سانجى تۈرمىسىنىڭ بىر خادىمى: «مېنىڭ تۈرمە ئەترىتىمدىلا 70 ياشتىن ئاشقانلاردىن 10 نەچچىسى بار»
2022.08.23

يېقىندا سانجى تۈرمىسىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، مەزكۇر تۈرمىنىڭ 4-ئەترىتىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان 79 ياشلىق خەلچەم پازىل ئىسىملىك موماينىڭ سالامەتلىكى خەتەرلىك دەرىجىدە يامانلاشقانلىقى، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئائىلىسىگە قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ مەزكۇر تۈرمىگە ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى، مەزكۇر موماي مەھبۇس ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئۆزى مەسئۇل تۈرمە ئەترىتىدە ئاز دېگەندە 70 ياشتىن ئاشقا ئاز دېگەندە ئون نەچچە مەھبۇس بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، سانجى تۈرمىسىنىڭ 4-ئەترىتىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان 79 ياشلىق موماي خەلچام پازىل، يېقىنقى 2 ئايدىن بېرى سالامەتلىكى ئېغىر دەرىجىدە ناچارلاشقان. نۆۋەتتە 4 چاقلىق ئورۇندۇققا چۈشۈپ قالغان بۇ موماي، ئۆيىگە قايتىپ داۋالىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تۈرمە دائىرىلىرى بۇ تەلەپنى رەت قىلغان. بىز بۇ موماينىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كورلىدىكى ئەدلىيە سوت-ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. چۈنكى مەزكۇر موماينىڭ يۇرتى كورلا بولۇپ، ئۇ كورلىدىن سانجى تۈرمىسىگە يۆتكەلگەنىكەن.
كورلىدىكى بۇ خادىملار، مەزكۇر موماي ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، بىز ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى كېلىنى كىفايە خانىمدىن قېينانىسىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق.
كىفايە خانىمنىڭ دېيىشىچە، ئالاقە چەكلىمىسى سەۋەبىدىن، قېينانىسىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. كىفايە خانىمنىڭ يەنە دېيىشىچە، قېينانىسىنىڭ 2016-يىلى مەككىگە ھەجگە بارغان ۋاقتىدا، يىقىلىپ چۈشۈپ بىلىكىدە زەخىملىنىش بولغان ۋە شۇ زەخىمىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، ھەجدىن قايتقان چېغىدا تۈركىيەدە ئۇزۇن تۇرماستىن، يۇرتى كورلىغا قايتقانىكەن. كىفايە خانىم، يۇقىرىقىدىن باشقا قېينانىسىنىڭ يېشىنىڭ چوڭايغانلىقى سەۋەبىدىنمۇ سالامەتلىكىدە ناچارلىشىش بولغانلىق ئېھتىماللىقىنى، تۈرمىنىڭ شارائىتلىرىغا بەرداشلىق بەرگۈدەك ئەھۋالدا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە ئۆزىنىڭ ئەندىشىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان سانجى تۈرمىسىنىڭ بىر ئىدارە خادىمى، خەلچەم پازىلنىڭ 4-ئەترەتتە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ سالامەتلىكى ھەققىدە، مەزكۇر ئەترەتنىڭ مەسئۇل خادىمىدىنلا مەلۇمات ئالالايدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى.
تەمىنلەنگەن نومۇردىكى تېلېفوننى قوبۇل قىلغان خادىم، دەسلەپتە ئۆزىنىڭ ئالدىراشلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. بىز ئۇنىڭدىن ياشتا چوڭلارنىڭ قايسى ئەترەتتە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ تۈرمىدە ياش ئايرىمىسى يوقلۇقىنى بايان قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن، خەلچەم پازىلنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، تۈرمىدە ياشتا چوڭلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مەلۇماتى يوقلۇقىنى بايان قىلدى.
ئىلگىرىلەپ سورالغان سوئاللىرىمىزدىن كېيىن، ئۇ ئۆزى مەسئۇل ئەترەتنىڭ ئۆزىدىلا ياشتا 70 تىن ھالقىغانلاردىن ئاز دېگەندە 10 نەچچە كىشى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتايدىكى 55.wendadaohang.com تورىدىكى تۈرمىگە ئالاقىدار ماتېرىيالدا خىتاي تۈرمىلىرىدە ئادەتتە بىر تۈرمە ئەترىتىدە 500، بىر تۈرمە تارماق ئەترىتىدە 150 ئەتراپىدا مەھبۇس بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇنى سانجى تۈرمىسىدىكى خادىمنىڭ ئۇچۇرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا سانجى تۈرمىسىدە ياشتا 70 تىن ئاشقانلارنىڭ سانىمۇ مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلىشى مۇمكىن.