ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى 8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا خىتايدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى، ئاياللارنىڭ جىنسىي ئايرىمىچىلىق ۋە پاراكەندىچىلىككە ئۇچراش ئەھۋالى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىشىدەك ئەھۋاللار ھەققىدە بىر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزدى. 1-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا «خىتايدىكى ئاياللار ھەرىكىتى ئويغىنىشى» ماۋزۇلۇق كىتابنىڭ ئاپتورى لېتا فىنچېر، نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئارون خالېگۇئا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەتقىقاتچىسى مېيى فوڭ ۋە ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن قاتارلىقلار قاتنىشىپ سۆزلىدى.
يىغىندا خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن بىرى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركىلىي ئەپەندى كىرىش سۆزى قىلىپ، خىتايدا يېقىندا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەرنىڭ بولۇپمۇ تېننىس ماھىرى پېڭ شۇەينىڭ غايىب قىلىنىشى، مېيىپ ئايالنىڭ كىشەنلىنىپ خورلىنىشى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يۈز بېرىۋاتقان جىنسىي خورلاش ۋە خىتاي كادىرلار بىلەن تۇغقانلىشىپ بىر ئۆيدە تۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ خىتايدىكى ئاياللارنىڭ ۋەزىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان مۇھىم ۋەقەلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن جىم ماكگوۋرن ئەپەندى سۆز قىلىپ بۇ يىغىننىڭ خىتايدىكى ئاياللار ھوقۇقى مەسىلىسى ھەققىدە ئېچىلغان تۇنجى يىغىنلىقىنى، بۇ مەسىلىگە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يىغىندا يەنە ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفىر سىمىس ئەپەندىمۇ سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاياللارنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئەركىنلىكىگە زالىملارچە ئارىلىشىپ كەلگەنلىكىنى، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا تۇغماس قىلىنغانلىقى ۋە بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى مىساللىرى بىلەن بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ خىتايدا ئېغىر دېموگرافىك تەڭپۇڭسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، خىتاينىڭ يەنە دۇنيادىكى بىردىن-بىر ئاياللارنىڭ ئۆلۈۋېلىش نىسبىتى يۇقىرى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، تۇغماس قىلىش ۋە تۇغۇت چەكلەشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدىكى مۇھىم قوراللىرىنىڭ بىرى بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ لاگېرلاردا ۋە لاگېر سىرتىدا ھەرخىل خورلاشلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفىر سىمىسنىڭ سۆزىدىن كېيىن سۆز يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان گۇۋاھچىلارغا بېرىلدى.
«خىتايدىكى ئاياللار ھەرىكىتىنىڭ ئويغىنىشى» ماۋزۇلۇق كىتابنىڭ ئاپتورى لېتا فىنچېر گۇۋاھلىق سۆزىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك نامى بىلەن ئاياللارغا نىسبەتەن زورلاش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزگەنلىكىنى، ئۇنىڭ خىتاي ئاياللىرىغا قاراتقان «بىر پەرزەنت سىياسىتى» بولسۇن ياكى كېيىن 2016-يىلىدىن كېيىنكى «ئىككى پەرزەنت» ۋە يېقىندا ئېلان قىلغان «ئۈچ پەرزەنت» سىياسىتىنىڭ ھەممىسىنىڭ كومپارتىيەنىڭ مەنپەئەتى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشىغا باغلىنىپ بەلگىلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ھەدەپ خىتاي ئاياللىرىنى كۆپلەپ تۇغۇشقا تەشۋىق قىلىپ، توي قىلمىغان ياكى پەرزەنت كۆرمىگەن ئاياللارنى يەكلەش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان بىلەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بولسا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغۇشىنى چەكلەپ، ئۇلارنى تۇغماس قىلىۋاتقانلىقىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، چۈنكى ئاياللار ھوقۇقى كۈچلىنىپ كەتسە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەنپەئەتى ۋە مەۋجۇتلۇقىغا زىيانلىق بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئارون خالېگۇئا بولسا خىتايدىكى ئاياللارنىڭ جىنسىي ئايرىمىچىلىق ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچراش مەسىلىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئەپ بارغان كىشى بولۇپ، ئۇ يىغىندا بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئورتاقلاشتى. ئۇ خىتايدا ئاياللارنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىدا جىنسىي ئايرىمىچىلىق ۋە پاراكەندىچىلىككە ئۇچراش ۋەزىيىتىنىڭ ھېلىھەم ئومۇملاشقان بىر ئەھۋاللىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە خەلقئارادا مۇشۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنى ھازىرغىچە تەستىقلاپ ئىشقا كىرىشتۈرمىگەنلىكىنى، خىتايدا جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان، شىكايەت قىلغان ئاياللارنىڭ ئەكسىچە ئۆچ ئېلىشقا ئۇچرايدىغانلىقىنى مىساللىرى بىلەن بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئارقىدىن مىي فوڭ خانىم سۆز قىلدى. ئۇمۇ سۆزىدە نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتلەر ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە «1980-يىلى بىر پەرزەنت سىياسىتى، 2016-يىلى ئىككى پەرزەنت سىياسىتى ۋە 2021-يىلىدىكى ئۈچ پەرزەنت سىياسىتى يولغا قويۇلغانلىقى، تۇغۇتنى چەكلەشتىن تۇغۇتنى كۆپەيتىشكە قاراپ زور دەرىجىدە سىياسەت ئۆزگىرىشىگە خىتاينىڭ زالىم سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتى سەۋەب بولغانلىقىنى» بىلدۈردى. ئۇ: «خىتايدىكى بىر پەرزەنت سىياسىتى خىتايدا 30 مىليون ئەر كىشىنىڭ ئارتۇق تۇغۇلۇشىغا سەۋەب بولدى. 30 مىليون دېگەن ئاۋسترالىيەنىڭ نوپۇسى بىلەن تەڭ. يەنە بىر ياقتىن خىتايدا ئەمگەك كۈچى ئاز، ياشانغانلار سانى ئاز بولۇشتەك ۋەزىيەت پەيدا بولدى. . . خىتاينىڭ سىياسىتى خىتاي ئىچىدىكى ئاياللارغىلا ئەمەس، باشقا جايلاردىكى ئاياللارغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. ئادەم ئەتكەسچىلىرى نۆۋەتتە بىرما ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئاياللارنى ئەكېلىپ خىتايدا ساتماقتا. . .» دېدى. ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان تۇغۇت چەكلەش ۋە تۇغماس قىلىش سىياسەتلىرىنىمۇ تىلغا ئالدى.
ئاخىرىدا، ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن سۆز قىلدى. ئۇ يىغىندا تەرجىمانلىق قىلغان زۇبەيرە شەمسىدىن خانىمنىڭ تەرجىمانلىقى بىلەن لاگېردا ئۆزىنىڭ ۋە باشقا ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇملارنى قىسقىچە ئاڭلىتىپ ئۆتتى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇ زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ قىسقىچە بايانىدىن كېيىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلىي ئۇنىڭدىن: «سىزچە سىز قامالغان بۇ لاگېرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئايرىپ ئۇلارنىڭ تۇغۇشىنى، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىستراتېگىيەسىمۇ ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئستراتېگىيەسىمۇ؟ سىزنى 2-قېتىم نېمىشقا لاگېردىن قويۇۋەتتى؟» دەپ سورىدى. تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن بۇنىڭغا جاۋابەن: «مەن بۇنىڭ قانداق ئىستراتېگىيەلىكىنى بىلمەيمەن. بىراق لاگېرلاردا بىرىنچى مۇددىئاسى بالا چۈشۈرۈش، تۇغۇت چەكلەش ئىدى. مەنچە ئۇلارنىڭ مەقسىتى ھەر خىل ئاماللار بىلەن ئاياللارنى قىيناش، ئاياللارنى ئازابلاش. چۈنكى ئۇلار ئائىلىلەرنى پارچىلاۋاتىدۇ. چەتئەللەردە ياشاۋاتقانلارمۇ بالىلىرىنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ. بالىلىرى بىلەن جەم بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايۋاتىدۇ. مېنى ئىككىنچى قېتىم قويۇۋېتىشىدىكى سەۋەبنى مەن يولدىشىمنىڭ قازاقىستاندا بولغانلىقى ۋە مېنىڭ داۋايىمنى قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايمەن» دەپ جاۋاب بەردى.
جېف مېركىلىي ئەپەندى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ ئۆزى ۋە ھازىرمۇ لاگېرلاردا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئاشكارىلاپ كۆرسەتكەن زور جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدى ۋە رەھمەت ئېيتتى. ئارقىدىن يىغىندىكى باشقا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىمۇ يىغىندىكى سۆز قىلغۇچىلاردىن سوئال سورىدى.
يىغىندىكى مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر خىتاي ئاياللىرىنى تۇغۇشقا تەشەببۇس قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغۇشىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى، تۇغماس قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.
دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىمدىن تەلەپ-پىكىرلىرىنى سورىدى. تۇرسۇنئاي خانىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى، مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى ئاياغلاشتۇرۇش ۋە شۇنداقلا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىنىش ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەلىي قەدەم تاشلىشى كېرەكلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى. مەجلىس ئەزالىرىمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن ئۆزلىرىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىنىڭ ئۆتۈشىگە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.