يېقىندا ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان ۋە ئۈرۈمچىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سىياسىي ئۆگىنىشى يىغىنىنىڭ نەق مەيدان خاتىرىسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خىتايچە بىر ئاۋاز خاتىرىسىدە تۇتقۇندىكى مەكتەپ مۇدىرلىرى قاتارىدا خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ مۇدىرىنىڭمۇ بارلىقى قەيت قىلىنغانىدى. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، مەزكۇر مۇدىرنىڭ ئىسمىنىڭ ئابابەكرى ئابلەت ئىكەنلىكى ۋە نۆۋەتتە كېرىيە تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى دەلىللىنىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلغان «3 خىل كۈچلەر» گە قارشى زەربە بېرىش تەشۋىقات دولقۇنىدا ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقانلاردىن بىرى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان مەزكۇر ئاۋاز خاتىرىسىدە، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئىككى مۇدىرىنىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى بايان قىلىنىش بىلەن بىرلىكتە، بۇ خىل كىشىلەرنىڭ تولىمۇ خەتەرلىك كىشىلەر ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خوتەندىكى سىياسىي-قانۇن خادىملىرىدىن بىرى، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلاردىن بىرى مۇدىر ئابابەكرى ئابلەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. مەلۇم بولۇشىچە ئابابەكرى ئابلەت ئىلگىرى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ باشلىقى بولغان. تور ئارخىپلىرىدىكى 2012-يىلىغا ئائىت بىر خەۋەردە، ئابابەكرى ئابلەتنىڭ تارىخ پەنلىرى بويىچە دوتسېنت ئىكەنلىكى، ئىچكىرىدە ئېچىلغان بىر مەدەنىي يادىكارلىقلار تەتقىقات يىغىنىدا رىياسەتچى بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. مەزكۇر ئاۋاز خاتىرىسىدە، گەرچە تۇتقۇندىكى باشقا مۇدىرلارنىڭ ئاتالمىش جىنايەتلىرى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئابابەكرى ئابلەتنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ئېغىزغا ئېلىنمىغان. خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئالاقىدار خادىمى ئابابەكرى ئابلەتنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە گەپ قىلىشتىن ئۆزىنى تارتتى. ئەمما يۇقىرىقى سىياسىي قانۇن كادىرى، ئابابەكرى ئابلەتنىڭ خوتەنگە يۆتكىلىپ كەلگىنىگە ئانچە ئۇزۇن بولمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى خىزمەت ئورنىدا ئۆتكۈزگەن خاتالىقى سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئەمما ئۇمۇ ئابابەكرى ئابلەتنىڭ ئېنىق تۇتۇلۇش سەۋەبىنى پەرەز قىلالمىدى. چۈنكى، تور ئارخىپلىرىدىكى خەۋەرلەردىمۇ قەيت قىلىنىشىچە، ئۇ «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە زەربە بېرىش تەشۋىقات دولقۇنى باشلانغاندىن بۇيان، ئۇ ئەڭ ئالدىنقى سەپتە ئورۇن ئالغان. 2017-يىلى كېرىيەنىڭ جاي يېزىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن «ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا ئوچۇق خەت» نامىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارىتا ساداقەت باياننامىسى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئابابەكرى ئابلەتمۇ تەڭرىتاغ تورىدا قەسەمنامە ئېلان قىلىپ، كۆپچىلىكىنى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىشكە چاقىرغان ۋە ئۆزىنىڭمۇ ئۇنى ئۈلگە ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ 2018-يىلى 6-ئايدا لوپ ناھىيەسىدە ئېچىلغان، قەسەمياد يىغىنىدا سۆز قىلىپ؛ پۈتۈن مائارىپ ساھەسىنى «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە سەگەك بولۇشقا دەۋەت قىلغان. ئۇ «تەڭرىتاغ تورى» دىكى چاقىرىقنامىسىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنىڭ زىيالىيلار ئارىسىدا خېلى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، كۆپچىلىكنى بۇ نۇقتىنى ئېتىراپ قىلىشقا ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە دەۋەت قىلغان ۋە ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى جەڭ ئېلان قىلىشنىڭ باشلانغۇچ قەدىمى دەپ شەرھلىگەن. ئۇ خىتاي ھاكىمىيىتىگە ساداقەت بىلدۈرۈشتە ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا چەبدەسلىك بىلەن ئەگەشكەن، ھەتتا بەزى چاقىرىقلاردا، ئۇنىڭدىن ھالقىغان بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈندۇر، خىتاي تەرەپنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشەلمىگەن. ئۇ مەزكۇر مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بارات تۇرسۇنباقى بىلەن بىرلىكتە، نۆۋەتتە كېرىيە تۈرمىسىدە سولۇنۇپ ياتماقتا.
يەنە، «بەيدۇ» توردىكى خەۋەر ئارخىپلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئابابەكرى ئوبۇلقاسىم، 2014-يىلى دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى مەخسۇس ھەرىكەت دولقۇنىدىمۇ، ئالدىنقى سەپتە رول ئوينىغان. ئۇ شۇ چاغدا شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان بىر سىياسىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن توپلانغان 160 چە كىشىگە دىنىي ئەسەبىيىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە لېكسىيە بەرگەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى تەشۋىقات دولقۇنىدا، ساداقەت قەسەمنامىسى ئېلان قىلىپ تۇرۇپمۇ، تۇتۇلۇشتىن خالىي بولالمىغانلار، يالغۇز ئابابەكرى ئابلەت ئەمەس. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ۋە پروفېسسورى تاشپولات تېيىپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇراخمان ئەبەي ۋە شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىلھام ۋەلىلەرمۇ، ئاز دېگەندە بىر قېتىمدىن، «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى بايانات ئېلان قىلغان. ئەمما ئۇلار ئوخشاشلا تۇتقۇندىن قۇتۇلالمىغان. بۇ ئەھۋالغا ئاساسەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر زىيالىيلار تەرىپىدىن 3 يىلدىن بۇيان ئېلان قىلىنغان قەسەمنامىلەرنى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يازمىغانلىقى، بەلكى ئىدارە كاتىپلىرى تەرىپىدىن يېزىلغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
ئىلگىرى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى قۇتلۇق ئالماس، ئۇيغۇرلاردىن ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئىلمىي خادىملارنىڭ ھەرقانچە دىققەت قىلغان تەقدىردىمۇ، خىتاينىڭ تىتاڭ تومۇرىغا تېگىپ كېتىشتىن ساقلىنالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بۇنى ئىلىمنىڭ ۋە ھەقىقەتنىڭ كۈچى دەپ تەسۋىرلىگەنىدى.
0:00 / 0:00