بىر قارار چىقىرىشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ ئويلايمەن. شۇڭا سودا مىنىستىرى بۇ سوئالغا مۇناسىۋىتى بولمىغان سۆزلەر بىلەن جاۋاب بەردى. لېكىن بۇ مەسىلىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا سودا مىنىستىرىدىن نەق مەيداندا سورىلىشى ياخشى ئىش.»

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى دېكابىر، تۈركىيە.
تۈركىيە پارلامېنتىدىكى يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى دېكابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بار مەھسۇلاتلارغا قارىتا تەدبىر ئالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىككى تۈرلۈك سەۋەبى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى، كورونا ۋىرۇسى ۋە ئۆتكەن يىلى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن چوڭ يەر تەۋرەشتىن تۈپەيلى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەدە كۈنتەرتىپتىن چۈشۈپ قالغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتە چوقۇم بىر قارار ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان تەكلىپلىرى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى كومىتېتلاردا ماقۇللانسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللىنىشىنىڭ قېيىن ئىكەنلىكىنى، چۈنكى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بەكلا ئېغىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى؛ خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشىنى كۈتۈۋاتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى بىئارام قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇنداق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۆتكەن 5 يىلدا «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان جىددىي مەسىلىلەر، جۈملىدىن لاگېر مەسىلىسى ۋە باشقا مەسىلىلەر توغرىلىق بىرقانچە تەكلىپلەرنى سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشى بېلەت تاشلىشى بىلەن بۇ تەكلىپ لايىھەلىرى ماقۇللۇقتىن ئۆتمىگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.