لاگېر قۇربانلىرى يىقىنلىرى خىتاي كونسۇلخانىسىدىن مەجبۇرى ئەمگەك توغرىسىدا ئىزاھات تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

18-دېكابىر كۈنى، ئىستانبۇلدىكى لاگېر قۇربانلىرىنىڭ يېقىنلىرى سارىيەردىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، خىتايدىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن مەجبۇرى ئەمگەك سىياسىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەر لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئائىلىلىرى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات بېرىشنى، مۇناسىۋەتلىك ئىلتىماسنى قانۇنىي جەريان بويىچە قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىشتى.

تۈركىيە پۇقراسى بولغان سىڭلىسى مەۋلۇدە ھىلالنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان مەدىنە نازىمى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كونسۇلخانىسى يەنە تەلىپىمىزگە جاۋاب بەرمىدى، ئىلتىماسىمىزنى تاپشۇرۇۋالمىدى. مەن بۈگۈن خىتايدىن مېنىڭ سىڭلىمنىمۇ پاختا ئېتىزلىرىدا ياكى زاۋۇتتا قۇل قىلىپ ئىشلىتىۋاتامسىلەر؟ مېنىڭ سىڭلىم ھاياتمۇ؟ مېنىڭ سىڭلىم زادى نەدە؟ دەپ سورىغىلى كەلدىم.»

خىتاي كونسۇلخانىسى ھەر قېتىمقىغا ئوخشاش، يىغىۋېلىش لاگېرى قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ كونسۇلخانىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلدى. ساقچىلار مۇناسىۋەتلىك ئىلتىماسنى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەلچىخانا خادىمىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى، لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىغا ئائىت ھۆججەت چىقىرىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ئەلچىخانىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىغا ئائىت ھۆججەت چىقىرىپ بېرىشى كېرەكلىكىدە چىڭ تۇردى.

لاگېر قۇربانلىرى يىقىنلىرى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا پائالىيەتلىرىنى ئەتىگەن سائەت 10:00 دىن، چۈشتىن كىيىن سائەت 4:00 كېچە داۋاملاشتۇردى.

تۈركىيە پۇقرالىقىدىكى لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى، بېيجىڭدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەۋسىيە قىلغان مەكتۇپىنى ساقچىلارغا ۋە كونسۇل خادىملىرىغا كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ھەممىسى بىردەك ئەلچىخانىنىڭ ئىلتىماسنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان لاگېر قۇربانلىرى يىقىنلىرىدىن ئابدۇراخمان توختى ۋە مىرزەخمەت ئىلياسئوغلى ئەپەندىلەر نەق مەيداندا ئەھۋالدىن مەلۇمات بەردى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن، 14-ئاۋغۇست ۋە 2-دېكابىر كۈنى لاگېر شاھىتلىرى ۋە جازا لاگېرى قۇربانلىرىنىڭ يېقىنلىرى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلتىماسنى سۇنۇش ئۈچۈن تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي كونسۇلخانىسى لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ تۇتۇلغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ يازغان ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمىغان ئىدى.