خىتاينىڭ تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىشىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
2021.04.30
تۈرك سىياسەتچىلەر ۋە بەزى ژۇرنالىستلار خىتاي ۋاكسىنىسىنىڭ كېچىكىشى، تۈركىيە پارلامېنتىغا تاپشۇرۇلغان «تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدا جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نى تۈركىيەنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشىنى ۋە خىتاي قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە خىتاينىڭ ئەنقەرەگە بېسىم قىلىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
«ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئايدىن سەزگىن ئەپەندى 28-ئاپرېل كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتاي ۋاكسىنىسىنىڭ تۈركىيەگە ۋاقتىدا بېرىلمەسلىكىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سوراپ، مۇنداق دېگەن: «سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن قوجا ئەپەندى 2-ئايدا بەرگەن باياناتىدا خىتاينىڭ 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تۈركىيەگە 100 مىليون سىنوۋاك ۋاكسىنىسى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى، ئەمما ھۆرمەتلىك مىنىستىر بىر نەچچە كۈن بۇرۇن بەرگەن باياناتىدا خىتاينىڭ بۇ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا كۈتۈۋاتقان ‹تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئارا قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى› ۋە خىتاي تۈركىيەدىن تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بار-يوقلىقىنى ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
بۇ خەۋەر «قۇلىس گېزىتى» نىڭ 29-ئاپرىل كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خەۋەردە پارلامېنت ئەزاسى ئايدىن سەزگىن ئەپەندىنىڭ بۇرۇنمۇ كۆپ قېتىم بۇ ھەقتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن سوئال سورىغانلىقى، ئەمما ھازىرغىچە جاۋاب ئالالمىغانلىقى بايان قىلىنغان.
تۈركىيە 2020-يىلى 11-ئايدا خىتاينىڭ سىنوۋاك ۋاكسىنىسىدىن 100 مىليون تال سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭ 50 مىليون تېلى تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق قالغان قىسمى يېتىپ كەلمىگەن. تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فەھراتتىن كوجا بۇ توغرىلىق ئېنىقلىما بېرىپ، سىنوۋاك شىركىتىنىڭ توختامدىكى ۋاقىتقا ئەمەل قىلمىغانلىقىنى، 4-ئاينىڭ ئىچىدە 100 مىليون ۋاكسىنا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك بولسىمۇ، تېخىچە يوللىمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئاۋۋال ئىچكىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ۋاكسىنا ئېكسپورت قىلىشقا چەكلىمە قويغانلىقىنى ئېيىتقان.
4-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ تۈركىيەدىكى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى تېزدىن ئۆرلىگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت 22 مىليونغا يېقىن كىشىنى ئەملىگەن بولسىمۇ، كۈنلۈك يۇقۇملىنىش نەسبىتى كۆپىيىپ ماڭغان ئىدى. تۈركىيە گەرچە گېرمانىيەدە ئىشلەپ چىقىرىلغان بىيونتەك ۋاكسىنىسىدىنمۇ ئىمپورت قىلغان، رۇسيەدىن ۋاكسىنا ئېلىش ئۈچۈن رۇسيە بىلەن كۆرۈشۈۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ سىنوۋاك ۋاكسىنىسىنىڭ ۋاقتىدا يېتىپ كەلمەسلىكى ۋاباغا قارشى كۈرەشتە ئېغىر مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. غازى ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا فاكۈلتېتىنىڭ پروفېسسور مۇستافا نەجمى ئىلخان ئەپەندى «خەبەر تۈرك» تېلېۋىزىيەسىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىز نوپۇسىنىڭ 10 پىرسەنتكە يېقىنى 2 قېتىملىق ۋاكسىنىنى ئەملەتتى. ۋاباغا كۈچلۈك زەربە بېرىش ئۈچۈن 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە نوپۇسىمىزنىڭ 70 پىرسەنتىنى ئەملەپ بولۇشىمىز كېرەك. ھازىرقى سۈرئەت بىلەن ۋاباغا كۈچلۈك جاۋاب قايتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.»
خىتاينىڭ تەلەپلىرىنى تۈركىيە تەرەپ ئورۇنلىمىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي تۈركىيەگە ۋەدە قىلغان 50 مىليون تال سىنوۋاك ۋاكسىنىسىنى بەرمىگەن بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئېنىق بىلەلمەيمىز، نېمىشقا دېسىڭىز، ئەگەر تۈركىيە ھۆكۈمىتى ‹جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئارا قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى››نى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈمىز دەپ ۋەدە بەرگەن بولسا، شۇنداق بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر تۈركىيە خىتايغا بۇنداق ۋەدە قىلمىغان بولسا، خىتاي بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىدىمۇ، بۇنىمۇ ياخشى بىلمەيمىز. لېكىن بۇنداق بولۇش ئېھتىمالى بارمۇ دېسىڭىز، بار بولۇشى مۇمكىن. خىتاي 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە جەمئىي 100 مىليون تال سىنوۋاك ۋاكسىنىسى بېرىمەن دەپ، يېرىمىدىن كۆپرەكىنى بەرمىگەن بولسا، بۇنىڭ سەۋەبلىرى زادى نېمە؟ تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشى كېرەك.»
فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈپەيلى ھۆكۈمەتنىڭ قېيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «تەبىئىيكى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈپەيلى تۈرك خەلقى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى بىلىپ كەتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت ھازىر قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. تۈركىيە ئۆز تارىخىدا كۆرۈلمىگەن شەكىلدە قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. نېمىشقا دېسىڭىز، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىر قانچە ئايدىن بۇيان تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ مۇنازىرە كۈنتەرتىپىگە كەلدى. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەنقەرە شەھەر باشلىقى بىلەن بىر پارتىيەنىڭ رەئىسىگە ھەددىدىن ئاشقان سۆزلەرنى قىلىشىغا قارىتا ھۆكۈمەت تۈزۈك ئىنكاس قايتۇرمىدى. خىتاي تۈركىيەنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلاشسىمۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىر نەرسە دېمىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىرغىچە تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا ھۆكۈمەت خىتاي بىلەن بولغان ئىشلار توغرىسىدا خەلققە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشى كېرەك. بولمىسا خەلقنىڭ كاللىسىدا گۇمان پەيدا بولۇش داۋام قىلىدۇ.»
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئارا قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى» خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن بولسىمۇ، تۈركىيە پارلامېنتىدا تېخى مۇزاكىرىگە قويۇلمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، 8-ئاپرىل كۈنى تۈركيە سوت مەھكىمىسى ئىستانبۇل چاغلىياندىكى ئادالەت سارىيىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابىي ئابدۇلقادىر ياپچان ئۈستىدىن يېپىق سوت ئېچىپ، خىتاينىڭ قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدى. سوت مەھكىمىسى ئابدۇقادىر ياپچان دېلوسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىككە چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور فەرھات قۇربان تەڭرىداغلى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەگە سىنوۋاك ۋاكسىنىسىنى بەرمەسلىكىنىڭ بۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
فەرھات قۇربان تەڭرىداغلى ئەپەندى خىتاينىڭ تۈركىيەگە ۋاكسىنىنى ۋاقتىدا بەرمەسلىكىنىڭ ھەممە كىشىنى ئويغا سالغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆزەتكۈچىلەر بۇندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتتە كورونا ۋاكسىنىسىنى كوزېر قىلىپ، ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.