تۈركىيەنىڭ كورۇنا ۋىرۇسى ۋاباسىغا قارشى كۈرەشتىكى قەدەملىرى تۈركىيەدە قاتتىق ئەيىبلەنمەكتە.
تۈركىيەنىڭ خىتاي ۋاكسىنىسىنى ئېلىشى ۋە خىتايدىن كېلىدىغان ۋاكسىنىغا بېقىنىپ قېلىشى ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاباغا قارشى كۈرەشتىكى ئەجەللىك خاتالىقى دەپ قارالماقتا.
يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدىكى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى تېزدىن ئۆرلىگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت 21 مىليوندىن كۆپ ۋاكسىنا ئەملىگەن بولسىمۇ، كۈنلۈك يۇقۇملىنىش ۋەقەسى 60 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۈرك دوختۇرلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دوختۇر شەبنەم كورۇر فىنجانجى تۈركىيەدىكى كورونا ۋاباسى ۋەقەلىرىنىڭ داۋاملىق كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، سەھىيە سىستېمىسىدا ئېغىر يۈك شەكىللەنگەنلىكىنى، دوختۇرخانىلارنىڭ كېسەللەر بىلەن توشقانلىقىنى ئېيتقان.
ياۋروپا مەركەزلىك «ياۋروپا خەۋەرلىرى» (Euronews) ئاخباراتچىلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە دوختۇرلار جەمئىيىتى كورونا ۋىرۇسى كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى پروفېسسور دوكتور كايىھان پالا خىتاينىڭ سىنوۋاك ۋاكسىنىسىنىڭ قوغداش كۈچىنىڭ تۆۋەنلىكىنى، ئىككى قېتىملىق ۋاكسىنىسىنى تولۇق ئەملىگەن بىمارلارنىڭمۇ ۋابا سەۋەبلىك كېسەل بولغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېگەن: «سىنوۋاك ۋاكسىنىسىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇشتا قوغداش سەۋىيىسى يۇقىرى ئەمەس. سەھىيە خىزمەتچىلىرى ۋە جەمئىيەتتە ئىككى قېتىملىق ۋاكسىنىسى تولۇق ئەملىگەنلەرنىڭ ئىچىدە كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار بار. ۋاكسىنىنىڭ قوغداش سەۋىيىسى 50 پىرسەنت ئەتراپىدا. بىمارلار كۆپىيىپ مېڭىۋەرسە كوللېكتىپ ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ شەكىللىنىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىنوۋاك ۋاكسىنىسىنىڭ يېڭى كورۇنا ۋىرۇسى تۈرلىرىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق ئىلمىي تەتقىقات يوق.»
ئىستانبۇلدىن ئۇيغۇر دوختۇر پەخىردىن ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى ئىشلەۋاتقان دوختۇرخانىدا ئىككى قېتىملىق خىتاي ۋاكسىنىسىنى تولۇق ئەملەنگەن بولسىمۇ، ئەمما جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە يېتىۋاتقان بىمارلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېيتتى.
دۇنيانىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق مېدىتسىنا ژۇرناللىرىنىڭ بىر بولغان Lancet ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان سىنوۋاك ۋاكسىنىسىنىڭ تۇنجى سىناق نەتىجىلىرىدە ۋاكسىنىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن ۋاكسىنىنىڭ كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ساقايغان بىمارلارغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ تۆۋەن ئىممۇنىتېت كۈچى شەكىللەندۈرگەنلىكىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
خىتاي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ باشلىقى گاۋ فۇ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنىلارنىڭ قوغداش كۈچىنىڭ يۇقىرى ئەمەسلىكىنى ئېيتقان بولۇپ، «جەنۇبى خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گاۋ فۇ مەزكۇر ئەھۋالنىڭ بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر بايانات خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، گاۋ فۇ كېيىن سۆزلىرىنىڭ خاتا چۈشەنچە شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ سۆزىدىن يېنىۋالغان.
تەخمىنەن 19 مىليون نوپۇسقا ئىگە چىلىنىڭ جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدە ئەڭ كۆپ ۋاكسىنا ئەملەنگەن دۆلەت بولۇشىغا قارىماي، كورونا ۋىرۇسى ۋەقەلىرىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىشى خىتاي ۋاكسىنىسىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىدىن قاتتىق گۇمانلىنىشقا سەۋەب بولماقتا.
چىلىدا 13 مىليون تال ۋاكسىنا ئۇرۇلغان بولۇپ، چىلى ئاساسلىقى خىتاينىڭ سىنۇۋاك ۋاكسىنىسىنى ئىشلەتكەن ئىكەن.
ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوختۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارادا نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر خىتايدىن خىتاي ۋاكسىنىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ تەلەپلەر ھازىرغىچە جاۋابسىز قالدى. ۋاكسىنا ئەملىگەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئاز بولۇشى ۋە ۋاكسىنىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولماسلىقى مېنىڭچە تۈركىيەدىكى ۋابانىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى.»
خىتاي ۋاكسىنىسىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشلار بىلەن بىرگە، ۋاكسىنىلارنىڭ تىز سۈرەتتە ئەملەنمەسلىكىمۇ قاتتىق ئەيىبلەنمەكتە. تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ توختام بويىچە ۋاكسىنىلارنى دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بەرمىگەنلىكىنى ئېيتماقتا.
27-مارت كۈنى تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فەھراتتىن كوجا ئەپەندى خىتاينىڭ ئاۋۋال ئىچكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ۋاكسىنا ئېكسپورت قىلىشقا چەكلىمە قويغانلىقىنى، لېكىن تۈركىيە خىتاي ۋاكسىنىسىنىڭ تېببىي سىناقلىرىغا قاتناشقان دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن يەنىلا ۋاكسىنا ئالالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
تۈركىيە ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا خىتاينىڭ سىنوۋاك ۋاكسىنىسىدىن 100 مىليون تال سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزگەن بولۇپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىدە رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ فېۋرالدا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان ۋاكسىنىلارنى ھازىرغىچە ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
بىراق ۋاكسىنا بىر ئاي ئۆتكەن بولسىمۇ تۈركىيەگە يېتىپ كەلمىگەن. فەھراتتىن كوجا بۇ ئەھۋالغا ئېنىقلىما بېرىپ، سىنۇۋاك شىركىتىنىڭ توختامدىكى ۋاقىتقا ئەمەل قىلمىغانلىقىنى، 4-ئاينىڭ ئىچىدە 100 مىليون ۋاكسىنا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك بولسىمۇ، تېخىچە يوللىمىغانلىقىنى ئېيتقان.
تۈركىيەنىڭ قولىدا يېتەرلىك ۋاكسىنىنىڭ بولماسلىقى ۋاباغا قارشى كۈرەشتە ئېغىر مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. خەلق ساغلاملىقى مۇتەخەسسىس پروفېسسور كايىھان پالا ئەۋرىنسەل گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: «دۆلىتىمىز نوپۇسىنىڭ 9.5 پىرسەنتى 2 قېتىملىق ۋاكسىنىسىنى ئەملەتتى. بۇ سۈرئەت بىلەن ۋاباغا كۈچلۈك جاۋاب قايتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.»
ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىدىن Dorian Jones نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە خىتايدىن كېلىدىغان ۋاكسىنىلارغا تايىنىپ قىلىشى تۈركىيەدە قاتتىق ئەيىبلەنمەكتە.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ۋاكسىنىلارنى ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللانماقتا ئىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان لىۋېرپول ئۇنىۋېرسىتېتىدىن جەرەن ئەرگىنىچ خانىم تۈركىيەنىڭ ئېغىر دەرىجىدە خىتاي ۋاكسىنىسىغا تايىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتقان ۋە خىتاينىڭ بۇ كوزىرنى قوللىنىپ ۋاكسىنىنى داۋاملىق كېچىكتۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالغان.
كۆزەتكۈچىلەر ۋاكسىنىنىڭ كېچىكىشى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە خىتاينىڭ ئەنقەرەگە بېسىم قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارىماقتا.
مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ۋاكسىنا دىپلوماتىيىسى ئارقىلىق تۈركىيەدە نوپۇزىنى ئاشۇرۇشقا، تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇل-مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىغا مەبلەغ سېلىش، ۋاكسىنا ياكى قەرز قىلتىقى دىپلوماتىيىسى قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تۈركىيەدە تەسىرى ۋە نوپۇزىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقان بولۇپ، تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر بۇ نۇقتىدا ھۆكۈمەتنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە.