كۆرنەكلىك سىياسىي پائالىيەتچى، جامائەت ئەربابى تۇرسۇن ئىسلام ۋاپات بولدى

0:00 / 0:00

قىرغىزىستاندىكى كۆرنەكلىك ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ۋە جامائەت ئەربابى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئۇزۇن يىللىق ئىختىيارىي مۇخبىرى تۇرسۇن ئىسلام نىيازى كىسەللىك سەۋەبى بىلەن 5 ئۆكتەبىر كۈنى قىرغىزىستان پايتاختى بىشكېك شەھىرىدە 86 يېشىدا ۋاپات بولدى.

مەرھۇم تۇرسۇن ئىسلام 1936-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1955-يىلى ئىيۇل ئېيىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققان ۋە قىرغىزستانغا يەرلەشكەن. 1972-يىلى قىرغىزىستان دولەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھوقۇق فاكۇلتېتىنى تاماملىغان. 1972-يىلدىن 1996-يىلىغىچە قىرغىزستاندا قانۇن ۋە ھوقۇق ساھاسىدە مەسلىھەتچى بولۇپ خىزمەت كۆرسەتكەن.

مەرھۇم تۇرسۇن ئىسلام ئەپەندى ئۆز ھاياتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكەتلىرىگە ۋە مىللىي كۈرەشلىرىگە بېغىشلىغان. رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف، مەرھۇم تۇرسۇن ئىسلامنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق سەپدىشى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مەرھۇم تۇرسۇن ئىسلامنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ۋە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتى، ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن زور بىر يوقىتىش بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قىرغىزىستاندىكى كۆرنەكلىك ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ۋە جامائەت ئەربابى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئۇزۇن يىللىق ئىختىيارىي مۇخبىرى تۇرسۇن ئىسلام نىيازى ئەپەندى جىنازا نامىزىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 5-ئۆكتەبىر، بىشكەك، قىرغىزىستان.
قىرغىزىستاندىكى كۆرنەكلىك ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ۋە جامائەت ئەربابى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئۇزۇن يىللىق ئىختىيارىي مۇخبىرى تۇرسۇن ئىسلام نىيازى ئەپەندى جىنازا نامىزىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 5-ئۆكتەبىر، بىشكەك، قىرغىزىستان. (RFA/Féruze)

مەلۇمكى، 1991-يىلى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن كوممۇنىزم لاگېرىدىن ئىبارەت «تۆمۈر پەردە» يىرتىلغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي ياۋروپادىكى كوممۇنىستىك تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە، جۈملىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىقىلىشى بىلەن ئۆز مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە يېڭى بىر سىياسىي ئاتموسفېرا مەيدانغا كەلگەن ئىدى. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، ھوقۇقى ۋە سىياسىي تەقدىرى ھەققىدە سۆزلەش ھەم ئەمەلىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى تۇغۇلغان ئىدى. ئەنە شۇ مەزگىللەردىن تارتىپ تۇرسۇن ئىسلام ئەپەندى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى، خەلقئارادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ دائىملىق ئىشتىراكچىسى بولغان ئىدى.

ئۇ يەنە ئۇزۇن يىللارغىچە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارىي مۇخبىرى بولۇپ، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ كەلگەن ئىدى. مەرھۇم تۇرسۇن ئىسلام ئەپەندىنىڭ سەپدىشى، سىياسەتشۇناس، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋاكالاتچىسى قەھرىمان غوجامبەردى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش-ئىزلىرى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ مەرھۇم تۇرسۇن ئىسلام ئەپەندى بىلەن 1993-يىلىدىن بۇيان زىچ ئارالىشىپ ئۆتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خەلقئارادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە، جۈملىدىن شەرقىي تۇركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى ۋە دۇنىيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئىزچىل تۈردە ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

قىرغىزىستاندىكى كۆرنەكلىك ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ۋە جامائەت ئەربابى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئۇزۇن يىللىق ئىختىيارىي مۇخبىرى تۇرسۇن ئىسلام نىيازى ئەپەندى 6-نۆۋەتلىك د ئۇ ق يىغىنىدا(ئوڭدىن ئىككىنچى). 2016-يىلى 12-ئاۋغۇست.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە شائىر ئەزىز ئەيسا ئەپەندى، مەرھۇم تۇرسۇن ئىسلامنى ئۆزىنىڭ ئۇستازى سۈپىتىدە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەن بىر زىيالىي دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى 1997-يىلى 21-فېۋرال كۈنى ۋە 1999-يىلى 10-دېكابر كۈنى بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە نارازىلىق خېتى تاپشۇرغانىدى. «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋەكىلى مۇزەپپەر قۇربانوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەرھۇم تۇرسۇن ئىسلامنىڭ قىرغىزىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكەتلىرىدە سەپنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

تۇرسۇن ئىسلام ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى يالغۇز قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنمۇ بىر يوقىتىش بولدى. 5-ئۆكتەبىردىن بۇيان مەرھۇمنىڭ ئائىلىسى ۋە سەپداشلىرىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئارقا-ئارقىدىن تەزىيە سالاملىرى كەلمەكتە. مەرھۇم تۇرسۇن ئىسلامنىڭ جىنازى نامىزى 6-ئۆكتەبىر كۈنى بىشكەك شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرلاشقان ۋوستوك يېزىسىدا ئوقۇلۇپ، شۇ يېزىنىڭ مازارلىقىغا دەپنە قىلىندى.