ئاخىرىقى ئۆمرىنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزگەن يازغۇچى تۇرسۇن يۇنۇس ۋاپات بولدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ سىياسىي بېسىمى تۈپەيلى كېيىنكى يىللاردا كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى چەت ئەللەرگە، بولۇپمۇ تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئىدى. بۇلاردىن بىرى تونۇلغان يازغۇچى تۇرسۇن يۇنۇستۇر. ئۇ 2015-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ «ئاماننىساخان» ناملىق ئەدەبىي ئەسىرى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، يازغۇچى تۇرسۇن يۇنۇس تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنمۇ رومان يېزىشنى داۋاملاشتۇرغان. ئەمما ئۇ 79 يىللىق ھاياتىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىسسىق-سوغۇقلارنى يېزىپ قالدۇرماي، بۇ دۇنيادىن ئايرىلغان. يازغۇچى تۇرسۇن يۇنۇس ئەپەندى كېسەل سەۋەبى بىلەن 4-ئاينىڭ 7-كۈنى تۈركىيەدە ۋاپات بولدى.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر دوختۇر نېمەت قەشقەرلى ئەپەندى، تونۇلغان يازغۇچى تۇرسۇن يۇنۇسنىڭ 6 يىل بۇرۇن تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلىقىنى، 79 يېشىدا كېسەللىك سەۋىبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

يازغۇچى تۇرسۇن يۇنۇسنىڭ كۆپ ساندا رومان ۋە دراممىسى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن «مۇھتەشەم تۈمەن يىللار» نامىدا 22 تومدىن تەركىپ تاپقان رومان ئىجادىيىتىنى باشلىغان ئىكەن. بۇ كۆپ توملۇق رومانلارنىڭ بىرىنچى تومى ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ خوجايىنى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى ئۇنىڭ «ئوغۇزخان»، «ئاق تاغلىقلار ۋە قارا تاغلىقلار»، «مۇقام چولپانلىرى» دېگەنگە ئوخشاش ئايرىم-ئايرىم تېمىدا يېزىشنى پىلانلىغان 22 توملۇق رومانلىرىنى نەشىر قىلدۇرۇشقا ئۆمرى يەتمەي ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى مەرھۇمنىڭ 5 پارچە رومانىنىڭ ھازىر تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىدا ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بالا-چاقىلىرى رۇخسەت بەرسە نەشىر قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى دوكتور فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى مەرھۇم تۇرسۇن يۇنۇس يازغان رومانلارنىڭ كۆپىنىڭ تارىخىي رومانلار ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن بۇ رومانلارنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ، نەشىر قىلدۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

«79 يىل ئۆمۈر كۆرگەن يازغۇچى تۇرسۇن يۇنۇس ئەپەندىنىڭ بېشىدىن كۆپ ئىسسىق-سوغۇقلار ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن، بۇ ھەقتە ئۇ بىر نەرسە يېزىپ قالدۇرۇپتىمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، مەرھۇمنىڭ ئۆز ھاياتى توغرىلىق ھېچقانداق ئەسلىمە يېزىپ قالدۇرمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۇرسۇن يۇنۇس 1942-يىلى يەركەن ناھىيەسىدە دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1958-يىلى يەركەن ناھىيەلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بېيجىڭ مەركىزى تىياتېر ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا بارغان ۋە 1964-يىلغىچە بۇ ئىنستىتۇتنىڭ ئاكتىيورلۇق فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئۇ ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدە ئىشلىگەن. كېيىن ئوپېرا ئۆمىكىدە كەسپىي يازغۇچى بولغان. 1988-يىلدىن كېيىن، ئۇ تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسىدە كەسپىي يازغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. تۇرسۇن يۇنۇس «قانلىق يىللار»، «مۇقام ئەجدادلىرى»، «كۈتۈلمىگەن توي»، «كارامەت بىر كۈن»، «ئالتۇن بۆشۈك»، «ھەسەن-ھۈسەن» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ «پۇل دېگەن نەرسە» ناملىق سىنارىيەسى فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ يەنە «قوغۇن پىشقاندا»، «گۈلدەستە»، «دونياۋى تىلسىمات» ۋە «ئاماننىسا خېنىم» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇنىڭ «قانلىق يىللار» درامىسى 1985-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دراما مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدال بىلەن مۇكاپاتلانغان.

تونۇلغان يازغۇچى تۇرسۇن يۇنۇس ئەپەندىنىڭ رومانلىرىدىن «مەلىكە ئاماننىساخان» 1996-يىلى، «مۇقام ئەجدادلىرى» 1989-يىلى، «ئانا ئارزۇسى» 1991-يىلى نەشىر قىلىنغان.

مەرھۇم تۇرسۇن يۇنۇس ئىستانبۇلنىڭ 84 كىلومېتىر غەربىگە جايلاشقان سىلىۋرى گۈمۈشياقا يېڭى مازارلىقىغا دەپىن قىلىندى.