تۈركىيە ۋە ئىراندا ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ بايراق ۋە لوزۇنكا ئېسىلدى

0:00 / 0:00

پۇتبول دۇنيادا بولۇپمۇ تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ ئادەم ياخشى كۆرىدىغان تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. 29-دېكابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ پۇتبول كۇلۇبلىرىدىن بىرى فەنەرباغچە كۇلۇبى بىلەن چايقۇر رىزە پۇتبول كۇلۇبى تۈركىيەنىڭ رىزە شەھرىدە ئۆتكۈزگەن پۇتبول مۇسابىقىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن تۈركىيەنىڭ چوڭ بايرىقىنى ئاسقان. ئىككى بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىغا «شەرقىي تۈركىستان تۈرك زېمىنىدۇر، تۈركنىڭ بولىدۇ» دەپ يېزىلغان لوزۇنكا ئېسىلغان. تۈركىيەدىكى بەزى تېلېۋىزىيەلەر تەرىپىدىن نەق مەيداندىن تارقىتىلغان مۇسابىقىدە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئېسىلغان بايراق ۋە لوزۇنكا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ كۆپ كىشى تەرىپىدىن ھەمبەھىرلىنىلدى ۋە تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئايلاندى. ئۈچ تۇغ نامىدىكى تۋېتتىر قوللانغۇچى «تۈرك بايرىقىدىن شەرقىي تۈركىستان بايرىقىغا سالام بولسۇن، شەرقىي تۈركىستان يالغۇز ئەمەس» دەپ يېزىپ تارتقاتتى. دەپلاسمان ترىبۈنۈ ناملىق تۋېتتىر قوللانغۇچىسى «شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇم تۈرك دۇنياسىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەڭ بۈيۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر، سۈكۈتتە تۇرما» دەپ يېزىپ تارقاتتى. مەيداندا ئېسىلغان چوڭ كۆك بايراق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەڭ كۆپ تارقىتىلغان تېمىلاردىن بىرسىگە ئايلاندى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا 28-دېكابىر كۈنى ئىراننىڭ پايتەختى تەھراندىكى شۈھەدا-ئى شەھىرى قۇدۇس تەنرەتبىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە جەنۇبىي ئەزەربەيجاننىڭ تىراكتور پۇتبول كۇلۇبىنىڭ مەستانىلىرى «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك، خىتاي تېررورچى» دېگەن لوزۇنكىنى ئاسقان. جەنۇبىي ئەزەربەيجان دەپ ئاتىلىدىغان ئىراننىڭ تەبرىز شەھىرىدىكى تۈركلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان تىراكتور پۇتبول كۇلۇبىنىڭ 80 مىڭ مەستانىسى بار ئىكەن. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا 2019-يىلى ئىران بويىچە ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن.

تۈركىيەدە ھەممە ئادەمنىڭ دېگۈدەك قوللايدىغان فۇتبول كۇلۇبلىرى بار. مۇھىم كۇلۇبلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە بولغان كۈنلىرى كوچىدا ئادەم كۆرگىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنىڭ تۈركىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردە پۇتبول مۇسابىقىسى ئارقىلىق كۈنتەرتىپكە كېلىشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بۇنىڭ تۈركىيەدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنىڭ ئېسىلىشى تۈركلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنىڭ، بۇنىڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى باشقا ساھەدىكى كىشىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كېڭىيىدۇ، ھۆكۈمەتكىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايمەن.»

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى مۇدىرى ئىستىراتېگىيە ميەتەخەسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنيادا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇلارنى تېخىمۇ ئالغا باستۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا توختالدى.

ئىراندىكى تۈركلەر قوللايدىغان تراكتور پۇتبول كۇلۇبى 1970-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىراندىكى تۈركلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا ئىكەن.

فەنەرباغچە پۇتبول كۇلۇبى 1907-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ فۇتبول كۇلۇبلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا تۈركىيەدىكى فەنەرباغچە پۇتبول كۇلۇبى بىلەن گالاتاساراي پۇتبول كۇلۇبى دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ قوللىغۇچىسى بار 40 كۇلۇبنىڭ قاتارىدا ئىكەن.