مارالبېشىدىكى بىر ساقچى خادىمى: تۈرمىنىڭ ئورنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىدۇر

0:00 / 0:00

مۇخبىرىمىز يېقىندا تۈرمە ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قەشقەر ۋە خوتەندىكى ئالاقىدار -ئىدارە ئورگانلارغا تېلېفون قىلدى. ئالاقىدار خادىملار تۈرمىنىڭ ئورنى ۋە ماڭدىغان يوللىرى ھەققىدىكى سوئاللىرىغىمۇ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ھەتتا مارالبېشىدىكى بىر ساقچى تۈرمىنىڭ ئورنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغانلىقى، كىمكى بىرىگە تۈرمىنىڭ ئادرېسىنى دەپ بەرسە دەرھال بېرىپ ئۇنى تۇتقۇن قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

يېقىندا ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ خوتەننىڭ كېرىيە ۋە مارالبېشىدىكى تۇمشۇق تۈرمىلىرىدە دائىرىلەرنىڭ مەھبۇسلارنى ھەددىدىن تاشقىرى ئېغىر ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم ئۆلۈم ھادىسىلىرى كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خوتەن ۋىلايەتلىك تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى تۈرمىنىڭ ئورنى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋابەن، تۈرمىنىڭ ئورنىنى دەپ بېرىشنىڭ كىچىك ئىش ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرمىلەرنىڭ ئادرېسىنى بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدىن ئىزدىگىنىمىزدە كۈنەسنىڭ قارابۇغرا ۋە سانجىدىكى ئاياللارنىڭ تۈرمىسىنىڭ ئادرېسىدىن باشقا مۇتلەق كۆپ ساندىكى تۈرمىلەرنىڭ ئورنى تېپىلمىدى. ئاۋسترالىيەدىكى سىياسىي ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنى، ئالدىنقى يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى 386 لاگېرىنىڭ ئورنىنى سۈنئىي ھەمراھ ئارىلىق بايقىغان ۋە لاگېر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى ۋە سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلىغانىدى. ئەمما خىتاي تەرەپ سۈرەتتىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ لاگېر ياكى تۈرمە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ تۇرۇۋالغان ۋە ئۇنىڭ ياتاقلىق مەكتەپ ۋە دوختۇرخانا قۇرۇلۇشلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدىكى بىر ساقچىخانا خادىمىمۇ ئۈرۈمچىدىكى ئاياللار تۈرمىسىنىڭ ئورنى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. ئۇ بۇ ھەقتە يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى ئورگانلىرىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

كېرىيە تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى بىر خادىم، كېرىيەنىڭ تۈرمىسىنىڭ ئورنىنى دەپ بېرىشىنى سورىغىنىمىزدا، ئاۋۋال ئىش ئورنىمىز نامىدىن خەت -ئالاقە ئەۋەتىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى ۋە ئىدارە-ئورگانلارنىڭ ۋاسىتىچىلىقى بولماي تۇرۇپ تۈرمە ئادرېسىنى دەپ بېرىشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى ئېيتتى.

رادىيومىزغا كەلگەن يۇقىرىقى ئىنكاستا، ئىككى تۈرمىدىكى ئېغىر ئەمگەك ۋە ئۆلۈم ھادىسىلىرى ھەققىدە يىپ ئۇچى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمگەكنىڭ تۈرلىرى، ئۆلگۈچىنىڭ كىملىكى ۋە تۈرمىگە تۈرمىگە بېرىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە ئېغىز ئېچىلمىغانىدى. مارالبېشىدىكى بىر ساقچى خادىمى تۇمشۇق تۈرمىسىنىڭ ئورنى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى كەسكىن شەكىلدە رەت قىلدى. ئۇ تۈرمىنىڭ ئادرېسىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغانلىقىنى ئېنىق تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، ئەگەر كىمكى بىرىگە تۈرمە ئادرېسىنى دەپ بەرسە، دەرھال بېرىپ تۇتقۇن قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

يېقىنقى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، ئۇيغۇر ئېلىدا مەھبۇس ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تۈرمىدىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئاساسەن دېگۈدەك ئېكراندا كۆرۈشىدىغانلىقى ۋە ئېكراندىكى بۇ كۆرۈشۈشنىڭمۇ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ياكى ئەدلىيە ئىدارىلىرىدە ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا داۋام قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولغانىدى. بۇ ئېكراندا كۆرۈشۈشنىڭ تۈرمىلەرنىڭ ئورنىنى مەخپىي تۇتۇش بىلەن ئالاقىسى بار يوقلۇقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.