«تۈرك دۆلەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-11-17
Share
«تۈرك دۆلەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇشى تەنقىدكە ئۇچرىدى 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۈرك دۆلەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ يىغىنى.
Social Media

مەلۇم بولغىنىدەك 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن تۈركىيە بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 2009-يىلىغىچە ھەر يىلى بىر قېتىم «تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنى» نامىدا يىغىن چاقىرىپ كەلگەنىدى. مەزكۇر دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن 2009-يىلى «تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر كېڭىشى» قۇرۇلغانىدى. قۇرغۇچى دۆلەتلەر تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىن ئىبارەت ئىدى. 2019-يىلى ئۆزبېكىستانمۇ تۈرك كېڭىشىگە ئەزا بولدى.

2021-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، تۈرك دۆلەتلىرى ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنىدا «تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر كېڭىشىنىڭ نامى «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى» دەپ ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، تۈركمەنىستان دۆلىتى كۆزەتكۈچى دۆلەت سۈپىتىدە ئەزا بولغان.

ئىگىلىشىمىزچە يىغىندا دۇنيا ۋە رايون خاراكتېرلىك بەزى مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى تىلغا ئېلىنمىغان. بۇ ئەھۋال تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا: «قېرىنداش تۈرك دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىش بولۇپتۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تىلغا ئالماسلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. شەرقىي تۈركىستان تۈرك دۇنياسىنىڭ دەل مەركىزىدە، ‹دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك›، ‹قۇتادغۇ بىلىك› كە ئوخشاش تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق ئەسەرلىرى يېزىلغان جاي، ئالىي كېڭەشتە ئۇلارنى نېمىشقا تىلغا ئالمايسىز؟» دەپ يېزىلغان.

باش كاتىپلىق ئورگىنى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق تۈرك دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى تىلغا ئالماسلىقىدىكى سەۋەب نېمە؟

بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تۈرك دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپلىق ئورگىنىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوندا ئۆزىنى مۇستافا دەپ تونۇشتۇرغان كىشى، «ئېلخەت يېزىڭ جاۋاب بېرىمىز» دېگەن بولسىمۇ جاۋاب قايتۇرمىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ياخشى پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى مەزكۇر يىغىندا تۈركىي مىللەتلەر ئائىلىسىنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈرك خەلقلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن دۇچار قىلىنىۋاتقان جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى، ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنىڭ چەكلىنىشى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكلىرىنىڭ بوغۇلۇشى قىسقىسى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا ئۇچرىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقىنىڭ زور كەمچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن قىرىم تاتارلىرى دۇچار بولۇۋاتقان تراگېدىيەلەرنىڭ مەزكۇر يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقى زور كەمچىللىك. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان پوزىتسىيەسى دەپ ئويلايمەن. چۈنكى تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى مەۋجۇت. باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېخىچە شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى يوق. مەنچە تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىتى بولۇشى كېرەك».

«كېلەچەك» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى تۈرك دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى كىشىلەرنى بەكلا سۆيۈندۈرىدىغان بىر ئىش. لېكىن بۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تىلغا ئالماسلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىرلىكنىڭ قۇرۇلۇشى بەكلا ياخشى ئىش. بۇ ئىقتىسادىي، مەدەنىي ۋە تىجارەت جەھەتتىكى بىرلىك بولسۇن. لېكىن بۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ۋە دىنداشلىرىنىڭ تراگېدىيەسىگە قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھۆكۈمىتى، ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ›جازا لاگېرلىرى‹ھەققىدە قارار چىقىرىۋاتقان ھەتتا بەزى پارلامېنتلار بۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈرك دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى بايان قىلغان».

پېشقەدەم سىياسەتچى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى» نىڭ بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى، ئەمما شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ بۇ تەشكىلاتنىڭ بىرىنچى مەسىلىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان، قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىمجومارت توقايېف، ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېف، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيايېف، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سادىر جاپاروف ۋە تۈركمەنىستان دۆلەت پرېزىدېنتى گۇربانقۇلى بەردىمۇھەمەدوف ئىشتىراك قىلدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت