مانىسا شەھىرىدە «خىتاي مەھەللىسى» نىڭ قۇرۇلىدىغانلىقى تۈرك خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا
2024.11.27
تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 400 مىڭ دوللارلىق ئۆي-مۈلۈك سېتىۋالغان چەت ئەللىكلەرگە تۈركىيە پۇقرالىقىنى بېرىش توغرىسىدىكى «ۋەتەنداشلىق قانۇنى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتايلارنىڭ بۇنىڭدىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇ قانۇندىن پايدىلىنىپ، تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈۋاتقان خىتايلارنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى، تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. نۆۋەتتە خىتاينىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشنى باھانە قىلىپ، تۈركىيەنىڭ بەزى شەھەرلىرىدە «خىتاي مەھەللىسى» قۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى تۈرك خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.
تۈركىيەدىكى تونۇلغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ چولپىنى سەلىم گۈلگەرەننىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىنى 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھەمبەھىرلىگەن. ئۇ، بۇ توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ داڭلىق بىر ماشىناسازلىق شىركىتى مانىسادا زاۋۇت قۇرىدىكەن. بۇ ياخشى خەۋەر، لېكىن بۇ زاۋۇتتا ئىشلەش ئۈچۈن 2500 نەپەر خىتاي مانىساغا كېلىپ جايلىشىدىكەن. مانىسادا ‹خىتاي مەھەللىسى› قۇرۇلىدىكەن. ئەگەر بۇنداق بىر توختامنامە تۈزۈلگەن بولسا، كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولماقتا. دۆلىتىمىزدە شۇنچە كۆپ خىزمەتسىز ياشلار ئىش كۈتۈپ تۇرۇقلۇق، نېمىشقا تۈركىيەگە بۇ خىتايلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟»
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلىگەن كىشى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، مانىسا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى فەردى زەيرەك ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، «خىتاي مەھەللىسى» ئەمەس، «خىتاي كوچىسى» قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ ب ي د (BYD) شىركىتى مەبلەغ سېلىپ مانىسادا قۇرىدىغان توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى 2026-يىلى ماشىنا ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىماقچى. مەزكۇر شىركەت بۇ زاۋۇتتا ئىشلىتىش ئۈچۈن 2 مىڭ 500 نەپەر خىتاي ئىشچىنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز مانىسادا ‹خىتاي مەھەللىسى› ئەمەس، خىتاي مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ‹خىتاي كوچىسى› قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز».
بىز مانىسا شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن بۇ ھەقتە بىۋاسىتە ئىنكاس ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا تېلېفون قىلدۇق. ئەمما ئۇلار سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
ئاندىن بىز «خىتاي مەھەللىسى» قۇرۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان مانىسا شەھىرى ئاقگېدىك مەھەللىسىنىڭ مەسئۇلى سەمىھ قۇرشۇنلۇ ئەپەندىگە تېلېفون قىلدۇق. بىز ئۇنىڭدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى، ئەرزان باھالىق سۈپەتسىز مەھسۇلاتلىرىنى تۆكمە قىلىپ پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ مىللىي سانائىتىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقى، شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن مانىسادا «خىتاي كوچىسى» قۇرۇپ، 2500 نەپەر خىتاي ئىشچىنى ئەكەلمەكچى بولغانلىقى توغرىلىق سورىدۇق. ئۇ، كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئەسلىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر ئىش. بىزنىڭمۇ رۇسىيەدە، گېرمانىيەدە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىۋاتقان شىركەتلىرىمىز بار. ئۇلارمۇ زاۋۇتىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىشچىلارنى تۈركىيەدىن ئاپىرىۋاتىدۇ. مەنچە، بۇلار نورمال مەسىلە».
بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تۈركىيەنىڭ «سائادەت» ۋە «كېلەچەك» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا مەسئۇلى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەڭ ياخشىسى خىتايلار كەلمىگەن بولسا ياخشى بولاتتى. كەلگەن تەقدىردىمۇ ‹خىتاي مەھەللىسى› ۋە ‹خىتاي كوچىسى› قۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. تۈركىيەدە يېتەرلىك ساندا ئىنژېنېر ۋە ماشىناسازلىق زاۋۇتىدا ئىشلىيەلەيدىغان دىپلوملۇق تېخنىك خادىملار بار. مەزكۇر زاۋۇتتا ئىشلەيدىغانلارنى خىتايدىن ئېلىپ كېلىشنىڭ ھاجىتى يوق».
ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرامۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى تەۋفىق ئەردەم ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي سالغان مەبلەغ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تۈركىيەگە قانچىلىك پەيدا كەلتۈرۈشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى تۈگىمىگۈچە، خىتاي ماللىرى تۈرك خەلقىنىڭ نەزەرىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان بىر مىللەت ئىشلەپچىقارغان مال ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي سالغان مەبلەغ قىسقا مۇددەتتە پايدىلىقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن مۇددەتتىن قارىغاندا ئۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىكى ۋە مونۇپۇللۇقىنىڭ بىشارىتى ھېسابلىنىدۇ».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزى ئىستانبۇلدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى مانىسادا قۇرۇلۇشنى پىلانلىنىۋاتقان «خىتاي مەھەللىسى» توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، تۈركلەرنىڭ خىتاينى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنى چۈشەنمەستىن بەزى كېلىشىملەر تۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بۇ يىل 6-ئاينىڭ 3-4-كۈنلىرى خىتايغا رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىنلا تۈركىيە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللارنىڭ تاموژنا بېجىنى 40 پىرسەنتكە ئۆستۈرگەنىدى. ھالبۇكى، 7-ئاينىڭ 8-كۈنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ماشىنىسازلىق شىركىتى بولغان BYD پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ قاتناشقان مۇراسىمدا تۈركىيەدە ماشىناسازلىق زاۋۇتى قۇرۇش ھەققىدىكى كېلىشىمگە قول قويغانلىقى مەلۇم.