خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2021-06-29
Share
خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرماقتا ئىستانبۇل ۋالىيسى ئالىي يەرلىكايا 22-ئىيۇن كۈنى خىتاي باش ئەلچىسى ليۇ شىياۋبىن بىلەن كۆرۈشتى.
Social Media

غەرب دۆلەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن G-7 ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدىن كىيىن، تۈركىيەدىكى خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى بارغانسېرى جانلىنىشقا باشلىغان.

«مىللىيەت» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەئىسنىڭ تاشقىي مۇناسىۋەت مەسلىھەتچىسى، ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى ئۈنئال چەۋىككۆز بىلەن ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى مانسۇر قىلىچ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى تاشقىي ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى جۇ رۇي بىلەن سىن سۆھبەت يىغىنى ئارقىلىق كۆرۈشكەن.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ 100-يىللىقى، تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئورناتقان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ 50-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ۋە ئورتاقلىقى تىلغا ئىلىنغان.

يىغىندا ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملارنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ 100-يىللىقىغا ھەمكارلىق تەكلىپى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي ئەلچىخانىسى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن باشقا يەنە ۋەتەن پارتىيەسى بىلەنمۇ بىر سىن يىغىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان خىتاي دىپلوماتلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىقى ۋە خىتاي-تۈركىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تور يىغىنىغا خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ مەدەنىيەت ئەلچىسى شى رۇيلىن، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ياش دىپلوماتلىرى ۋە ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ ياشلار گۇرۇپپىسى قاتناشقان.

يىغىندا «خىتايدا ‹كەركەرەن كۈردىستان پارتىيەسى› (PKK) گە قارشى ۋە تۈركىيەدە ئۇيغۇر تەھدىتىگە قارشى بىخەتەرلىك ئىڭى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟» دېگەن سوئالغا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مەدەنىيەت ئەلچىسى شى رۇيلىن مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: «خىتاي ۋە تۈركىيەدە مىللىي مۇستەقىللىقىمىزنى قوغداش بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز ۋە ئاساسىي سىياسىتىمىز. بەزى تەشكىلاتلارنىڭ تۈركىيەدە خىتايغا قارشى پائالىيەت كۆرسىتىشىگە بىز قارشى. بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۆمىد قىلىمىز.»

خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مۇھەممەت ئاتاۋۇللا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرى پائالىيەتلىرىنىڭ بىردىنلا جانلىنىشىنى، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى خىتايغا قارشى كەيپىياتنىڭ ئېشىشى ۋە غەرىبنىڭ خىتايغا قارشى ئىتتىپاقلىقىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 22-ئىيۇن كۈنى خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسى ليۇ شياۋبىن ئىستانبۇل ۋالىيسى ئالى يەرلىكايا بىلەن كۆرۈشكەن. سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ئاخباراتقا ئۇچۇر بىرىلمىگەن بولسىمۇ، كۈزەتكۈچىلەر مەزكۇر ئۇچرىشىشىنىڭ خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا داۋاملىشىۋاتقان «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئىھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

شىۋىتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى نىجات تۇرغۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنى مەيلى تۈركىيەدە مەيلى ياۋرۇپا ئىتىپاقىدا بولسۇن، كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بەزى يەرلىك تىللاردىكى گېزىت-ژورناللارنى پۇل ئارقىلىق سېتىۋىلىپ. ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى قىلىشقا سىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل ئەھۋاللارغا قارشى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىيتتى.

«مىللەت نۆۋەتتە» ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىللىرىدىن جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ تۈركىيەدىكى پائالىيەتچىلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينىڭ بۇ خىل پائالىيەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشى كىرەكلىكىنى ۋە يىڭى ئىستىراتېگىيەلەر تۈزۈپ چىقىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئېيتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىۋاتقان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرى سەۋەپلىك خىتاينىڭ ھەم ئەڭ ئەنسىرەيدىغان ھەم ئەڭ كۆپ مۇناسىۋەت قۇرۇشقا ئىنتىلىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت