تۈركىيەنىڭ قاھرامانماراش شەھىرىنى مەركەز قىلغان گازىئانتەپ، ئوسمانىيە، ھاتاي قاتارلىق ئون شەھىرىدە 2-ئاينىڭ 6-كۈنى كېچە سائەت 04:17 دە 7.6 بال يەر تەۋرەپ نۇرغۇنلىغان بىنالار ئۆرۈلۈپ چۈشتى ۋە نۇرغۇن كىشى يارىلىنىپ كۆپ ساندا كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئارىسىدا قاھرامانماراش سۈتچىئىمام ئۇنىۋېرىسىتېتىنى ئۆتكەن يىلى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياش ئابدۇللا ئالىممۇ بار بولۇپ، ئۇ، يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنانىڭ ئاستىدا قېلىپ 30 سائەتتىن كېيىن ساق چىقىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي جان ئۈزگەن.
تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن، يەنى 7-فېۋرال ئاخباراتلارغا بەرگەن مەلۇماتلىرىدا بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغىچە يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 4 مىڭغا يەتكەن، 22168 كىشى يارىلانغان، 8000 دىن ئارتۇق كىشى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنانىڭ ئاستىدىن قۇتقۇزۇلغان. قۇتقۇزۈش ھەرىكىتى جىددىي داۋام قىلماقتىكەن.
پرېزىدېنت ئەردوغان، يەر تەۋرىگەن گازىئانتەپ قاتارلىق 10 شەھەردە 3 ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلق ئاممىسى يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنانىڭ ئاستىدا قالغان كىشىلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قۇتقۇزۈش ھەرىكىتىگە قاتنىشىش سەپەرۋەرلىكى باشلىدى.
6-فېۋرال كۈنى 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشتىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا ئىستانبۇلدىن يولغا چىققان بولۇپ، مەزكۇر قۇتقۇزۈش ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇسالام تەكلىماكاننىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇ ئەترەت ماشىنا بىلەن 24 سائەت يول يۈرۈپ يەر تەۋرەش ئېغىر يۈز بەرگەن قاھرامانماراش شەھىرىگە يېتىپ بارغان.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تەركىب تاپقان 30 كىشىلىك قۇتقۇزۈش ئەترىتىنىڭ قاھرامانماراشقا بېرىپ قۇتقۇزۈش ھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق تۈركىيە خەلق ئاممىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پۈتۈن قىيىنچىلىقلاردا بىرگە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قۇتقۈزۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.
قۇتقۇزۈش ئەترىتى بىلەن قاھرامانماراشقا بارغان ئۇيغۇر ياش مەردان ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشتىن تەركىب تاپقان بىر قۇتقۇزۇش پىدائىي ئەترىتى قاھرامانماراش شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ ئالدى بىلەن ئۇ يەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە ئائىلىلىكلەرنى تېپىپ ئۇچراشقانلىقىنى، ئۇلارنى ئىستانبۇلغا يولغا سېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرى كەلگەن ماشىنىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، بىراق، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئۇ يەردە قېپ قېلىپ قۇتقۇزۈش ۋە ياردەم خىزمىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلاردىن 11 ئايال، 12 كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 23 كىشى ماشىنا بىلەن ئىستانبۇلغا يولغا سېلىنغان.
ئۇيغۇر قۇتقۇزۇش ئەترىتى يەنە يەر تەۋرەشتە ۋاپات بولغان ئابدۇللا ئالىم ئىسىملىك ئۇيغۇر ياشنىڭ مېيىتىنى دوختۇرخانىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ مەخسۇس بىر ماشىنا بىلەن ئىستانبۇلغا يولغا سالغاندىن كېيىن قۇتقۇزۈش ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتكەن.
مەردان ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يەردىكى ئىنسانلارنىڭ ئىنتايىن ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردىكى خەلقلەرگە ئۆزلىرى ئېلىپ بارغان نان ۋە سۇلارنى تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلگەن يەرلىك خەلقلەرنىڭ بەك خوش بولغانلىقىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
مەردان ئۇيغۇر، قاھرامانماراشتا بىنالارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سىرتتا ئۆي-ماكانسىز قالغانلىقىنى، ھاۋا سوغۇق ۋە قار يېغىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، ئەدىيال، يوتقان-كۆرپە ۋە چېدىر قاتارلىق ماددىي بۇيۇملارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
قاھرامانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرىسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئابدۇغېنى تاۋلان يەر تەۋرىگەندە بىنادىن قېچىپ چىققان بولسىمۇ بەك قورقۇپ كەتكەنلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە يەر يېرىلىپ ئۆزۈمنى يەر ئاستىغا كىرىپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلدىم، دېدى. بىراق ئۇ ئىستانبۇلغا قايتماستىن قۇتقۇزۈش ئىشلىرىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن شۇ يەردە قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ پىدائىي بولۇپ ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەركىزى ئىستانبۇلدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە يارىلانغانلارنىڭ قانغا بولغان ئھېتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى قان بېرىشكە چاقىرىق قىلغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى قىزىلئاي قان مەركىزىگە بېرىپ قان بېرىشنى ئۆزىدىن باشلىغان.
بىز يەنە يەر تەۋرەش ئاپىتى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قاھرامانماراش سۈتچىئىمام ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ 4-يىللىق سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئابدۇللا تاغلىق ئىسىملىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابدۇللا تاغلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆزى تۇرىدىغان بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشمىگەن بولسىمۇ يېرىلىپ چاك كەتكەن، ئۇ بىنادىن چىقىپ بىخەتەر يەرگە يۆتكەلگەن. قاھرامانماراش شەھىرىدىكى 80% بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ ساق قالغان بىنالارغىمۇ چاك كەتكەن.
ئابدۇللا تاغلىق ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ جىددىي قۇتقۇزۈشقا ئېھتىياجى بارلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىستانبۇلغا قايتماي قۇتقۇزۈش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ تۈرك خەلقىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن شۇ يەردە قېپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشكە ئالاقىدار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشىكىلاتلار تەزىيەنامە ئېلان قىلىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچراپ قىيىن كۈنلەردە قالغان تۈركىيە خەلقىنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى، ماددىي-مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەملىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشتى.