تۇرپان كارىزلىرى: ئۇيغۇرلاردىن ئايرىپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پايدىسىغا يۈزلەندۈرۈلۈۋاتقان كارىزلار
2024.09.08
تۇرپان كارىزلىرى يېقىندا ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن باھالاشتا «دۇنيا سۇغۇرۇش سىستېمىسى مىراسلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن. ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋەر ۋە ماقالىلەردە، تۇرپان كارىزلىرى «تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچىلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى» دەپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنى ھېچ يەردە تىلغا ئالمىغان. خىتاينىڭ تۇرپان كارىزلىرىنىڭ ھەقدارلىق ھوقۇقى ۋە مىراسخورلۇق تەۋەلىكىنى ئۇيغۇرلاردىن ئايرىپ، ئۇنى ئاتالمىش «ھەر مىللەت خەلقى» دېگەن مەۋھۇم توپلۇقنىڭ «ئورتاق مىراسى» غا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشى، شۇنداقلا كارىزلارنى ساياھەتچىلىك بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى خىتاي ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ پايدا-مەنپەئەت ئۈندۈرىدىغان مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇشى، بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 4-سېنتەبىر كۈنىدىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 3-سېنتەبىر كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە 2024-يىللىق «دۇنيا سۇغىرىش سىستېمىسى مىراسلىرى تىزىملىكى» ئېلان قىلىنغان. تۇرپان كارىزلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.
تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى:
«تۇرپان كارىزلىرىنىڭ ‹دۇنيا سۇغۇرۇش سىستېمىسى مىراسلىرى تىزىملىكى›گە كىرگۈزۈلۈشى نەزەرىيە جەھەتتىن ئىجابىي ۋە ئەھمىيەتلىك بىر ئىش. بۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تونۇلۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوشقان تۆھپىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم بىر ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي مەنىۋى مەدەنىيىتىنى جىددىي تۈردە يوق قىلىۋاتقان بۈگۈنكىدە بىر مەزگىلدە، ئۇلارنىڭ تۇرپاندىكى كارىزلارنى قوغداپ قېلىشىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ».
چېخ جۇمھۇرىيىتى پالاكى ئولوموك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور رۇنى ستېنبېرگ (Rune Steenberg) مۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى:
«تۇرپان كارىزلىرىنىڭ دۇنيا سۇغىرىش سىستېمىسى مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشىنى بىر تەرەپتىن ئەھمىيەتلىك ئىش دەپ قارايمەن. بۇ ئۇيغۇر مەدەنىيەتنىڭ تونۇلۇشى ۋە قوغدىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى كارىزلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان زۇلۇم ھەم كىشىلىك دەپسەندىچىلىكىنى، يەنى لاگېرلار بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەكنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى ئېنىق. بىز بۇنىڭغا قەتئىي يولغا قويماسلىقىمىز كېرەك».
خەۋەردە مۇنداق دېگەن: «تۇرپان كارىزلىرى يەر ئاستى سۇ قانىلىدۇر. ئۇ قەدىمكى ئەمگەكچىلەر تەرىپىدىن يەرلىك شارائىتقا ئاساسەن ياسالغان چوڭ تىپتىكى سۇدىن پايدىلىنىش ۋە تېجەش تۈرى. كارىزلار 2000 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى كارىزلارنى قوغداش ۋە ئىشلىتىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، قۇدۇق كولاپ ۋە كارىزلارنى نازارەت قىلىپ، ئۇنىڭ سۇغۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ نورمال ئەسلىگە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. ئۇ تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ‹پۈتۈن بەدىنى› دىكى قان تومۇرلارغا ئوخشايدۇ. مۇزلۇقلار ۋە قارلىقلاردىن ئېرىگەن تاتلىق سۇلار كارىزلار ئارقىلىق يەر يۈزىگە چىقىپ، ئۈزۈملۈكلەرنى سۇغۇردى، شۇنداقلا تۇرپاندىكى ھەر مىللەت پەرزەنتلىرىنى ئوزۇقلاندۇردى».
موسكۋا ئىلمى تەتقىقات مەركىزىنىڭ سابىق تەتقىقاتچىسى، قازاقىستانلىق ئۇيغۇر گېئولوگ ۋە كارىز مۇتەخەسسىسى ئابدۇللام سامساقوف ئەپەندى، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ كارىز ھەققىدىكى بايانلىرىغا بايانلارغا رەددىيە بېرىپ، مۇنداق دېدى:
«كارىزنىڭ قاچاندىن باشلاپ ئىجاد قىلىنغانلىقى ۋە پايدىلىنىشقا باشلىغان ۋاقتى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت. ھەربىر كارىزنىڭ قېزىلىشى ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت، تۇپراقنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭدىن چىقىدىغان توپىلار، كارىزنىڭ چوڭقۇرلۇقى قاتارلىق ئامىللارنى ماتېماتىكىلىق ھېسابلاپ، ئىنچىكە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، كارىزنىڭ تەخمىنەن 6000 يىللىق تارىخى بارلىقى مەلۇم بولدى. كارىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ۋە ياسالغان دۇنيادىكى ‹سۇ قۇرۇلۇش مۆجىزىسى›دۇر. ئۇنىڭ خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا دېيىلگىنىدەك، تۇرپاندىكى ‹ھەر مىللەت پەرزەنتلىرى›نى ئوزۇقلاندۇرۇشى توغرا ئېنىقلىما ئەمەس».
ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا» ناملىق كىتابىدا كارىزنىڭ مەركىزىي ئاسىيا (ئوتتۇرا ئاسىيا) قۇرغاق رايون جۇغراپىيەسىدە ياشىغۇچى خەلقلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىم سۇغۇرۇش ئۇسۇلى ئىكەنلىكى، بۇ خىل يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش تېخنىكىسىنىڭ قەدىمكى ساك قەبىلىلىرىدە خېلى ئومۇملاشقانلىقىنى قەيت قىلغان.
تۇرپان شەھەرلىك سۇ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زىياۋۇدۇن جالالىدىننىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە 1540 كارىز بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 190 گە يېقىن كارىزدا سۇ ئاقىدىغان بولۇپ، يىللىق ئېقىن مىقدارى 114 مىليون كۇب مېتىر ئىكەن. يەنى كارىز سۈيىدىن پايدىلىنىپ، كۆلىمى 100 مىڭ موغا يېقىن يەرنى سۇغۇرغىلى بولىدىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى كارىزلارنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3400 كىلومېتىردىن ئاشىدىكەن.
ھالبۇكى، گېئولوگىيە ۋە سۇ مۇتەخەسسىسى ئابدۇللام سامساقوف ئەپەندى، 1974-يىلى تۇرپان ئويمانلىقىدا، يەنى تۇرپان ۋە قۇمۇل رايونىدا جەمئىي 1700 كارىزنىڭ بارلىقى بېكىتىلگەنلىكى، ئەمما 2003-يىلىغا كەلگەندە ئۇلاردىن پەقەت 400 كارىزنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بەزى كارىزلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 32 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. كارىزلارنىڭ بارغانسېرى ئازىيىپ ياكى سۈيىنىڭ قۇرۇپ كېتىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى، پىلانسىز شەھەرلىشىش، يەر ئېچىش ۋە نېفىت قېزىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، كارىزلارنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى، يەنى ئۇلارنىڭ ساقلىنىپ قېلىش-قالماسلىقى توغرۇلۇق ئېنىق بىر نەرسە دېگىلى بولمايدىكەن. شۇڭا تۇرپاندىكى كارىزلارنىڭ قوغدىلىپ ۋە ساقلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن، ب د ت ئىلىم-پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) نىڭ «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى» كىرگۈزۈلۈشى زۆرۈر ئىكەن.
يېقىندا تۇرپاندا كارىزلارنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۇچۇر تارقاتقان ۋە ئەرز سۇنغان بەزى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. رادىيومىز تۇرپاندا كارىزلارنىڭ ۋەيران بولۇشىغا قارشى تۇرغان بىر قىسىم يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ «سەلبىي ئۇچۇر تارقىتىش» ياكى «جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋە مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جىن چىياڭ «خىتاي پەن-تېخنىكا تورى» غا ئۇچۇر بېرىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كارىزلارنى كەڭ كۆلەمدە ساياھەتچىلىك بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكىنى، شۇنداقلا كارىزلارنى تۇرپاننىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ئېچىشتىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى ۋە زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىلغانلىقىنى بازارغا سالسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ساياھەتچىلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس جايلىرى ۋە مەدەنىيەت ئىزلىرىنىڭ ۋەيران قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ، خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەت تەشكىللىشى، يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق مەنپەئەت ئىلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنى يۆگەشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.