قازاقىستان پۇقراسى تۇرسۇنئەلى بەگدۆلەت: ئاخباراتنىڭ كۈچى بىلەن خىتاي مەندىن ئەپۇ سورىدى

0:00 / 0:00

قازاقىستان پۇقراسى تۇرسۇنئەلى بەگدۆلەت ئۆتكەن ئايدىكى ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتا تۇغقان يوقلاش زىيارىتى داۋامىدا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئاۋارىگەرچىلىكىگە ئۇچرىغان ۋە پاسپورتى تارتىۋېلىنغان، ئۇ نەق مەيداننى سىنغا ئېلىپ ئەھۋالنى قازاقىستاندا ياشاۋاتقان قىزىغا مەلۇم قىلغان، رادىيومىز بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن نىلقاغا تېلېفون قىلىپ ۋەقەنى دەلىللىگەن ۋە خەلقئاراغا ئاشكارىلىغانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۇرسۇنئەلى ئاخباراتنىڭ كۈچى بىلەن خىتاي تەرەپ ئۇنىڭغا پاسپورتىنى قايتۇرۇپ بېرىپلا قالماستىن، قىلغان ئاۋارىگەرچىلىكى ئۈچۈن ئۆزىدىن قايتا-قايتا ئەپۇ سورىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نىلقا ناھىيەسىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئاۋارىگەرچىلىكىگە ئۇچرىغان قازاقىستان پۇقراسى تۇرسۇنئەلى بەگدۆلەت، بىر ئايلىق تۇغقان يوقلاش زىيارىتىنى مۇشۇ ئاينىڭ 11 ‏-كۈنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، قازاقىستانغا ئامان ئېسەن قايتىپ كەلگەن. ئۇ، 19-يانۋار رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نىلقادىكى ۋاقتىدا ئۇچرىغان ئاۋارىگەرچىلىكىنىڭ يەنە بىر قىسىم تەپسىلاتى، بولۇپمۇ، ئەھۋال خەلقئاراغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن خىتاي تەرەپتە يۈز بەرگەن پوزىتسىيە ئۆزگىرىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ پاسپورتىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقى ۋە ساقچىلارنىڭ ئۆزىنى سوراقخانىدا تۆمۈر ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ، جىنايەتچى قاتارىدا مۇئامىلە قىلغانلىقىنى قازاقىستاندىكى قىزىغا ۋىدىيو ئارقىلىق يەتكۈزگەن ۋە بۇ ئەھۋال تېلېفون زىيارەتلىرىمىز ئارقىلىق دەلىللىنىپ خەلقئاراغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي تەرەپنىڭ پوزىتسىيەسىدە بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. دەسلەپتە، ئۇنىڭ قازاقىستان پۇقرالىقىنى كۆزگە ئىلمىغان ۋە پاسپورتىنى تارتىۋالغان خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭغا پاسپورتىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. دەسلەپتە ئۇنى 10 يىل بۇرۇنقى قاتناش ۋەقەسى ئۈچۈن 18 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلەشكە قىستىغان ساقچىلار، ئارىدىن 3 كۈن ئۆتكەندە مەزكۇر قاتناش دېلوسىنىڭ تاقالغانلىقىنى ئېيتقان. دەسلەپتە ئۇنى سىلكىپ ۋە دۈشكەللەپ، ھەتتا قولىنى ئارقىسىغا باغلاپ تۆمۈر ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزغان ساقچىلار، ئاقىۋەتتە ئۇنىڭغا دوستانىلىك ۋە ھەمكارلىق ھەققىدە تەكلىپ-تەۋسىيەلەردە بولغان؛ ئىككى دوست دۆلەت پۇقرالىرىغا خاس ئۆزئارا يۈز خاتىرە قىلىشنى تەلەپ قىلغان ھەم ئۇنىڭ كېلەچەكتىكى سەپەرلىرىگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدىلەر بەرگەن. تۇرسۇنئەلى بەگدۆلەت بولسا، ئەھۋالنى خەلقئاراغا ئاشكارىلاشقا خىتاي تەرەپنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ۋە پاسپورتى قولىغا تەگمىگەن تەقدىردە، ئەھۋالنى خەلقئاراغا ئاشكارىلاشنى توختاتمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ باشتىن ئاخىر، مۇستەقىل قازاقىستان دۆلىتىنىڭ پۇقراسىغا خاس دادىل ۋە كەسكىن پوزىتسىيەدە بولغان، ساقچىلار ھەددىدىن ئاشقاندا، ئۇمۇ قوپال سۆزلەر بىلەن ساقچىلارنىڭ دەككىسىنى بەرگەن. ئۇنىڭ ساقچىلارنى يۈزىدىن يۈزىگە «خىتاي» دەپ خىتاب قىلىشى، ئەتراپتىكى بەزى كىشىلەرنى چۆچۈتكەن.

ماجىرانىڭ ئاخىرىدا خىتاي تەرەپ تۇرسۇنئەلىگە پاسپورتىنى قايتۇرۇپ بەرگەن ۋە ئىش بېجىرىشتە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. تۇرسۇنئەلى قارشى تەرەپتىن، تۇغدۇرغان ئاۋارىچىلىكى سەۋەبلىك ئۆزىدىن ئەپۇ سوراشنى ۋە تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلغان. ساقچىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ئىش بېجىرگەن ساقچىلارغا ۋاكالىتەن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىغان.

تۇرسۇنئەلى بۇ ماجىرادا ئۆزىنىڭ باشتىن ئاخىر قەتئىي پوزىتسىيەدە بولۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ كىشىلىك قەدىر قىممىتىنى قوغداپلا قالماستىن، خىتاي ساقچىلىرىغا ھەددىنى بىلدۈرۈپ قويغانلىقى ۋە قازاقىستانلىق زىيارەتچىلەر يولۇقىدىغان ئاۋارىگەرچىلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىپ باققانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە بۇ جەرياندا، ئەھۋالنى خەلقئاراغا يەتكۈزۈشتە رول ئوينىغان پائالىيەتچى ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىغا، جۈملىدىن رادىيومىزغا ئالاھىدە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.