قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق يېزىسىلىق بىر مۇھاجىرنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئىنكاسىدا تاۋاقچى كەنتىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 100 نەچچە كىشى ئىچىدىن پەقەت بىرلا كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە 6 كىشىنىڭ تۈرمىدىن جەسىتى چىققانلىقى قەيت قىلىنغانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، مەزكۇر كەنتتىن ئۆلگەن 6 كىشىنىڭ ئىسىملىرى ئايدىڭلاشتى. شۇنداقلا بۇلاردىن بۇ يىل روزا ھېيت ھارپىسىدا تۈرمىدىن جەسىتى چىققان مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئىمىننىڭ ئايالى نۇرىمانگۈل ھاشىمنىڭ جەسەتنى كۆرگەندىن كېيىن يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ۋاپات بولغانلىقى ئاشكارىلاندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
2017-يىلى چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق يېزىسى تاۋاقچى كەنتىدىن 120 كىشىنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى، بۇلاردىن ھازىرغا قەدەر، پەقەت بىرلا كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە 6 كىشىنىڭ جەسىتى چىققانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر يىپ ئۇچىنى ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، تۈرمىدىن جەسىتى چىققان 6 كىشىنىڭ ئىسىملىرى ئايدىڭلاشتى. خانئېرىقتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچى خادىملىرىدىن بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئالتە كىشى تۇرسۇن ئابدۇكېرىم، ھاشىمجان، مەمەتتۇرسۇن ئىمىن، مەمەت ئىمىن قاتارلىقلاردۇر. دېيىلىشىچە بۇلارنىڭ تۈرمىدىن جەسىتى چىققاندىن كېيىن كەنت ساقچىلىرىنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى مەزكۇر جەسەت تەۋە ئائىلىلەرگە ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەش ۋە ئۆلۈم ھەققىدە جەمئىيەتتە سۆز-چۆچەك تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولغان.
خانئېرىقتىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۇزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرەيلەننىڭ بايان قىلىشىچە، تۈرمىدىن ھەر قېتىم جەسەت چىققاندا كەنتتە ھەربىي ھالەت شەكلىدە جىددىيچىلىك پەيدا بولغان. سىرتتىن كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلماسلىق، سۆز-چۆچەك تارقاتماسلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشلار قايتىدىن ئاھالىلەرنىڭ ئېسىگە سېلىنغان. مۇسىبەتلىك ئائىلە زاراتگاھلىقى ئاز دېگەندە بىر ھەپتىگىچە ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇرغان.
بۇ كىشىنىڭ يەنە ئاشكارىلىشىچە، تاۋاقچى كەنتىدە تۈرمىدىن ئەڭ يېقىندا جەسىتى چىققان كىشى 32 ياشلىق مەمەتتۇرسۇن ئىمىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى نۇرىمانگۈل جەسەتنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ يىغلىغان ۋە جەسەتنى ئېلىپ كەلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارنى ۋە ساقچىلارنى «قاتىللار» دەپ ئەيىبلىگەن. جەسەت يەرلىككە قويۇپ بولۇنغاندىن كېيىن ساقچىلار نۇرىمانگۈلنى ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ كېتىپ سوراق قىلغان. سوراق داۋامىدا نۇرىمانگۈل ھاشىمنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ جان ئۈزگەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان تاۋاقچى كەنتىدىكى بىر ساقچى خادىمى يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى. بۇ خادىمنىڭ دېيىشىچە، تاۋاقچى كەنتىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ياشتا چوڭلار ئاساسلىق قاتناشقان نەزىر-چىراغ، توي-تۆكۈنلەردە قىلىنغان تەبلىغلەرنى ئاڭلىغانلىقى سەۋەبلىك تۇتۇلغان بولسا، ياشلار ئاساسلىقى قول تېلېفونىدىن چىققان «مەسىلىلەر» سەۋەبلىك تۇتۇلغان ۋە كېسىلگەن. نۇرىمانگۈلنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ «دىنىي ئەسەبىيلىك» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، دادىسى ھاشىمجان 3 يىل بۇرۇن تۈرمىدە جان ئۈزگەن، ئانىسى گۈلقىز ھېلىھەم تۈرمىدە جازا ئۆتىمەكتىكەن.
خانئېرىقتا تارقالغان بەزى گەپلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۇرىمانگۈل يولدىشىنىڭ جەسىتىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ يىغلىغان ۋە ساقچىلارنى ئەيىبلىگەن ۋاقتىدا ساقچىلاردىن بىرى ئۇنىڭغا قول سالغان. نۇرىمانگۈلنىڭ ئۆلۈمىگە يۈرەك كېسىلى ئەمەس ساقچىدىن يېگەن تاياق زەربىسى سەۋەب بولغان. مەزكۇر ساقچى خادىمىمۇ نۇرىمانگۈلنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە يۇقىرىقىدەك ئىككى خىل گەپ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
يۇقىرىدا دادىسى ۋە ۋە يولدىشى تۈرمىدە جان ئۈزگەن، ئانىسى تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان نۇرىمانگۈل ھاشىمنىڭ سوراق جەريانىدا جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.