تۋىتتېر خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مىڭلىغان ساختا ھېسابلارنى تاقىغان

تۋىتتېر ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تەتۈر تەشۋىقات ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئالاقىدار 2 مىڭ 160 ساختا تەشۋىقات ھېسابىنى تاقىغان. «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر بۇلارنىڭ «شەرمەندىلەرچە» ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەشۋىقات ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھەرىكەتتە رەسىم، ئاپتوماتلاشتۇرۇلغان ھېسابلار ۋە ساختا ئۇيغۇر ئابونتلار قوللىنىلىپ، «رايوندىكى بەختلىك تۇرمۇش» توغرىسىدىكى دۆلەت تەشۋىقاتى ۋە ساختا ئىسپاتلار تارقىتىلىدىكەن. بۇلار ساختا ئۇچۇر ئارقىلىق رايوندا يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتى، كەڭ كۆلەملىك لاگېرغا تاشلاش قىلمىشى، قايتا تەربىيەلەش پروگراممىسى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ئوپېراتسىيەسى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىدىكەن.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتى (ASPI) نىڭ تەھلىلچىلىرىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، تۋىتتېر تاقىغان 2160 ھېسابتىكى مەزمۇنلار «شەرمەندىلەرچە» ئىشلەنگەن ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىگە باغلانغان بۇ ھېسابلار ئىككى يۈرۈش بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەڭ چوڭىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا مۇناسىۋەتلىك تەتۈر تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىدىغان 2048 ھېساب تورى بار ئىكەن. قالغان 112 خىل ئىككىنچى يۈرۈش ھېساب تورى «چاڭيۈ مەدەنىيىتى» ناملىق بىر شەخسىي شىركەتكە چېتىلىدىكەن. ASPI نىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر شىركەت ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقى مەزمۇن قىلىنغان فىلىملارنى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن توختاملاشقان ئىكەن.

بۇ ھېسابلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ 30 مىڭدىن ئارتۇق تۋىتتېر ئۇچۇرى تارقاتقانلىقى ئېنىقلانغان بولۇپ، تىۋىتتىېرغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيانكەشلىكلەر ھەققىدە ئۇچۇرلار يوللانغان ھامان ئۇلار StopXinjiangRumours# يەنى «شىنجاڭ ئىغۋالىرىنى توختات» ناملىق ھەشتەگ ئاستىدا ئۇنىڭغا قارشى رەسىم ۋە فىلىم قاتارلىق تەتۈر تەشۋىقاتلارنى تارقىتىشقا باشلايدىكەن.

ASPI بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھېسابلارنىڭ 97 پىرسەنتىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بەش نەپەرگىمۇ يەتمەيدىغان بولسا، قالغان 73 پىرسەنتىنىڭ بىرمۇ ئەگەشكۈچىسى يوق ئىكەن. بۇلار تارقاتقان 98 پىرسەنت ئۇچۇر تىۋىتتېردا ياقتۇرۇش ياكى قايتا يوللىنىشقا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، قالغان ئىككى پىرسەنت قىسمىنى دائىم خىتاي دىپلوماتلىرى قايتا تارقىتىپ، مەزمۇننى ئىناۋەتلىك قىلىدىكەن.

ASPI نىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تەشۋىقات ھەرىكىتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەتۈر تەشۋىقات ھەرىكىتىنىڭ يۆنىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن.

ھىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا سوتسىيال مېدىيا سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ تەتۈر تەشۋىقات تارقىتىش ھەرىكىتىنىڭ خېلى كۆپ ئۇچرايدىغانلىقى مەلۇم.

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ «مېتا» شىركىتى خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقات ھەرىكىتىگە چېتىشلىق 500 دىن ئوشۇق ساختا فېيسبۇك ھېسابىنى تاقىغان ئىدى.