نېيتىن دۇدلېس، تۇرسۇنجان نۇرمەمەتكە ئوخشاش تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

0:00 / 0:00

ئامېرىكادىكى «يىپەك يولى تىنچلىق ھەرىكىتى» جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى نېيتىن دۇدلېس ئەپەندى يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇ گۇۋاھلىق ۋىدىيوسىدا تۇرسۇنجان نۇرمەمەتنىڭ ئامېرىكادىكى ئوقۇش ھاياتى ۋە خىتايغا قايتقاندىن كېيىنكى خىزمەت ھاياتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان. ئۇ، مۇشۇنداق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئەسەبىيلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن ھەيران قالغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تۇرسۇنجان نۇرمەمەت 2009‏-يىلىدىن 2016‏-يىلىغىچە ئامېرىكادا ئوقۇغان ۋە خىزمەت قىلغان بولۇپ 2016-يىلى ۋەتەنگە قايتقان ئىكەن. ئۇ 2017-يىلىنىڭ ئاخىرى شاڭخەي توڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىغا خىزمەتكە چۈشكەن. بۇ جەرياندا توردىكى ئىلمىي پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ئۇ توردا «تۇرسۇنجان بىلگە» نامى بىلەن تونۇلغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 4‏-ئاي ئەتراپىدا تور دۇنياسىدىن تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن. رادىيومىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەكشۈرۈشلىرى داۋامىدا، تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان توڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خادىمى ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىدى.

نېيتىن دۇدلېس ئەپەندى تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ئۈچۈن بەرگەن گۇۋاھلىقى ھەققىدە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ئۈچۈن مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچلىق يۈز بېرىۋاتقان مەزگىلدە خىتايقا قايتقانلىقى مېنىڭ دىققىتىمنى تارتتى. مېنىڭچە، ئۇ ئۆزىنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىغا ئىشەنگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرى خىتاينىڭ ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىگىمۇ پايدىلىق بولغاچقا، ئۆزىگە بىر ئىش بولمايدۇ، دەپ قاراپ خىتايغا قايتقان. ئەمما ئاخىرىدا ئۇمۇ باشقا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئوخشاش تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭ ئەھۋالى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلمىي تەتقىقاتلار ئارقىلىق خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ھېچقانداق ئېھتىياجى يوق، ھەتتا ئىلىم ساھەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ «ئەسەبىيلىك» ياكى باشقا جىنايەتلەرگە باغلاپ تۇتقۇن قىلىۋېرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنڭ بۇ خىل سىياسەتلىرى پەقەت ئەقىلگە سىغمايدۇ. تۇرسۇنجاننىڭ ئەھۋالى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ قانچىلىك بىمەنە ۋە ئادالەتسىز ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

نېيتىن دۇدلېس ئەپەندى يېزا-ئىگىلىك مۇتەخەسسىسى بولۇپ، ئۇ 1988-يىلى ئۈرۈمچىگە بارغان. ئۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 19 يىلدەك ياشىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان نۆۋەتتكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن، ئۇ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە. ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا ئۇ 780 كىلومېتىرلىق «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك سەپىرى»، يەنى دالادا پىيادە مېڭىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان.

ئۇ ئامېرىكادا نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشقا قاتناشقان. ئۇ ئۆزى قۇرغان «يىپەك يولى تىنچلىق ھەرىكىتى» جەمئىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ جەمئىيەتنىڭ سىياسەتكە بەك ئارىلاشمايدىغان، ئەمما ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن ھازىرلانغان بىر سەھنە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئامېرىكادىكى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلسا، بۇ ئادالەتسىزلىكلەرنى توختىتىشقا مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىر-بىرلەپ تۇتۇلۇپ كەتكەن زىيالىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر خەلقى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشلىرى ئالدىدا ئىنتايىن ئاجىز ھالەتتە تۇرماقتا. لېكىن مەن تارىختىكى ئادالەتسىزلىكلەر ۋە ئاخىرىدا جازاغا تارتىلغان زالىملارنى ئويلىغىنىمدا يەنىلا ئۈمدلىنىمەن. دۇنيادا يەنىلا ئادالەتنى سۆيىدىغان كىشىلەر ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان دۆلەتلەرمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ. دۇنيا تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ھەر قانداق بىر زۇلۇمنىڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئادالەت ئارقىلىق غەلبە قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ زۇلۇم بەلكىم بەك ئۇزۇن سۈرۈشى، ھەتتا بىزنىڭ ھاياتىمىز بۇ ئادالەتنى كۆرۈشكە يەتمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن ئاخىرىدا ئادالەتنىڭ غەلبە قىلىدىغانلىقى ئېنىق. ئەلۋەتتە، مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىنىڭ ئۇنچە ئۇزۇن سۈرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇڭا مېنىڭ ھەممەيلەنگە دەيدىغىنىم، بۇ بىر ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان جەريان، شۇڭا ھەرگىز ۋاز كەچمەسلىكىمىز كېرەك. ئۆزىمىزگە چۈشكەن ۋەزىپە كېچىك بولسىمۇ، بىز ئۇنى ھېچ ئىشقا يارىمايدۇ، دەپ قارىساقمۇ، ئەمما بۇ مەسئۇلىيەتنى چوقۇم ئادا قىلىشىمىز كېرەك.»

ئۇ زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ تۇرسۇنجان نۇرمەمەتكە ئوخشاش زىيالىيلار ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى: «ئەگەر سىلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلسەڭلار، تەپسىلاتىنى ماڭا ئەۋەتسەڭلار بولىدۇ. مەن تۇرسۇنجانىڭ دېلوسىغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ گۇۋاھلىق ۋىدىيولىرىنى ئىشلەپ تارقىتىشنى داۋاملاشتۇرىمەن.»