تيەنجىن ۋە خوتەندىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يولغا قويۇلغان «دوستلۇق رىشتىسى» تەنقىدكە ئۇچرىدى
2024.01.08

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوتەننىڭ نىيە ناھىيەسى روقىيا يېزىسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن تيەنجىندىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ «بىر-بىرىدىن ئۆگىنىش»، «تۇرمۇش شارائىتىنى چۈشىنىش» ۋە «بىر-بىرىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش» نامىدا يولغا قويغان پروگراممىسى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نىيە ناھىيەسى روقىيا يېزىسى خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن تيەنجىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ قوللىشى ۋە ئاكتىپ ماسلىشىشى بىلەن روقىيا يېزىسى باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە تيەنجىندىكى پىڭشەن باشلانغۇچ مەكتىپى «تيەنجىن ۋە خوتەن» بىر-بىرىگە خەت يېزىش ئارقىلىق ئالاقە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. روقىيا يېزىسى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى 83 پىيونېر تيەنجىندىكى پىڭشەن يولى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن خەت-ئالاقە ئورناتقان. مەزكۇر خەۋەردە بېرىلگەن بىر سىن (ۋىدىيۇ) دا بىر ئۇيغۇر 3-سىنىپ قىز ئوقۇغۇچىنىڭ تيەنجىندىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن خەت تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن «چوڭقۇر ھاياجان ئىچىدە ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلغانلىقى» تەشۋىقات قىلىنغان.
خەۋەردە مەزكۇر مەكتەپتىكى مەسئۇل خادىمنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن: «بىر پارچە خەت تيەنجىن ۋە خوتەندىكى ھەر مىللەت ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىنى بىر-بىرىگە يەتكۈزىدۇ، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ، بىر-بىرىنى قەدىرلەيدۇ، بىر-بىرىدىن ئۆگىنىدۇ ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىدۇ. ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق دوستلۇق رىشتىسى قۇرۇلىدۇ».
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» ۋە «دۆلەت تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش» ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە، يەنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى كۈچلۈك يوسۇندا يۈرگۈزۈش دەپ قارالماقتا. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى ھېنرىك شاجىسكى (Henryk Szadziewski) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پىروگرامما ئارقىلىق ئۇيغۇر بالىلار بىلەن خىتاينىڭ ئالاقىسىنى ۋە سۈنئىي شەكىللەنگەن ‹باغ› نى كۈچەيتىپ، بۇ ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىگە بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يوق قىلىش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئەلۋەتتە، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ رايون سىرتى (خىتاي) بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىش. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نىشان ۋە مەقسەتكە يەتمەكچى. بۇنىڭغا نىيە ناھىيەسى روقىيا يېزىسى خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن تيەنجىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت يولغا قويغان بۇ تۈر ئارقىلىق ئېرىشمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ تۈر ئۇيغۇر بالىلىرى بىلەن خىتاينىڭ ئالاقىسىنى ۋە سۈنئىي شەكىللەنگەن ‹باغ› نى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ مەھەللىسىدىكى ۋە ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىدىكى ئۇلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئالاقىنى ۋە ‹باغ› نى يوق قىلىدۇ. بۇ يەردە يەنە خىتاينىڭ شەرقىدىكى شەھەر تۇرمۇشى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى يېزا تۇرمۇشىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. مېنىڭچە بۇ خىلدىكى تەشەببۇسلار ۋە پائالىيەتلەر ماھىيەتتە يۇقىرىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچ تەرىپىدىن يولغا قۇيۇلىدۇ ۋە ئىجرا قىلىنىدۇ. شۇڭا بۇ تۈر تەرەققىيات سەۋىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك. ئېنىقكى، نامرات ۋە تۆۋەن كىرىملىك رايون تەرەققىي قىلغان شەرقىي دېڭىز قىرغىقى رايونىغا سېلىشتۇرۇلغان. يەنە ناھايىتى مۇھىم بولغىنى، بۇ پىروگراممىغا قاتناشقان بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ رازىلىقى بارمۇ-يوق دېگەن مەسىلىدۇر. مەنچە بۇنى بىلىش بەك قىيىن» .
خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە خوتەن ۋىلايىتىنى مەركەز قىلىپ، ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىككىنچى «ئائىلە» پەيدا قىلىش قاتارلىق ئاسسىمىلياتسىيە، يەنى خىتايلاشتۇرۇش پىروگراممىسىنى بىرقانچە يىلدىن بۇيان تىز سۈرئەتتە يولغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ئۇزۇن يىللار خوتەندە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ۋە ھازىر تۈركىيەدە تەلىم-تەربىيە ۋە تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئابدۇرېھىم دۆلەت نىيە ناھىيەسى روقىيا يېزىسى باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە تيەنجىندىكى پىڭشەن باشلانغۇچ مەكتىپى ئارىسىدىكى «تيەنجىن ۋە خوتەن» پائالىيىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ، بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ خوتەندە 15-يىل بۇرۇن باشلانغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ شەكىل جەھەتتىن يېڭى بولسىمۇ، خاراكتېر جەھەتتىن يالغانچىلىق، ساختىپەزلىك ۋە ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇشتىن باشقا ئىش ئەمەس».
مەزكۇر خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىل خەت-چەكلەر ئارقىلىق ئالاقىلىشىش داۋاملىشىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەلگۈسىدە قەرەللىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ ئالاقە خوتەن ۋە تيەنجىندىكى ھەر مىللەت ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ قەلبنى بىر-بىرىگە باغلايدۇ. ئەنئەنىۋى ئالاقە ئۇسۇلى ئارقىلىق ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى چۈشىنىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. ئۇلار ئارىسىدا دوستلۇق ئورنىتىپ ۋە بىر-بىرىنىڭ قەلبىنى يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئۆزئارا قول تۇتۇشۇپ، قەلبنى قەلبكە تۇتاشتۇرۇپ، بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلىتىدۇ».
ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچى خۇ پىڭ (胡平) ئەپەندى يۇقىرىقى پائالىيەتنى خىتاينىڭ «تەتۈر تەشۋىقاتى» دەپ ئاتىدى. ئۇ، تيەنجىندىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن خوتەن نىيە ناھىيەسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىشىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەمەس، مەجبۇرلاش ئارقىلىق بولغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ، بۇ خىل ۋاسىتە (خەت يېزىش) ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر بالىلىرىغا خىتاي تىلىنى ۋە مائارىپىنى مەجبۇرلاپ ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇش مەقسىتىگە تىز يېتىش ئۈچۈن خەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«خىتاي دائىرىلىرى ئاسسىمىلياتسىيەنى بالىلاردىن باشلىدى. تيەنجىندىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ خوتەن نىيە ناھىيەسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى خەت ئالاقىسى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئەلۋەتتە، سىز تور ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق خەت بىلەن ئالاقە قىلالايسىز. تورنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئالاقە قىلىش تېخىمۇ قولايلىق. قىسقىسى مەن شۇنداق دەپ قارايمەن. لېكىن سىياسەت ئۇنداق دەپ قارىمايدۇ. ئەگەر ئەنئەنىۋى خەت يېزىش ئۇسۇلى بىلەن ئالاقە قىلسا ئەلۋەتتە تۇيغۇ بولىدۇ. خەت يېزىشقان ھەر قايسى تەرەپلەرگە نىسبەتەن كۈچلۈك تەسىر قالدۇرىدۇ. بىز ئادەتتە ئېلېكتىرونلۇق خەت، ئۈندىدار، فېيىسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە شەكلى ئارقىلىق باشقا كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىمىز. تيەنجىندىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ خوتەن نىيە ناھىيەسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىش ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەمەس، مەجبۇرلاش ئارقىلىق بولغان. بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ خىل ۋاسىتە (خەت يېزىش) ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر بالىلىرىغا خىتاي تىلىنى ۋە مائارىپىنى مەجبۇرلاپ ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇش مەقسىتىگە تىز يېتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن خەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. »
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايچە مائارىپ سىستېمىسى ئەڭ ئەقەللىي بولغان پېداگوگىكا قائىدە-پىرىنسىپلىرى ۋە بالىلار پىسخولوگىيەسىگە خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكى مەلۇم. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادىل ئەرئۇيغۇر تيەنجىندىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن خوتەن نىيە ناھىيەسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىشى قارىماققا نورمالدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يولغا قويغان بۇ پىروگراممىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پىسخولوگىيەلىك جەھەتتىن قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
دوكتور ئادىل ئەرئۇيغۇرنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن بۇ خىل پىروگراممىلارنى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مېڭە يۇيۇش خاراكتېرلىك تەلىم-تەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشى، دېموكراتىك دۆلەتلەر، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىغا داۋاملىق قارىتىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن.