لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن: «يۈرىكىمدىن ھازىرغىچە قان ئاقىدۇ» (2)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.05.14
tursinay-ziyawudun-ailisi.jpg 2018-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرى لاگېردىن ھايات قۇتۇلغان ئۇيغۇر شاھىت تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ئېرى ۋە بالىسى بىلەن. 2019-يىلى سېنتەبىر، قازاقىستان.
RFA/Gülchéhre

پروگراممىمىزنىڭ بىرىنچى قىسمىدا، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ كۈنەستىكى ئاتالمىش «تەربىيەلەش ئورنى» غا يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن تارتقان كۈلپەتلىرى، ئىككىنچى قېتىم ئۇ ئورۇندىن يۆتكىلىپ، تېخىمۇ قەبىھ جازا لاگېرىغا كىرگەن كۈنى كۆرگەن قورقۇنچلۇق ئىشلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنىدۇق. بۇ قىسىمدا ئۇنىڭ جازا لاگېرىغا كىرگەندىن كېيىنكى قاباھەتلىك كەچمىشلىرى ۋە يۈرىكىنى لەختە قىلغان ئازابلىق ئەسلىمىلىرى ھەققىدە قىسقىچە خەۋەر بېرىمىز.

تۇرسۇنئاي لاگېرغا قامالغاندىن كېيىن باشقا ئاياللارغا ئوخشاشلا بىر-بىرلەپ تارتىپ چىقىرىلىپ سوراق قىلىنغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سوراقلار ئەمەلىيەتتە كىشىنى تەتۈر قىيناش، بىر ئامال قىلىپ جىنايەت ئارتىش، ئېتىراپ قىلمىسا قىيىن-قىستاققا ئېلىپ جازالاش، مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش، تۆھمەتنامىگە مەجبۇرىي قول قويدۇرۇش جەريانى ئىكەن.

لاگېرغا كىرگەن ئاياللارغا ئارتىلغان ئاتالمىش «جىنايەت» لەر ھەققىدە توختالغان تۇرسۇنئاي جازاسى 5 يىلدىن تۆۋەن بولغانلارنىڭ قاماقتا قېلىپ، 5 يىلدىن يۇقىرى بولغانلارنىڭ تۈرمىگە ئەكىتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ كۆپ بالىلىق بولۇش سەۋەبىدىن لاگېرغا قامالغان بىر ئايالنىڭ ئېغىر دەرىجىدە خورلانغانلىقىنى، ئاندىن ئۇزۇن يىللىق كېسىلىپ، تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەردى.

تۇرسۇنئاي ئىلگىرى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۈرمىنىڭ ئىچىدىكى قاباھەتلەرنى ئاشكارىلىغانىدى. بۇنىڭ ئىچىدە لاگېردىكىلەرنى تۈزۈك تاماق بەرمەي قىيناش، ھاجەتخانىدا يېتەرلىك ۋاقىت بەرمەي قىيناش، كېچىسى بىر-بىرىگە پوست قويۇپ ئۇخلاتماي قىيناش، ئاياللارنىڭ چېچىنى كېسىۋېتىش، مەجبۇرىي ئۈزۈك سالدۇرۇش، كېچىسى ياش قىز-ئاياللارنى چاقىرتىپ ئېلىپ كېتىش… دېگەندەك قەبىھ جىنايەتلەر ھەممىگە مەلۇم بولغانىدى. بۇ قېتىمقى زىيارىتىمىزدە تۇرسۇنئاي بۇلارغا ئائىت تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەندىن باشقا يەنە لاگېردىكى بۇ قىيناشلارغا چىدىمىغان كېسەلچان ئاياللارنىڭ ھەممىدىن بەك قىينىلىدىغانلىقىنى، تېنىدە ئەسلىدىنلا كېسەللىك ياكى ئۆسمە بار ئاياللار ئاغرىپ، بەدىنىدىن قان ئېقىپ تۇرسىمۇ ساقچى-گۇندىپايلارنىڭ كارى بولمايدىغانلىقىنى، ئېچىنىش بىلەن تىلغا ئالىدۇ. بەزىدە ئىشىك ئالدىدا ساقچىلار سۆرەپ ئېلىپ ماڭغان ئۆلۈكلەرنى غىل-پال كۆرۈپ قالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن بەلكىم بەزى ئاياللارنىڭ لاگېردىلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىدۇ.

تۇرسۇنئاي ئۆزى سېسترا بولغاچقا يېنىدىكى ئاياللارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇرغان بولۇپ، كېسەلدىن يىقىلىپ قالغان ھەمراھلىرىغا ھېچقانداق ئىش قىلىپ بېرەلمىسىمۇ، روھىي جەھەتتىن ئۇلارغا مەدەت بېرىپ تۇرغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، لاگېردىكى ئاياللار پسىخىكىلىق جەھەتتە ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدىكەن، ئۇلارنىڭ نېرۋىسىغا ئەڭ تەسىر قىلىدىغان نەرسە قىيناش، نالە-پەرياد ئاۋازى ئىكەن. ئۇلار «نۆۋەت يەنە بىزگە كېلىدۇ» دەپ ئويلاپ، ھەر ۋاقىت قورقۇنچ، ئەنسىزلىك، ۋەھىمە ئىچىدە ياشايدىكەن، بەزىلىرى شۇ قورقۇنچ تۈپەيلىدىن ئېلىشىپ ساراڭ بولۇپ قالىدىكەن. تۇرسۇنئاي شۇنداق قاباھەتلىك كۈنلەردە ئۆزىنى چىڭ تۇتۇپ، كاللىدىن كەتمەي ياشاشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى، بولۇپمۇ ئاياللار ئۈچۈن بۇنىڭ ئىنتايىن تەسلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ «بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ» دېگەن ئۈمىد بىلەن ئۇلارغا تەسەللى بېرىدۇ، ئەمما ئۇزاققا سوزۇلغان خورلاش ۋە قىيناشلار ئۇلارنى ئېغىر ھالسىرىتىدۇ.

لاگېردىن چىققان تۇرسۇنئاي، ئاشۇ قاباھەتلىك، قورقۇنچلۇق لاگېر ھاياتىنىڭ يۈرىكىنى قانىتىپ، قەلبىدە ئۆچمەس يارا پەيدا قىلغانلىقىنى، گەرچە خىتاينىڭ تۈرمىسىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئۇ يەردە قالغان قېرىنداشلىرىنى ئويلىسىلا يۈرىكىنىڭ يەنە قان يىغلايدىغانلىقىنى، ئۇلار لاگېردىن چىقمىغان ئەھۋالدا سىرتقى دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ غەپلەت ۋە بىپەرۋالىق بىلەن ياشىشىنىڭ نومۇس ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ ھەمدە لاگېرلارنى تاقاش ئۈچۈن بارلىق ئۇيغۇرلار ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، لاگېرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققان ئۈچ يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جىنايىتىنى توختاتمىدى، بەلكى ئۇنى ھەر خىل ناملار بىلەن نىقاپلاپ، لاگېرلارنىڭ قۇرۇلمىسى ياكى تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى-يېڭى شۇم پىلانلىرىنى ئىشقا سېلىشقا باشلىدى. ئامېرىكادا ياشاۋاتقان كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، لاگېرلار ھازىر سان جەھەتتىن ئازايغان بىلەن، كۆلەم جەھەتتىن كېڭەيگەن. لاگېرغا سولانغان 3 مىليون كىشىدىن تەخمىنەن بىر مىليونى ئىچكىرىدىكى خىتاي تۈرمىلىرىگە يۆتكەلگەن، بىر مىليونى ئۇيغۇر رايونىدىكى تۈرمە ۋە تۈرمە خاراكتېرىدىكى زاۋۇتلارغا يوللانغان، يەنە بىر مىليونچە كىشى لاگېرلاردا خورلانماقتا ئىكەن.

يۇقىرىدا تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ قان ۋە كۆز يېشىغا تولغان لاگېر ئەسلىمىسى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردۇق. شۇنىڭ بىلەن بۇ پروگراممىمىز ئاياغلاشتى. ئاڭلىغىنىڭلارغا رەھمەت.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.