مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىدە، قەشقەر تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ 8 نەپەر ئوقۇتقۇچىسى، يەنى مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچىلەر سانىنىڭ %20 ئى تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
قەشقەر «كوناشەھەر ساقچى ئارخىپلىرى» دىكى تۇتقۇنلار توغرىسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، تېلېفونىمىز قەشقەر شەھەر ئىچىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ساقچى خادىمىغا ئۇلاندى. بۇ خادىم ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىخانىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەسىدە بولغان قەشقەر تەنتەربىيە مەكتىپىدىكى تۇتقۇنلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، مەكتەپنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئادىل تۇرسۇن، ئامىر، ئوسمانجان ۋە قەيسەرجانلار، 2017-يىلىنىڭ بېشىدىلا تۇتقۇن قىلىنغان. دېيىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئارقىدىن، تەكۋاندو ماھىرى ۋە ترېنېر ئابدۇشۈكۈر تۇتۇپ كېتىلگەن. ئاندىن نۆۋەت ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئەسقەرجانغانغا كەلگەن؛ ئاخىرىدا، مەكتەپ خوجىلىق بۆلۈمىنىڭ ئىشچىسى نۇرمەمەت ياسىنمۇ چەتتە قالمىغان.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، مەزكۇر مەكتەپنىڭ ۋالىبول ئوقۇتقۇچىسى، سابىق مەشئەل يەتكۈزگۈچى ئالىمجان ماھمۇتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ 60 چە ئىشچى-خىزمەتچىسى بار بولۇپ، بۇنىڭ تەڭدىن تولىسىنى خىتايلار ئىگىلەيدىكەن. شۇنداق بولغاندا، تۇتقۇنلار، مەزكۇر مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ %20 چە قىسمىنى تەشكىل قىلغان.
ئۇيغۇريار فوندىنىڭ تۇتقۇندىكى زىيالىيلار تىزىملىكىدە، قەشقەر ۋىلايەتلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىدىن مەمتىلى ۋاھاپ قاتارلىق 6 كىشىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ۋە ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، مەزكۇر ئىدارىدىكى ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭمۇ %15 نىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن.
ئەجەبلىنەرلىكى، قەشقەر تەنتەربىيە مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلىرىلا ئەمەس، ساقچى خادىملىرىمۇ مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس ئىكەن. «كوناشەھەر ساقچى ئارخىپلىرى» دا، كۆپ ساندا تۇتقۇنلارنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبلىرى بەزىدە تېرمىن، بەزىدە نومۇر بىلەن كاتېگورىيەگە ئايرىلغان؛ يەنە بەزى تۇتقۇنلار ئۈچۈن «تۇتۇلۇش سەۋەبى ئېنىقسىز» دەپ قەيت قىلىنغان. مەزكۇر ساقچى خادىمى، قەشقەر تەنتەربىيە مەكتىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە خەۋىرى يوقلۇقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە، ئۇلارنىڭ «يامان گەپ-سۆزلەر بولغان جايدا تۇرۇپ قىلغانلىقى» ھەققىدە جەمئىيەت ئۇچۇرلىرى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
قەشقەر «كونا شەھەر ساقچى ئارخىپلىرى» دا، «گۇمانلىق كىشىلەر بىلەن بىللە تۇرۇپ قېلىش» دېگەن بىر كاتېگورىيەمۇ ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارالغاندا، مەزكۇر مەكتەپتىكى تۇتقۇنلارنىڭ تۇتقۇندىكى ئائىلە تاۋابىئاتى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى ۋە ياكى كۆڭۈل يېقىنلىرى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىق ئېھتىماللىقى ئىشارەتلەنمەكتە.