تۈرك دۇنياسىدا تونۇلغان تۈركولوگ، ئۇيغۇرشۇناس، «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە ئەلىشىر نەۋائىي تەتقىقاتچىسى، ئەزەربەيجان باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى رامىز ئاسكەر ئەپەندى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئالەمدىن ئۆتتى.
تۈركىيەدە شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە تۈركولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن تونۇلغان تۈركولوگ، ئۇيغۇرشۇناس پىروفېسسور رامىز ئاسكەر ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى تۈركىيەدىكى تۈركولوگلارنى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ماتەمگە چۆمدۈردى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەممە بىردەك رامىز ئاسكەرنىڭ ۋاپاتىنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتىدىكى زور بىر يوقىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.
پىروفېسسور رامىز ئاسكەر ئەپەندى، مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىنى ئەزەربەيجان ۋە رۇس تىللىرىغا تەرجىمە قىلغان. «قۇتادغۇ بىلىگ بىبلىئوگرافىيەسى» ناملىق ئەسىرى 2016-يىلىدا باكۇدا نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ 150 پارچە ئەتراپىدا ماقالىسى كۆپ ساندا تەرجىمە ئەسىرىمۇ نەشر قىلىنغان.
ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆز تەزىيەلىرىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەرھۇم رامىز ئاسكەر ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتلىرىنىڭ ئىلمىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رامىز ئاسكەر ئەزەربەيجاننىڭ ئىچى-سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»، خاقانىيە تىلى، «قۇتادغۇ بىلىگ»، چاغاتاي تىلى ۋە ئەلىشىر نەۋائىي توغرىسىدا دوكلاتلارنى بەرگەن. ئۇنىڭغا «تۈركىي تىللار دىۋانى» ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن ئەزەربەيجان2017-يىلى مەھمۇد كاشىغەرى مېدالى بەرگەن.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىۋاتقان «تۈركىستان» گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى ئاقىل جامال ئەپەندى بىزگە ئۇچۇر ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ، مەرھۇم رامىز ئاسكەرنىڭ ئۆمرىنى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ، «قۇتادغۇ بىلىگ» تەتقىقاتىغا ئاتىغان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى، 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە مەيدانغا كەلگەن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ ماقالە يېزىپ ئېلان قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ سەمىمىي ۋە سادىق دوستى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، مەرھۇم رامىز ئاسكەر ئەپەندىنىڭ داڭلىق بىر تۈركولوگ ئىكەنلىكىنى ھازىرغىچە كۆپ كىتاب ۋە ئىلمىي ماقالە يېزىپ نەشر قىلدۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭ ۋاپاتى تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ زور بىر يوقىتىش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
رامىز ئاسكەر ئەپەندى 1954-يىلى ھازىرقى ئەرمېنىيە چېگراسى ئىچىدىكى گۈمرۈ ۋىلايىتىنىڭ ئاماسيا ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن1978-يىلى موسكۋا لومونوسوف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخباراتچىلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1983 يىلىدىن 1992-يىلىغىچە ئەزەربەيجاندىكى گېزىت ۋە ژۇرناللاردا تەھرىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن، 1992-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە ئەزەربەيجان ژۇرنالىستلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن 2000. -يىلىدىن باشلاپ ئەزەربەيجان باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە فاكۇلتېتىدا خىزمەت قىلماقتا. «تۈركىي تىللار دىۋانى» ھەققىدە دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى، «قۇتادغۇ بىلىگ» ھەققىدە پىروفېسسورلۇق ئىلمىي ماقالىسى يازغان رامىز ئاسكەر ئەپەندى ھازىرغىچە كۆپ ساندا خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
رامىز ئاسكەر ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە باشقا مەسىلىلەر بويىچە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.