خىتاي تۈرمىلەرگە تاشلىغان 120 مۇخبىرنىڭ 80 نەپەردىن كۆپرەكى ئۇيغۇر

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2022.05.04
خىتاي تۈرمىلەرگە تاشلىغان 120 مۇخبىرنىڭ 80 نەپەردىن كۆپرەكى ئۇيغۇر «خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىك كۈنى» گە ئاتاپ ئىشلەنگەن كارتون.
Photo: RFA

دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا مۇخبىرلار، ئاخبارات خادىملىرى ئوخشىمىغان خەتەرگە، تەھدىت ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كەلمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى: «مۇخبىرلارنىڭ ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنماي تۇرۇپ، ئاخبارات ئەركىنلىكى مەۋجۇت بولمايدۇ. ئاخبارات ئەركىنلىكى بولماي تۇرۇپ، دېموكراتىيە مەۋجۇت بولمايدۇ» دېگەن بۇ پرىنسىپ ئاساسىدا، 1993-يىلى 3-مايدا، بۇ كۈننى خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىك كۈنى قىلىپ بېكىتكەنىدى.

ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغداشنى، مۇخبىرلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ۋەزىپە قىلغان نوپۇزلۇق تەشكىلاتلاردىن «خەلقئارا چېگراسىز مۇخبىرلار» تەشكىلاتى 3-ماي كۈنى، 2022-يىللىق خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا جەمئىي 180 دۆلەتنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى باھالانغان بولۇپ، خىتاي 175-ئورۇنغا تىزىلغان. مەزكۇر دوكلاتتا، ژۇرنالىستلار، يازغۇچى-ئەدىبلەر ئەڭ كۆپ قاماققا ئېلىنىدىغان قىزىل كاتېگورىيەدىكى «ئەڭ ناچار» دەپ ئايرىلغان 12دۆلەتنىڭ ئىچىدە خىتاي 6-ئورۇنغا تىزىلغان.

ئۇ ئەڭ ئاخىرقى 176-ئورۇندىكى بىرما، 180-ئورۇندىكى شىمالىي كورېيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆرسەتكۈچتىكى قىزىل كاتېگورىيەگە ئايرىلغان ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەتنىڭ بىرى بولغاندىن سىرت، مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ قاماققا ئالغان دۆلەت بولۇشتەك رېكورتىنى ساقلاپ قالغان.

خىتاي كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىنتېرنېت تور چەكلىمىسى، نازارەت ۋە تەقىبلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنىكەن.

دوكلاتتا، خىتايدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، خىتاي دۆلەتلىك رادىيو ئىستانسىسى (CNR) ۋە «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى»، «خەلق گېزىتى» ۋە «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى»، «يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى» (CGTN) ۋە «خىتاي خەلقئارا رادىيوسى (CIR) قاتارلىق ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدا، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىۋاسىتە كونترول قىلىنىدىغان، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە تەكشۈرۈشى بىلەن دۆلەت ئىچى-تېشىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان ئورۇنلار ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دائىم ئۇچۇر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىپ، ژۇرنالىستلارنى تېخىمۇ جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى «جاسۇسلۇق»، «ئاغدۇرمىچىلىق» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، تۇتقۇن قىلىپ، قانۇنسىز سولاپ، ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ، قىيىن-قىستاققا ئېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. دوكلاتتا، شى جىنپىڭنىڭ 2013-يىلدىن باشلاپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى ئەندىزىنىڭ ئەينەن ئۆزىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى، بۇ دەۋردە ئەركىن ئۇچۇرغا ئېرىشىش چوڭ جىنايەتكە ئايلىنىپ، خىتاينىڭ دۆلەت ۋە خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تاراتقۇلارنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ مۇتلەق كونتروللۇقىدا بولغاندىن باشقا، چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۈچۈن خىتاينىڭ تېخىمۇ كۆپ توسالغۇ پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى مۇستەقىل ژۇرنالىستلارغا قارىتا «سەزگۈر» دەپ قارايدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە دوكلات بېرىشتىن توسۇش، مەجبۇرىلاش، تەھدىت سېلىش ۋە قىيناش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىدۇ.

خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇخبىرلار تۇتقۇن قىلغان دۆلەت، ھازىر 120 دىن ئارتۇق كىشى تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن.

خىتايدىكى تۈرمىلەرگە قامالغان بۇ مۇخبىرلارنىڭ تىزىملىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە ئۇلارنىڭ 80 نەپەردىن ئارتۇقىنى ئۇيغۇر ژۇرنالىست ۋە مەتبۇئات خادىملىرى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇلار: تۇتقۇن قىلىنغانلىقى 8 يىلدىن ئاشقان «ئۇيغۇر بىز» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۆمۈرلۈك قاماققا مەھكۇم قىلىنغان ئىلھام توختى، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى، 5 يىلدىن ئارتۇق غايىب قىلىنىپ، 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەن ئاتاقلىق ژۇرنالىست قۇربان مامۇت، 20 يىللىق كېسىلگەن ئىلى ئوبلاستى تېلېۋىزىيەسىنىڭ تالانتلىق رېژىسسورى ئەركىن تۇرسۇن، «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق كېسىلگەن تونۇلغان ئەدەبىي ئوبزورچى يالقۇن روزى ۋە يەنە گۈلمىرە ئىمىن، ئاتىكەم روزى ۋە چىمەنگۈل ئاۋۇت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خىتاينىڭ ژۇرنالىستلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىنىڭ تىپىك مىسالى سۈپىتىدە، داۋاملىق تۈردە ھەر خىل دوكلاتلاردا ئىسمى تىلغا ئېلىنىپ كېلىۋاتقان ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى قىزى جەۋھەر ئىلھام، خىتاينىڭ بۇ يىلمۇ ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەتلىك رېكورتىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «دادام پەقەت بىر تىپىك مىسال، خىتاي يالغۇز دادام ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاخباراتچىلارنى ئادالەتسىز ھالدا جازالاپلا قالماي ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىمۇ جازالىماقتا، ئۇلارمۇ ئوخشاش ئازاب چەكمەكتە» دېدى.

خىتاينىڭ مۇستەبىتلىكى بىلەن مۇخبىرلار دۇچ كېلىۋاتقان خەتەر كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان پەيتتە، دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسنىڭ باشلىقى بەي فاڭ مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئەركىن ئاخبارات ۋە ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئاسىيادىكى ئاممىغا خەۋەر بېرىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ باشلىقى بەي فاڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچرىشىنى قاتتىق تەنقىدلىدى ۋە بۇنىڭغا خاتىمە بېرىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئاخبارات رايونىدا خىتايغا قاراتقان قاپلاش مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر بۆلۈمىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

2017 ‏-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى، لاگېرلارنىڭ ئىچكى سىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى پاش قىلىپ كېلىۋاتقان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى نۇقتىلىق ۋە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغانىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرىغا ئاشكارا تۆھمەت قىلىش ۋە تەھدىت قىلىشنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. بۇلتۇر خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىپ يىغىنىدا، بىر مۇخبىرىمىزنى ئاتالمىش «تېررورلۇق» گۇرۇپپىسى بىلەن چېتىشلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن 2017-يىلى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسا، يېقىندا يەنە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنى «ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ خادىمى» دەپ قارا چاپلىغان ۋە شۇ ئارقىلىق ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خەۋەر ۋە ئاخباراتلىرىنىڭ ئېتىبارىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

«ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ 8 نەپەر مۇخبىرىنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھازىرمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇنىدا، ئۇلار ئاساسەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرىنىڭ ئامېرىكىدا پەقەت ژۇرنالىستىك خىزمىتى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان.

«ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ، تۇتقۇن قىلىنىشى، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ۋە شۇنداقلا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان بىر مەسىلە.

باش شتابى ۋاشىنگىتوندىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ «مۇخبىرلىق جىنايەت ئەمەس» دېدى.

ئۇ شۇنداقلا «خەلقئارا چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» نىڭ 2022-يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ يەنىلا دۇنيادىكى مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ قامىغان دۆلەت بولۇشتەك ئورنىنى ساقلاپ قالغانلىقىدىن ھېچ ھەيران قالمىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىلا دۇنيادا مۇخبىرلارنى ھەممىدىن كۆپ قاماققا تاشلىغان دۆلەت بولۇپ باھالانغانلىقىدىن ھەيران قالمىدىم. بىگۇناھ ھالدا خىتاي تۈرمىلىرىگە قامالغان 120 نەپەر مۇخبىرنىڭ 80 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇخبىر ئىكەنلىكىدىن تېخىمۇ ھەيران قالمىدىم. خىتاي ھۆكۈمىتى يالغۇز ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر مۇخبىرلارنى باستۇرۇپلا قالماي، ھەتتا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرىمۇ ئىشلىگەن خەۋەرلىرىنىڭ پەيدا قىلىۋاتقان تەسىرلىرى سەۋەبلىك ئوخشىمىغان تەھدىتلەرگە ئۇچراپ، بەدەل تۆلىمەكتە. ئۇلارنىڭ خىتايدا نېمىلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مۇھىم ۋە پاكىتلىق دوكلاتلىرى خىتاينى راھەتسىز قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق».

سوفىي رېچاردسون يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھەققىدىكى بۇ باھا ھەيران قالارلىق ئەمەس دېگەنلىك، ئۇنى قوبۇل قىلغانلىق ئەمەس. بولۇپمۇ بىز، ئۇيغۇر رايونىدا نېمىلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئەڭ موھتاج پەيتتە دەل بۇ مۇخبىرلار، ئۆز ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي، ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇشى، يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك، جىنسىي تاجاۋۇز، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ تېررورلۇق، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش دېگەندەك ئېغىر جىنايەتلەر ئارتىلىپ يۇقىرى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلىقىدەك مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىدى. بىز بۇ ژۇرنالىستلار سەۋەبلىك پاكىتلارغا ئېرىشەلەيمىز. ئۇلار بولمىغان بولسا دۇنيا شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە گۇمان بىلەن قارىغان بولاتتى. شۇڭا بۇ مۇخبىرلارنىڭ ژۇرنالىستلىق خىزمىتىگە يول قويغان بولسا ئەسلى ئۇنىڭغا پايدىلىق بولاتتى. ژرنالىستلىق جىنايەت ئەمەس».

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دۇنيا ئاخبارات كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تۇنقۇندىكى بارلىق ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا ۋە ئۇلارنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىق قىلدى.

دولقۇن ئەيسا گەرچە «چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» بۇ دوكلاتىدا 80 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ژۇرنالىستنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، باستۇرۇشقا ئۇچرىغان ئۇيغۇر يازار ۋە ئاخباراتچىلارنىڭ سانىنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپلۈكىنى تەكىتلىدى.

خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىكى ئۆلچەملىرى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»، «پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقلار خەلقئارا ئەھدىنامىسى» گە ئوخشاش بىر قاتار قانۇنىي ئاساسلارغا تايىنىدۇ. ئاخبارات ئەركىنلىكى «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى» نىڭ 35-ماددىسىدىمۇ كاپالەتكە ئىگە دەپ بېكىتىلگەن.

«چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، يەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا 2022-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېلخەت ئەۋەتىپ، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىچېل باچېلېتنى 5-ئايدا خىتايغا قىلماقچى بولغان زىيارىتى داۋامىدا خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىدىكى ناچار ھالىتىنى ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى. 3-ماي دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىدە خىتاي يەنىلا دۇنيانىڭ تەنقىد نىشانى بولماقتا.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 3-ماي دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىدە قىلغان مەخسۇس باياناتىدا دۇنياغا مۇنداق چاقىرىق قىلدى: «بۈگۈنكى بۇ دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىدە، مەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ژۇرنالىستلارنىڭ كۆرسەتكەن جاسارىتى ۋە تۆلىگەن بەدىلىگە ئاپىرىن ئوقۇيمەن ۋە شۇنداقلا باشقىلارغا خەۋەر، تەلىم ۋە مەرىپەت بېغىشلىغانلارغا مەدھىيە ئوقۇيمەن. ئەركىن ۋە مۇستەقىل مەتبۇئاتنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىپىسى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ مۇھىمدۇر».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.