دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئىنسانلارنى ھەيران قالدۇرىدىغان تارىخىي يادىكارلىقلار مەۋجۇتتۇر. بۇلاردىن بىرى ئىككى مىڭ يىللار ئىلگىرى تۇرپاندا ياسىلىشقا باشلىغان دەپ قارىلىپ كەلگەن كارىز قانىلى بولۇپ، بۇ سۇ قاناللىرى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى «قۇرۇلۇش مۆجىزىسى» دەپ تەسۋىرلەنمەكتە.
تۇرپان كارىز قانىلى تۇرپان رايونىدا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ياسالغان تارىخىي يەر ئاستى سۇ سىستېمىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم كەشپىياتلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىلمەكتە. شۇنىڭدەك ئالىملار ئۇنى سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ئىنژېنېرلىق مۆجىزىسى دەپ تەسۋىرلىمەكتە.
8-ماي يەكشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئۇيغۇر مۆجىزىسى-كارىز» دېگەن تېمىدا تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ تور سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان قازاقىستانلىق ئۇيغۇر گېئولوگ، پروفېسسور ئابدۇللام سامساقوف ئۆزىنىڭ تۇرپان كارىز قۇدۇقلىرى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
ئۇ سۆزىدە تۇرپاندا ئىلگىرى 1700 كارىز بارلىقىنىڭ بېكىتىلگەنلىكى، ئەمدى بولسا ئۇنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
گېئولوگىيە ئىلمى پروفېسسورى ئابدۇللام سامساقوف سۆزىدە رۇس ۋە خىتاي مەنبەلىرىدە تۇرپان ۋە قۇمۇلدىكى كارىزلارنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ 20 مىڭ كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى، بىراق بەزى مەنبەلەرنىڭ تۇرپان كارىزلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى 500 كىلومېتىر دەپ يازغانلىقىنى بىلدۈردى.
پروفېسسور ئابدۇللام سامساقوف ئەپەندى: «تۇرپان كارىز قۇدۇقلىرىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك مېھنەتكەش ئەمگەكچان خەلق بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ»، دېدى.
پروفېسسور ئابدۇللام سامساقوف ئەپەندى كارىزنىڭ قۇرۇلۇشقا باشلىغان ۋاقتى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار بولسىمۇ، ھەربىر كارىزنىڭ قېزىلىشى ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت، ئۇنىڭدىن چىقىدىغان توپىلار، چوڭقۇرلۇقى قاتارلىقلارنى ماتېماتىكىلىق ھېسابلاپ، ئىنچىكە تەتقىقات قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كارىزنىڭ تەخمىنەن 6000 يىللىق تارىخى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئابدۇللام سامساقوف ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇرپان كارىزلىرىنى پەقەت ئەينى زاماندىكى دېھقانلار ياسىغان دېگەن قاراشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭ شۇ دەۋرنىڭ كارىز ئىنژېنېرلىرى تەرىپىدىن ياسالغان دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، بۇنىڭغا تېخنىكىلىق سان-شىفىر ۋە بىر قۇدۇقنىڭ سۈيىنىڭ يەنە بىر قۇدۇقنىڭ سۈيىنى تارتىپ كەتمەيدىغان ھەم تەسىر كۆرسەتمەيدىغان ئالاھىدىلىكلەر بىلەن ياسالغانلىقىدىن ئىبارەت ئەمەلىي مىساللارنى كۆرسەتتى.
«ساباھ» گېزىتىنىڭ 10-فېۋرال كۈنىدىكى 2200-يىل ئىلگىرى «ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ياسالغان كازىر قانىلى» تېمىدىكى سۈرەتلىك ماقالىسىدە تۇرپان كارىز قۇدۇقلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «تىلدا سۆزلەشكە ئاسان، ئەمما 2200-يىل ئىلگىرى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ياسالغان، بۇ ئىنژېنېرلىق مۆجىزىسىنىڭ ياسىلىشى بۈگۈنكى كۈندىكى ئىنژېنېرلارنىمۇ ھەيران قالدۇرماقتا. تەڭرىتاغدىن چۈشۈپ يىغىلغان سۇلار كارىز قاناللىرى ئارقىلىق 60 كىلومتېرلىق چۆللۈكتىن ئۆتۈپ تۇرپاندىكى ئولتۇراق رايونلارغا ئېقىپ بارىدۇ. بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۇرپاننىڭ سۇ ئېھتىياجىنىڭ يۈزدە 30% پىرسەنت ئېھتىياجىنى يەنىلا يەر ئاستى كارىز قۇدۇقلىرى تەمىنلەيدۇ».
پروفېسسور ئابدۇللام سامساقوف ئەپەندى، تۇرپان كارىزلىرىنىڭ سانى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «1974-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا كارىزشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتەخەسسىسلەر تۇرپان ئويمانلىقىدا 1700 كارىزنى رەسمىي تىزىمغا ئالغان. 2003-يىلىغا كەلگەندە يەنە شۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 400 كارىز قالغان. مۇشۇ 30 يىل ئىچىدە 1300 كارىز قۇرۇپ ياكى ئۆرۈلۈپ كەتكەن، بۇ ئەسلىدە بىزنىڭ مەدەنىي مىراسىمىز. ئەگەر مۇشۇنداق داۋام قىلسا بۇنىڭدىن كېيىن بۇ كارىزلارنىڭ ئەھۋالى نېمە بولىدۇ؟».
ئابدۇللام سامساقوف ئەپەندى تۇرپان كارىزلىرىنىڭ ب د ت مائارىپ، ئىلىم _ پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «ئۇنەسكو» نىڭ «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىن رىياسەتچىسى دوكتۇر مەغپىرەت كامال خانىم تۇرپان كارىزلىرىنىڭ يوقىلىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تۇرپان كارىزلىرىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتتىقراق تەدبىر قوللىنىپ قوغداش كېرەكلىكىنى، قوغداش ئۈچۈن خەلقئارادىن بىر بېسىم پەيدا قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
پروفېسسور ئابدۇللام سامساقوف ئەپەندى تۇرپان كارىزلىرىنىڭ قۇرۇپ كېتىشنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقتىن كېلىپ تۇرپان ئويمانلىقىغا يەرلەشكەن كۆچمەنلەر سۇ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن چوڭقۇر قۇدۇقلارنى قېزىشى بىلەن تۇرپان كارىزلىرىنىڭ سۈيى قۇرۇپ كەتتى. يەنە بىر سەۋەب بولسا، تۇرپان ئويمانلىقىدىن نېفىت چىقىرىۋاتقانلارنىڭ نېفىت چىقىرىش ئۈچۈن سۇغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلار چوڭقۇر قۇدۇقلارنى قېزىپ تۇرپان كارىزلىرىنى قۇرۇتۇۋەتتى. كارىزلار قۇرۇغاندىن كېيىن ئۆرۈلۈشكە باشلىدى، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ بىر تۈرى، تارىخىي بىر مۆجىزە، تارىخىي ئىلىم-پەننىڭ يىغىندىسى بولغان بۇ كارىزلارنى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك»
قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشايدىغان تونۇلغان گېئولوگ، پروفېسسور ئابدۇللام سامساقوف كۆپ يىللار گېئولوگىيە ساھەسىدە، بولۇپمۇ سۇ-گېئولوگىيەسى ساھەسىدە ئىشلىگەن ۋە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىپ كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇ كارىز تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىمۇ ئىلمىي تەكشۈرۈشلەردە بولغانىدى.