ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان دۇنياغا تېز سۈرئەتتە يامرىغان كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ نورمال ھاياتىغىمۇ زور داۋالغۇشلارنى ئېلىپ كەلدى. بۇ جەرياندا تۈركىيەدە كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ياكى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۈنسايىن ئاشتى. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەدە ھازىرغا قەدەر 30 نەپەر ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ كورونا ۋىرۇسىدىن قازا تاپقانلىقىنى، 3000 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈردى. قازا تاپقان كىشىلەر ئارىسىدا غوجا ئابدۇللاھ خوتەن، دوختۇر نېمەت رەشىدى، تۇرغۇنجان ئۇيغۇرتۈركئوغلۇ، يازغۇچى تۇرسۇن يۇنۇس، مەمەت ئېلى ئەسەكە، مۇسا چالىشقان، ئەزىز ھاجىم بۇرۇت، ئۆمەرجان روزى قاتارلىقلار بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە سەفاكۆي رايونىدىن 10 نەپەر، باشاق شېھىر رايوندىن 5 نەپەر ئۇيغۇر بولۇپ، جەمىئىي 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇر كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا تاپقان ئىكەن.

غەيرى-رەسمىي ئىستاتېستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە 70-80 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆي، ئاقساراي ۋە بەيلىكدۈزۈ رايونلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر رايونلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقۇرى ئىكەن. بۇنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرسى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتنىڭ كورونا ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك تۈزۈم-قائىدىلىرىگە رىئايە قىلماسلىقىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى تۈركىيەدە كورونا ۋىرۇسىدىن قازا تاپقان كىشىلەر سانىنىڭ يۇقۇرىلىقىنىڭ كىشىنى ئەندىشىلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى، ھازىرغىچە ئۇيغۇرلاردىن 30 ئەتراپىدا كىشىنىڭ كورونا ۋىرۇسىدىن قازا تاپقانلىقىنى، 3 مىڭ ئەتراپىدا كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە زور ئەھمىيەت بېرىدىغان مىللەت بولغاچقا، كورونا ۋىرۇسىغا سەل قاراپ، ھەتتا سىرتقا چىقىش چەكلەنگەن كۈنلەردىمۇ توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ، چاي ۋە مېھماندارچىلىققا داۋام قىلغانلىقىنى، شۇڭا بۇنداق ئېغىر ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى بايان قىلدى.
بىز بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ، بىر ھەپتە ئىچىدە تۈگەپ كەتكەن مەھمەت ئەلى ئەسەكە ئەپەندىنىڭ ئوغلى مەمەت نۇر ئەسەكە ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. 1979-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان مەمەت ئېلى ئەسەكە ئەپەندى 70 ياشتا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ۋاپات بولغان. مەرھۇمنىڭ ئوغلى مەمەت نۇرى ئەپەندى دادىسىنىڭ كونا كېسەللىكىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ بىر ھەپتىدىن كېيىنلا تۈگەپ كەتكەنلىكىنى، ئائىلىدىكى باشقا كىشىلەر يۇقۇملانغان بولسىمۇ، ئەمما ساقايغانلىقىنى بايان قىلدى.
1979-يىلى سابىق شىنجاڭ مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، 1985-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن، 1988-يىلىدىن تارتىپ تۈركىيەدە قۇرۇق يىڭنە بىلەن داۋالاش كەسپى شۇغۇللانغان دوختۇر نېمەت رەشىدى ئەپەندىمۇ كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئالەمدىن ئۆتكەن.
تۈركىيەدىكى شۇنچە كۆپ ئۇيغۇر كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان مۇنداق بىر ئەھۋالدا، ئۇيغۇر جامائىتى يۇقۇمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن زادى نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرەدىكى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا فاكۇلتېتى ئاممىۋى ساغلاملىق كافېدراسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور نامەتجان مەمەت ئەپەندى ۋاكسىنا نۆۋىتى كەگۈچە تازىلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ئارىلىق قويۇپ ئولتۇرۇش، ماسكا تاقاش قائىدىلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ھازىرغىچە تۈركىيەدە كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 41 مىڭ 885 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 5 مىليونغا يېتەي دەپ قالغان.