لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن: «مەن ئەمدى ئۇلاردىن قورقمايمەن!»

0:00 / 0:00

18-فېۋرال كۈنى ئامېرىكانىڭ داڭلىق ئاخبارات قانىلى CNN مىليونلىغان ئۇيغۇرلار سولانغان لاگېرلاردىكى كىشەنلەنگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە كوللېكتىپ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئاياللار توغرىسىدا مەخسۇس خەۋەر بەردى.

مەزكۇر خەۋەردە لاگېردا مەجبۇرى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ۋە لاگېردا يۈز بەرگەن زوراۋانلىقلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم، لاگېردا جىنسىي زوراۋانلىققا بىۋاسىتە ئۇچرىغان تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم ۋە يەنە بىر لاگېر شاھىتى گۈلباھار جىلولوۋا خانىم زىيارەت قىلىنغان. ئۇلار ئۆز بايانلىرىدا خىتاي ئىزچىل تۈردە ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان لاگېردىكى بىر قاتار زوراۋانلىقلارنى ئاشكارىلىغان.

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم ئۆزى بىۋاسىتە ئۇچرىغان باسقۇنچىلىق ۋە جىنسىي زوراۋانلىقلارنى پاش قىلىش ئارقىلىق خىتاي تاشقىي ئىىشلار مېنىستىرىنىڭ «بىز ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ نېگىزلىك ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز. تەربىيەلەنگۈچىلەرنى ھەرقانداق شەكىلدە ھاقارەتلەش ۋە خورلاش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ» دېگەن باياناتلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىدە ئامېرىكادا داۋالىنىۋاتقان لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن 2-فېۋرال كۈنى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا لاگېردا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 3 قېتىم باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، ھەر قېتىمدا ئۈچ-تۆت كىشى تەرىپىدىن ئوخشىمىغان شەكىللەردە ۋەھشىيلەرچە خورلاشقا ۋە نۆۋەتلىشىپ باسقۇچىلىق قىلىشقا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كامىرداشلىرىمۇ سوراققا چاقىرتىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنىدە كۆك تاياق ۋە يارا ئىزلىرى بىلەن ھوشسىز ئېلىپ كىرىلگىنىگە تالاي قېتىم شاھىد بولغان ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن لاگېردىكى ھەر قانداق ئايال كىشىنىڭ ئوخشىمايدىغان شەكىلدىكى جىنسىي خورلۇق ۋە زوراۋانلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

قەلبىنۇر سىدىق خانىممۇ ئاياللار لاگېرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بۇلۇپ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئېچىنىشلىق ئۆلۈملەرگە، سىرلىق سوراق ۋە قىيناقلارغا شاھىت بولغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر كۈنى تۆت-بەش نەپەر قىز سوراق باھانىسىدە چاقىرتىلىپ، لاگېرنىڭ ئەمەلدار ۋە ساقچىلىرى تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچرايدىكەن، ئۇلار ھەتتا قىزلارنىڭ ئەۋرىتى ۋە مەقئىتىگە توك كالتىكىنى تىقىپ، قىيناپ ھۇزۇر ئالىدىكەن.

قەلبىنۇر خانىم دەرس ئۆتۈۋاتقاندا ئېلىپ چىقىپ كەتكەن 20 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بىر قىز ئىككى سائەتتىن كېيىن قايتىپ كەلگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي ساقچى قايتا ۋارقىراپ، ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ قىزنى قايتا كۆرۈپ باقمىغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەھۋاللار لاگېردا ھەركۈنى يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن.

پروگرامما رىياسەتچىسى جەيك تەپپېر ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› يۈرگۈزمەكتە. بىز بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ دەل مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يۈز بېرىۋاتقكانلىقىنى بىلىمىز. بىز يەنە قەيەردە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىمىز. لېكىن دۇنيا بۇ قىرغىنچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويۇپ، قول قوۋۇشتۇرۇپ ئولتۇرۋاتىدۇ. ھەتتا دىسنېي شىركىتى ئاشۇ يەردە ‹مۇلەن› فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىشقا ياردەم قىلغان خىتاي پارتىيە ئورگانلىرىغا رەھمەت ئېيتتى.»

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان لاگېرلارنىڭ رەسىملىرى كۆرسەتكەن ۋاقىتتىمۇ، لاگېرلارنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېيتقاندەك، بۇ قېتىم ئاشۇ لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنىمۇ ئوخشاشلا ئىنكار قىلغان.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى 10-فېۋرال خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، گۈلباھار جىلىلوۋانى «ئارتىست»، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننى «تۇغما تۇغماس» دەپ ئەيىبلىگەن. مەزكۇر ماقالىدە يەنە تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننى «مەجبۇرىي تۇغماسلىق توغرىسىدا يالغان سۆزلىگەن،» دېگەن. ئۇنىڭ باشقا جىنسىي زوراۋانلىقلار ھەققىدىكى سۆزلىرىنىمۇ يالغانغا چىقارغان.

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن CNN گە بەرگەن زىيارىتىدە ئۆزىنىڭ يالغان گەپ قىلىشىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوقلۇقىنى ئېيتپ مۇنداق دېگەن: «نېمىشقا يالغان ئېيتقۇدەكمەن. مەن قىرىق ياشتىن ئاشقان بىر ئايال، سىز مېنىڭ بېشىمغا كەلگەنلەرنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلاشنى پەخىرلىنىدىغان ئىش دەپ ئويلامسىز؟ مېنىڭ ئۇلارغا دەيدىغىنىم، خىتاي مېنىڭ روھىمنى ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما مەن ئەمدى ئۇلاردىن قورقمايمەن.»

پۈتۈن دۇنيانى دەھشەتكە چۆمدۈرگەن بۇ خەۋەر 2-فېۋرال BBCدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان ئىدى، مەزكۇر باياناتتا: «بۇ قىلمىشلار چوقۇم ئېغىر جازاغا تارتىلىشى كېرەك،» دېيىلگەن.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بىللىنكېن ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندەك، ئۇ ‹ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلدى› دېگەن ھۆكۈمدە چىڭ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› ئۆتكۈزدى ۋە ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› قىلدى.»

ئامېرىكادىن كېيىن 4-فېۋرال كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ موررىسون ھۆكۈمىتىمۇ BBC دا ئاشكارىلانغان پاكىتلارنىڭ كىشىنى قاتتىق چۆچۈتىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. فىنلاندىيە باش مىنىستىرى ساننا مارىن خانىممۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر دۇنيادىكى داڭلىق ئاخبارات قاناللىرىدىن BBC ۋە CNN نىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشى، شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشى، «خىتاي ئىنكار قىلغان بارلىق جىنايەتلىرىنىڭ ئىسپاتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ،» دېيىشمەكتە.