بەزى تۈرك ژۇرنالىستلار خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلانماقتا

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.08.06
sayahet-video-xitay-teshwiqati خىتاينىڭ ئىچىدە چەكلەنگەن خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىلىۋاتقان، «ساياھەت ۋىدىيولىرى» نامىدا تارقىتىلىۋاتقان ۋىدىيولارلاردىن كۆرۈنۈش.
Photo: RFA

يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى بەزى ژۇرنالىستلارنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ، بەختىيار ۋە بىخەتەرلىك» ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى «ئىجابىي» سۆزلىرىنى خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاراتقۇلىرى ئارقىلىق تارقىتىپ تەشۋىق قىلىشى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە.

4-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ شىنخۇا تورىدا ئېلان قىلىنغان «تۈرك ژۇرنالىست: شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى خىتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسىنىڭ ئىسپاتى» ماۋزۇلۇق خەۋەر دەل بۇنىڭ بىر دەلىلىدۇر. مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيەلىك ژۇرنالىست ھەسەن بۆگۈن ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە قەشقەر ساياھەتلىرىدە كۆرگەنلىرىنى ۋە تەسىراتىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئاڭلاتقان. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى زور «تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش» لەرنى ماختىغان ھەتتا چەت ئەللەردە دېيىلىۋاتقاندەك ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىم ۋە توقۇنۇشلارنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ، ئىنگلىز تىلىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ۋىدىيولۇق خەۋەردە مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭ خىتاي سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇتۇقىدۇر. مەسىلەن، شىنجاڭ ھەر ھالدا2010-يىللىرىدا خىتاينىڭ ئەڭ نامرات رايونى ئىدى. خىتاي بۇ نامراتلىقنى يوق قىلىۋەتتى. بەكلا تەرەققىي قىلىپتۇ، قاتناش تەرەققىي قىلىپتۇ، يېزىلارغىچە سەھىيە خىزمىتى ئومۇملاشتۇرۇلۇپتۇ. مەن بۇ جايلاردا كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسنىڭ كامىل ئىكەنلىكىنى كۆردۈم».

ئۇ، يەنە مۇنداق دېگەن: «بۇ يەردە چەت ئەللەردە تەشۋىق قىلغاندەك، خىتاي داۋاملىق بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا قارشى نارازىلىق قىلىۋاتقان توقۇنۇشمۇ يوق ئىكەن. مەن بۇ رايوننى تەرەققىي قىلمىغان، قالاق بىر رايون دەپ ئويلىغانىدىم. لېكىن، ئۇنداق ئەمەس ئىكەن».

بىز ئۇيغۇر ئېلىنى ئايلانغاندىن كېيىن خىتاي ئاخباراتىغا بۇ باياناتنى بەرگەن ئوبزورچى ھەسەن بۆگۈن ئەپەندىنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭغا ئېلخەت يازغان بولساقمۇ جاۋاب قايتۇرمىدى.

تۈركىيەنىڭ سائادەت ۋە كېلەچەك پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا مەسئۇلى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى بۇ توغرىلىق سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بۇنداق مۇخبىرلارنى ئەمەس، ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەتنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشى كېرەك. 2018-يىلىدىن تارتىپ بۇنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز، بۇ تەلەپلىرىمىزنى خىتاي تېخىگىچە ئورۇنلىمىدى. خىتاي

راستىنىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوقلۇقىنى ئىسپاتلايمەن دەيدىكەن، بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ خالىغان جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، خالىغان كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈشىمىزگە دەرھال رۇخسەت قىلىشى كېرەك».

ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى، خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم تۈرك سىياسەتچى، دىپلومات، مۇخبىر، تەتقىقاتچى-مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى يېپىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بىر يىلدىن بۇيان بۇنداق بىر سىياسەتنى يولغا قويدى. بۇنى نورماللىشىش ياكى نورماللاشتۇرۇش دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. بۇنىڭدىكى مەقسەت خىتاي ۋەتەننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولۇپ كەتكەنلىكىنى، بۇرۇنمۇ زۇلۇمنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى دۇنياغا چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت. شۇڭا مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن تۈركىيەدىن تەكلىپ قىلىنغان ئادەملەرنى خىتاي ئۆزى تاللاپ، ئايلىنىدىغان جايلارنىمۇ خىتاي بەلگىلەپ بېرىدۇ. لېكىن ئۆتكەندە گېرمانىيەدىن ئۆزلىرى بېرىپ ئايلىنىپ كەلگەن تۈركلەرنىڭ كۆرگەنلىرى ئوخشىمايدۇ».

ئۇيغۇرلار 70 يىلدىن بۇيان ئۆزلىرى بىلەن قېرىنداش بولغان تۈرك خەلقىگە خىتاي زۇلمىنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ، 2017-يىلىدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقمۇ تۈركىيەدە بىلىندى. شۇڭا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار «بەختلىك تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتىدۇ» دەيدىغان تەشۋىقاتى ئۇيغۇرلارنى ئەنسىزلىككە سالماقتا. مەۋلان تەڭرىقۇت بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ خىل خەۋەرلەر تۈرك خەلقىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ دېگەندە ئۆزگەرتەلەيدۇ. ھەممىسىنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتەلمىسىمۇ، ئوتتۇرىدا قالغان راستىنىلا مۇشۇنداق ئىش بارمىدۇ؟ دەپ ئىككىلىنىپ قالغان، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ نەرسە بىلمەيدىغان، بىز توغرىلىق گەپلەرنى ئۇ يەردە بۇ يەردە ئاڭلاپ قالغان كىشىلەر بار. بۇ خىل كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن.»

پېشقەدەم پائالىيەتچى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى خىتاي كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يېپىش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ئۆزى بىلەن ئىدىيە جەھەتتىن ئوخشاش بولغان سولچىل ژۇرنالىستلارنى، مۇتەخەسسىسلەرنى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىنى تەكلىپ قىلىپلا قالماستىن، ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشتىكى كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلارغا خىتاينى ماختاپ سۆزلىتىپ ياكى ماقالە يازدۇرۇۋاتقانلارنى، بۇ كىشىلەرنى ۋىجدانىنى ئىجارىگە بەرگەنلەر دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ «بەختىيار» ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان تۈرلۈك تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتسىمۇ، لېكىن ھەق-ئادالەت ئالدىدا خىتاينىڭ بۇ غەرەزلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق زوراۋانلىق سىياسىتى ۋە چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئېغىر بولۇشى، ھەتتا بۇنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىغا خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، خەلقئارا قانۇنلارغىمۇ خىلاپ ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلىنىشى، خەلقئارا جامائەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان پەيتتە، خىتاينىڭ تۈركلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتىنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.