تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى: شەرقىي تۈركىستاننى ھەرگىز ساتمايمىز

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش سادالىرى بارغانچە كۈچەيمەكتە. بۇ ھەپتە ئاخىرى ئىستانبۇلدا ئىككى يەردە ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى. بۇلارنىڭ بىرىدە سۆز قىلغان تۈركىيە سائادەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ پۇلىغا ساتمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا راۋا كۆرۈلگەن زۇلۇملارنى ھەر يەردە پاش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زەيتۇنبۇرنۇدىكى نامايىشتا ئىسلام دۇنياسى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىلدى.

28-دېكابىر شەنبە كۈنى سائادەت پارتىيەسى ئىستانبۇل ياشلار بۆلۈمى 101 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ قوللىشى بىلەن ئەيۇپ سۇلتان مەيدانىدا نامايىش ئۇيۇشتۇردى.

سوغۇق ۋە يامغۇرغا قارىماي ئۇيغۇر ۋە تۈركلەردىن بولۇپ 600 دىن ئارتۇق كىشى نامايىشقا قاتناشتى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ نامايىش «شەرقىي تۈركىستاننى قوللاش»، «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئېلىپ بېرىش» مەقسىتىدە تەشكىللەنگەن.

نامايىش جەريانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. سائادەت پارتىيەسى ياشلار بۆلۈمى مەسئۇلى شۇنداقلا تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئابدۇلقادىر قارادومان ئەپەندى باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئابدۇلقادىر قارادومان ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستاننى زالىم خىتاينىڭ پۇلىغا ھەرگىز ساتمايمىز.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «يۈزلەرچە لاگېر ۋە تۈرمىلەردە نەچچە مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز مەھبۇس ھالىتىدە ھەر تۈرلۈك قىيىن-قىستاقلار ئاستىدا نەزەربەند قىلىندى. بىز ئۇيغۇر خەلقى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ پاجىئەلەرنى ھەر ساھە كىشىلىرىگە ئاڭلىتىمىز ۋە زالىم خىتاي دۆلىتىنىڭ قانداق زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى ھەر يەردە پاش قىلىمىز.»

پارلامېنت ئەزاسى ئابدۇلقادىر قارادۇمان ئەپەندى سۆزنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنى ھەر زامان قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز سائادەت پارتىيەسى ياشلار بۆلۈمى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ زۇلۇمنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمىزنى جاكارلايمىز. بۇ زۇلۇم ۋە ۋەھشىيلىكنىڭ دەرھال خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن ھەم تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەم خەلقئارا ساھەدە قولىمىزدىن كېلىدىغان پۈتكۈل ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سېلىپ زۇلۇمنى توختىتىشقا تىرىشىمىز شۇنداقلا پۈتكۈل دۆلەتلەرنى، مۇسۇلمان رەھبەرلەرنى خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ زۇلۇم سىياسىتىنى تەنقىد قىلىشقا، دىپلوماتىيە جەھەتتە بىر قەدەم بېسىشقا چاقىرىق قىلىمىز.»

«ئاناتولىيە گەنچلىك جەمئىيىتى» نىڭ ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى يۈنۈس گەنچ ئەپەندى، تۈرك بايرىقىنىڭ يېنىدا كۆك بايراقنى لەپىلدىتىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىم ئاستىدا قالغان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ نىدا قىلىمىز. ھۆكۈمەت بېشىدىكىلەرمۇ ئۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەملەرنى باسىدۇ. خىتاينىڭ زۇلۇملىرىنى 3-4 تەڭگە قەرزگە ساتمايمىز. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەر زامان يېنىدا بولىمىز. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بىز ئۈچۈن ئەزىزدۇر.»

نامايىش جەريانىدا يەنە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ئابدۇلھەمىت پامىر ئەپەندى سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىش ئورۇنلاشتۇرغان تۈرك خەلقىگە تەشەككۈر ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل دۇنيا رەھبەرلىرى، پۈتكۈل ئىنسانىيەت، ئىسلام دۇنياسى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، تۈرك دۇنياسى كۆز يۇمۇپ سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان پەيتتە قىممەتلىك دوستلىرىمىز يېنىمىزدا بولدى، ئاۋازىمىزغا ئاۋاز قوشتۇڭلار، سىلەرگە تەشەككۈر ئېيتىمىز.»

سائادەت پارتىيەسى ياشلار بۆلۈمىنىڭ تىۋېتتىر ھېسابىدا 17 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇپ، ئۇلار تۋېتتىر ئارقىلىق، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېنىدا بىز، شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلار قەتلە قىلىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا سۈكۈت قىلمايمىز، خىتاينى توختات!» دېگەندەك رەسىملىك شوئارلارنى يېزىپ تارقاتتى ۋە تۈركىيە خەلق ئاممىسىنى خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.

نامايىشتا سۆز قىلغان «شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى» ئىدارە ھەيئىتى ئەزاسى ئابدۇلھەمىت پامىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىش ھەققىدە توختالدى.

28 دېكابىر شەنبە كۈنى كەچتە يەنە ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا يۈرۈش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ پائالىيەتنى «1453 زەيتىنبۇ گۇرۇپپىسى» نامدىكى تەشكىلات بىلەن «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى.

زەيتىنبۇرنۇدا ئېلىپ بېرىلغان يۈرۈشكە مىڭلارچە كىشى قاتناشتى. قوللىرىدا تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار خىتاي ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قىيىن-قىستاق ۋە ئىسكەنجىلەرگە قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.

زەيتىنبۇرنۇنىنىڭ «سائەت مۇنارى» دېگەن يەردىن ئىككى كىلومېتىردەك يۈرۈش قىلغان نامايىشچىلار قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقان بولسىمۇ چېكىنمەستىن يۈرۈشنى 58-بۇلۋار مەيدانىغىچە داۋام قىلدى.

«1453 زەيتىنبۇ گۇرۇپپىسى» رەئىسى سۆز قىلىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى بىرلىكتە ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇم ۋە قىيىن قىستاقلارغا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ دۇنيا جامائىتى ۋە ئىسلام دۇنياسىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا دەۋەت قىلدى.

ئۇ مۇندا دېدى: «پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىمانى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز. شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ئىنسانىي مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشقا چاقىرىمىز» دېدى.