تۈركىيەدە تۇرۇپ شىفىرلىق پۇل ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان 18 خىتاي پۇقراسى تۇتۇلغان

تۈركىيە دائىرىلىرى تۈركىيەدە تۇرۇپ شىفىرلىق پۇل ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان 119 نەپەر خىتاي پۇقراسىنى تۇتقۇن قىلغان.

ت ر ت خەۋەرلەر تورىنىڭ 13-مارت خەۋەر قىلىشىچە، بۇلارنىڭ 18 نەپىرى رەسمىي گۇماندار 101 نەپىرى يۇقىرىقى گۇماندارلار تەرىپىدىن ئالدىنىپ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن ۋە مەجبۇرىي ئىشلىتىلگەن خادىملار ئىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، مەزكۇر گۇماندارلار ئىستانبۇلنىڭ سىلىۋرى ۋە بۈيۈكچەكمەجە رايونلىرىدىن توققۇز داچا ئىجارە ئالغان ۋە ساختا مۇلازىمەت مەركىزى قۇرغان. بۇ ۋەقە جىنايەت گۇرۇھى تەرىپىدىن زورلۇق بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلغان ئىككى ئىشچى داچىدىن قېچىپ خىتاي كونسۇلخانىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلغاندىن كېيىن ئاشكارىلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسى داچىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن دائىرىلەرگە، ئۆزلىرىنىڭ پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى خىزمەت ئېلانىغا ئىشىنىپ تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى، ئەمما تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن خىتايدىكى خېرىدارلارنىڭ پۇلىنى قويۇش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن ساختا شىفىرلىق پۇل (كومپيۇتېر ئارقىلىق قېزىلىدىغان رەقەملىك پۇل) سېتىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن تۈركىيە دائىرىلىرى 100 دىن ئارتۇق ساقچى خادىمى ۋە 30 ساقچى ئەترىتىنى ئىشقا سېلىپ ئەرزدە تەسۋىرلەنگەن داچىلارغا باستۇرۇپ كىرگەن.

نەتىجىدە 18 نەپەر جىنايەت گۇماندارىدىن باشقا، 1 مىليون 635 مىڭ 425 تۈرك لىراسى، 23792 يۈەن خىتاي پۇلى، 4020 فىلىپپىنلىق پېسوسى 123 پاسپورت، 32 كىملىك، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى، 712 يان تېلېفون، 64 ئۈستەل كومپيۇتېرى ۋە 48 خاتىرە كومپيۇتېرى، بانكا كارتىسى ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەرنى قولغا چۈشۈرلگەن.

پاسپورت خاتىرىسىگە قارىغاندا، مەزكۇر خىتاي جىنايەت شايكىسى ئۆتكەن بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ساياھەت ۋىزىسى بىلەن ئىستانبۇلغا كەلگەن ئىكەن.