2001-يىلى يېڭى يىل كېچىسى ئۈرۈمچىدىكى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەتكار نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭ «تەمبۈر كېچىلىكى» دە شائىر تۇرسۇنجان ئەمەت «قانغا بويالغان ناخۇن» دېگەن شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، كېچىلىككە قاتناشقان تاماشىبىنلارنىڭ قاتتىق تەسىرلەندۈرگەنىدى. شۇ كۈندىن بۇيان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەقىب قىلىشىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان شائىر تۇرسۇنجان ئەمەتنىڭ 9-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇنجى قېتىم سوتلانغانلىقى، ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ 12 يىل، ئۇنىڭ كىچىك قىزى نازىلە تۇرسۇننىڭ 3 يىل كېسىۋېتىلگەنلىكى ئادۋوكاتى ئارقىلىق بىلدۈرۈلگەن.
تۇرسۇنجان ئەمەتنىڭ ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان كۈيئوغلى دوغان ئەردوغان ئەپەندى قېيناتىسى ۋە قېيىنسىڭلىسى ھەققىدە توختىلىپ ئۇلارنىڭ 9-ئاينىڭ 14-كۈنى سوتلانغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «9-ئاينىڭ 14-كۈنى سوتلاندى. 2001-يىلى يېڭى يىل كېچىسىدە شېئىر ئوقۇدى دېگەن جىنايەت بىلەن سوتلاندى. 3 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن 12 يىل كېسىلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ، شېئىرنى مەنمۇ ئوقۇدۇم، ئۇنىڭدا بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگۈدەك بىر مەزمۇن يوق. بۇ شېئىردىن تۈپەيلى ‹خەلقنى بۆلگۈنچىلىككە رىغبەتلەندۈردى› دەپ ئەيىبلەپ 12 يىل قاماق جازاسى بېرىپتۇ».
مەلۇم بولۇشىچە، 2001-يىلى يېڭى يىلدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر تەمبۈر كېچىلىكى شائىر تۇرسۇنجان ئەمەت ئوقۇغان «قانغا بويالغان ناخۇن» ناملىق شېئىر بىلەن تارىخىي بىر ۋەقەگە ئايلانغان. شۇ كېچىلىك سەۋەبلىك تالانتلىق تەمبۈرچى مەرھۇم نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن خىزمىتىدىن ئايرىلغان. شۇ كېچىلىكتىن كېيىن شائىر تۇرسۇنجان ئەمەت 24 سائەت سولاپ قويۇلغان. كېيىن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كۆزىتىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. 16 يىل مۇشۇ خىل شەكىلدە ئاۋارىچىلىككە ئۇچراپ كەلگەن تۇرسۇنجان ئەمەت 2018-يىلى 9-ئايدا غۇلجا شەھىرىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇ تۇتۇپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىلگەندىن دەل ئىككى يىل كېيىن سوتقا چىقىرىلغان. ئىگىلىشىمىزچە باشقا كىشىلەر سوتقا چىقىرىلماستىن قولىغا نەچچە يىل كېسىلگەنلىكى توغرىسىدىكى ھۆكۈم خېتى بېرىلگەن بولسا، شائىر تۇرسۇنجان ئەمەتنىڭ بارلىق ئائىلە-تاۋىئاباتلىرى غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە بېرىپ سوتقا قاتناشقان. كۈيئوغلى دوغان ئەردوغان ئەپەندى بۇ جەريان توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۆزى غۇلجادا ئىدى، ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىلىپ 2 يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن سوتلاندى. سىزگىمۇ مەلۇم ئۈرۈمچىدە سوتقا ئائىلىسى چاقىرىلمايتتى. كىشىلەر سوتلانمايلا قولىغا ھۆكۈم قەغىزى تۇتقۇزۇلۇپ قويۇلاتتى. قېيناتام سوتلاندى، سوتقا ئائىلە ۋە بالا-چاقىلىرىدىن 8 كىشىنىڭ غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە بېرىپ قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىپتۇ. مەنچە خىتاي كىشىلەرنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان بولۇشى مۇمكىن».
ئەردوغان ئەپەندى تۇرسۇنجان ئەمەتنىڭ سوتلىنىپ ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن 12 يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ بىلدۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «9-ئايدىكى سوتتا 10 كۈندىن كېيىن ھۆكۈمنى جاكارلايمىز دېگەن ئىكەن. بىز ئۈمىدۋار ئىدۇق. ساقلىدۇق 10 كۈن ئۆتتى بىر گەپ يوق. ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن 12 يىل قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئادۋوكاتى ئارقىلىق ئائىلىسىدىكىلەرگە بىلدۈرۈپتۇ. قېيناتام تۇرسۇنجان ئەمەت ئەپەندى بۇ ئەيىبلەشنى قوبۇل قىلمايمەن دەپ ئىلتىماس سۇنۇپتۇ. ئادۋوكاتىنىڭ ئېيتىشىچە يېقىندا قايتا سوتلىنىدىكەن».
ئىگىلىشىمىزچە خىتاي 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ كۆپ ساندا يازغۇچى، شائىرلارنىمۇ لاگېرغا تاشلىغان، تۇرسۇنجان ئەمەتنى بولسا «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ كېسىۋەتكەن.
ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ سىياسىي مەدەنىيىتىدە قەدىمدىن تارتىپ پىكىر ئەركىنلىكى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىمۇ «ئېچىلىپ سايراش» دەپ خەلقنى پىكىر بايان قىلىشقا چاقىرىپ، پىكرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن جازالىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ھازىرمۇ شۇ تاكتىكىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
تۇرسۇنجان ئەمەتنىڭ كۆپ ساندا شېئىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بەزى شېئىرلىرى ئۇيغۇر ناخشىلىرىدا تېكىست قىلىپ ئوقۇلماقتا.