پوچتىخانا دۆلەت ئامانلىق خادىمى: تۈرمە ۋە مەكتەپلەرگە يوللانغان خەتلەر نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.11.26
International-Day-of-Political-Prisoners-Illustration-turme-lager-yettesu-katon.jpg خەلقئارا سىياسىي مەھبۇسلار كۈنى.
Yettesu

يېقىندا توققۇزاق ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى بىزگە ئىنكاس يوللاپ، توققۇزاق ناھىيەسىنىڭ مۇش يېزىسىدىكى ئاھالىلەردىن نۇرىمانگۈل ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە ئوقۇۋاتقان قىزىغا يازغان سالام خېتىدە «ئاللاھغا ئامانەت» دېگەن سۆز يېزىلغانلىقى ئۈچۈن، ساقچىخانىغا چاقىرتىلىپ سوراق قىلىنغانلىقى ۋە 15 كۈنلۈك سوراقتىن كېيىن، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بىلەن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، يەنە شۇ يېزىدىكى تۇراپ تۇرسۇن ئىسىملىك بىرەيلەن، ئۈرۈمچى 1 ‏-تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان ئوغلىغا يازغان سالام خېتىدە «بۇ قارا كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر» دېگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇپ سوراق قىلىنغان، سوراق داۋامىدا، ئۇنىڭ يەنە «باشقا جىنايەتلىرى» پاش بولۇپ قېلىپ، بۇ يىل 5 ‏-ئايدا 7 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، مۇش يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ يۇقىرىقى ئەھۋال ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. خادىملار، كونكرېت دېلولار ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پوچتىخانىلاردىمۇ دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ خەت-خالتىلارنى تەكشۈرۈش يولى بىلەن «دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقى» نى ئاشكارىلىدى.

بىز بۇ ساقچىخانا تەمىنلىگەن ئالاقە نومۇرىغا ئاساسەن توققۇزاق ناھىيەلىك پوچتىخانىنىڭ دۆلەت ئامانلىق ساقچى خادىمىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا سۆز قىلىپ، مۇقىملىققا چېتىشلىق خەت-خالتىلارنى ئۇچراتقان ھامان ئەھۋالنى دەرھال تەپتىش گۇرۇپپىسىغا دوكلات قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بىر يۈەن 50 پۇڭلۇق ماركا چاپلانغان ئادەتتىكى خەتلەر ئالاھىدە گۇمان قوزغىمىغۇچە تەكشۈرۈلمەيدىكەن، ئەمما ئۇنىڭدىن يۇقىرى باھالىق ماركا چاپلانغان زاكاس خەتلەر چوقۇم تەكشۈرۈلىدىكەن. بۇ خەتلەر ئېغىزى ئوچۇق ھالەتتە ئېلىپ كېلىنىشى شەرت ئىكەن، ئېغىزى يەملەنگەن زاكاس خەتلەر بولسا، ئىگىسىنىڭ خەۋىرىسىز ھالدا ئېچىپ تەكشۈرۈلىدىكەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ دېيىشىچە، مۇش يېزىسىدا مەكتۇپلىرىدا مەسىلە چىقىپ تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغان 10 نەچچە كىشىنىڭ مەكتۇپلىرى تۈرمىلەرگە ۋە ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەرگە يوللانغان بولۇپ، ئۇلار، تەۋەلىكىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر قول تېلېفونلىرىدىن مەسىلە چىقىپ كېسىلىپ كەتكەن بولغاچقا، خەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىشىنى بىخەتەر دەپ ئويلاپ قالغان، ئەمما سالام خەتلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن ئېچىپ تەكشۈرۈلۈپ قېلىشنى ئېھتىماللىقى تۆۋەن دەپ قاراپ قالغان. بەزىلىرى، ئۆزلىرى يازغان خەتلەردىكى بەزى سۆزلەرنىڭ «سەزگۈر» لىكىنى بىلمەي قالغان.

مەزكۇر دۆلەت ئامانلىق خادىمى يەنە، تۈرمىلەرگە ۋە مەكتەپلەرگە يوللانغان خەتلەرنىڭ نۇقتىلىق ھالدا تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ خادىم مۇش يېزىسىدىن تۇتقۇن قىلىنغان نۇرىمانگۈل ۋە تۇراپ تۇرسۇننىڭ سالام خەتلىرىدە كونكرېت قانداق مەسىلە چىققانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئەمما مەزكۇر يېزىدىن 10 نەچچە كىشىنىڭ سالام خېتىدىن مەسىلە چىقىپ تۇتۇلغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى ۋە ئۇلاردىن بىر قىسمىنىڭ نۆۋەتتە جازا ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيە، قازاقىستان ۋە ئەرەبىستان قاتارلىق 26 دۆلەتنى «سەزگۈر» دۆلەتلەر كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزگىنىدەك، بىر قىسىم دىنىي پۇراققا ئىگە بولغان ياكى مىللىي ھېسسىياتنى ئۇرغۇتىدىغان سۆزلەرنى «سەزگۈر سۆزلەر» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزگەن. ئەنە شۇ «سەزگۈر دۆلەتلەر» نى زىيارەت قىلغان ۋە تېلېفون سۆھبەتلىرىدە «سەزگۈر سۆزلەر» نى قوللانغان كىشىلەر، 2017 ‏-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا ئومۇميۈزلۈك ھالدا تۇتقۇن قىلىنغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.