تۈرمە ئەترەت باشلىقى: «تۈرمە تېرىلغۇ يەرلىرىنى خىتايلار ھۆددە ئالىدۇ، ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئىشلەيدۇ»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2023.10.02
urumchi-3-turme.jpg داۋانچىڭدىكى 3-نومۇرلۇق تۈرمىنىڭ دەرۋازىسى. 2021-يىلى 23-ئاپرېل.
AP

مۇخبىرىمىزنىڭ تۈرمىلەر ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، كېرىيە تۈرمىسىنىڭ 10 مىڭ مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يېرى بارلىقى، بۇنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھۆددە ئالىدىغانلىقى ۋە بۇ يەرلەردە ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئامېرىكادىكى «لاۋگەي» تەتقىقات ئورنىنىڭ تور بېتىدە خاتىرىلىنىشىچە، خىتايدا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1949‏-يىلىدىن باشلانغان. 1994‏-يىلىغا كەلگەندە خەلقئارا ئورگانلارنىڭ ئىزچىل نازارىتى ۋە بېسىمى بىلەن، خىتاي تەرەپ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما تۈزۈم نامدا ئەمەلدىن قالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزگەرمىگەن. نەتىجىدە مىليونلىغان مەھبۇسلار ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىنىپ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زەئىپلەشكەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ۋەزىيەت ئۇيغۇر ئېلىدا 2017‏-يىلدىن ئېتىبارەن تېخىمۇ ئومۇملاشقان ۋە ئېغىرلاشقان. ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا ئۈزلۈكسىز چىقىپ تۇرۇۋاتقان ئۆلۈم خەۋەرلىرى، بولۇپمۇ تۈرمىدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي جان ئۈزگەنلەرنىڭ رەسىم ۋە ۋىدېيولىرى، تۈرمىدىكى قېيىن-قىستاقنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئېغىر ئەمگەكنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كېرىيە تۈرمىسىدىكى بىر ئەترەت باشلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر تۈرمىنىڭ 10 مىڭ مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يېرى بار بولۇپ، بۇ يەرلەرنى خىتاي كۆچمەنلىرى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرىدىكەن، بۇ يەرلەرگە مەزكۇر تۈرمىدىكى مەھبۇسلار ئەمگەككە سېلىنىدىكەن.

يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر تۈرمىنىڭ «كەيفاچۈ» ، يەنى «ئېچىش رايونى» نامىدىكى سانائەت رايونىمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭدا سېمونت زاۋۇتى، پايپاق توقۇش زاۋۇتى، پەلەي زاۋۇتى، ياغاچ زاۋۇتى قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق زاۋۇت-فابرىكا مەۋجۇت ئىكەن. مەزكۇر سانائەت رايونىدا قوغداش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ زاۋۇت ۋە فابرىكىلاردا، جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان 10 مىڭدىن ئارتۇق مەھبۇس ئىشچى بولۇپ ئىشلەيدىكەن.

يۇقىرىقى ئىككى خادىم مەزكۇر تۈرمىدە ئىشقا سېلىنىۋاتقانلارنىڭ سىياسىي مەھبۇس ياكى ئىجتىمائىي جىنايەتلەر بىلەن كېسىلگەن مەھبۇسلار ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرەلمىدى. ئەمما ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدىن «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىك» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ كېسىۋېتىلگەن 30 نەچچە ئوقۇتقۇچىنىڭ مەزكۇر تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن نۆۋەتتە تۈرمىدە ياكى تۈرمىدىن چىقىپ جان ئۈزگەنلەرنىڭ ئەنە شۇ ئەمگەك مەيدانلىرىدا ئېغىر ئەمگەكنىڭ ئاقىۋىتىدە ئاجىزلاشقان كىشىلەر ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.