ئۇچتۇرپان يامانسۇ يېزىسىدىكى بىر مەكتەپ مۇدىرى: «يەر تەۋرەشتە يارىلانغان ئوقۇغۇچىلىرىمىزدىن 7 نەپىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر»

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر تەۋرەش ھەققىدە بەرگەن خەۋەرلىرىدە ئۆسمۈر بالىلارغا قىلىۋاتقان «خەيرخاھلىق» كۆرۈنۈشلىرى خېلى بولسىمۇ، ئەمما بالىلارنىڭ زىيان-زەخمەتكە ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ يەر تەۋرەش ئەڭ ئېغىر بولغان ئۇچتۇرپاننىڭ يامانسۇ يېزىسىغا قارىتا تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، مەزكۇر يېزىدىكى بىر ياتاقلىق مەكتەپ بىناسىنىڭ زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغانلىقى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يارىلانغانلىقى ئاشكارىلاندى. مەزكۇر مەكتەپنىڭ بىر خىتاي مۇدىرى يارىلانغان ئوقۇغۇچىلاردىن 7 نەپىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى، 12 نەپىرىنىڭ 29-يانۋار كۈنى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خىتاي تەرەپنىڭ يەر تەۋرەش ھەققىدىكى خەۋەرلىرىنىڭ چولتىلىقى ۋە گۇمانلىقلىقى سەۋەبىدىن، بىز يەر تەۋرەش ئەڭ ئېغىر يۈز بەرگەن ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئۇچتۇرپان بازىرى، ئىماملىرىم يېزىسى ۋە يامانسۇ يېزىسى قاتارلىق جايلارغا تېلېفون قىلىپ، ئاپەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق.

تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، ئۇچتۇرپاندىكى ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ۋە ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى، ئۇچتۇرپاننىڭ يامانسۇ يېزىسىدىكى بىر ياتاقلىق باشلانغۇچ مەكتەپ بىناسىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقى، ئەمما ناھىيەدىكى ئۇچۇر قامالىنىڭ قاتتىقلىقى سەۋەبىدىن، مەكتەپتىكى بالىلارنىڭ زىيان-زەخمەتكە ئۇچراش ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز قالغانلىقىنى ئېيتتى. توردىكى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، يامانسۇ يېزىسىنىڭ 2018‏-يىلدىكى نوپۇسى 10 مىڭ 95 نەپەر بولۇپ، يېزىدا ئاز دېگەندە 3 باشلانغۇچ مەكتەپ، 1100 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى ۋە 100 نەچچە ئوقۇتقۇچى بار ئىكەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرى، ئۆز مەكتىپىدىكى يارىلانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى داۋالانغانلىقى ۋە 12 نەپىرىنىڭ يارىلىرىنىڭ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مەزكۇر ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن مەكتەپ بىناسىنىڭ ھاجەتخانا تېمىدا ئىلگىرى چوڭ بىر دەز (يېرىق) بايقالغان بولۇپ، مەكتەپ رەھبەرلىرى ئەھۋالنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا دوكلات قىلغان بولسىمۇ، مەسىلە تەكشۈرۈلمىگەن ۋە رېمونت قىلىنمىغان ئىكەن. مەزكۇر مەكتەپ مۇدىرى، مەكتەپ بىناسىنىڭ لىفىتىنىڭ رېمونت قىلىنغانلىقى ۋە نۆۋەتتە بىنانىڭ ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى يەنە مەزكۇر مەكتەپ بىناسى ئۆرۈلۈپ چۈشكەندىن كېيىن، بىنانىڭ بىخەتەرلىكىدە مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارالغان ئايدىڭ كەنت سېكرېتارى مەمەت ئايۇپ بىلەن قارا يۇلغۇن كەنت سېكرېتارى جۈمە رېھىم قاتارلىقلارنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى. يۇقىرىقى مەكتەپ مۇدىرى، بىنانىڭ ئۆرۈلۈشىدە مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارالغانلارنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ۋە جاۋابكارلىقى بايقالغان تەقدىردە جازالىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

تور ئارخىپلىرىدىكى ماتېرىياللاردا بايان قىلىنىشىچە، قىرغىزىستان بىلەن چېگراداش بولغان يامانسۇ يېزىسى يەر شەكلى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى سەۋەبىدىن مۆلدۈر ئاپىتى، كەلكۈن ئاپىتى ۋە يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدىغان جاي بولۇپ، بىنا ۋە يوللارنىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۆتكەندە مەخسۇس قۇرۇلۇش پىلانى تۈزۈلگەن ۋە 840 مىڭ يۈەن خىراجەت ئاجرىتىلغان ئىكەن. بۇلتۇر 10‏-ئايدا پۈتتۈرۈلۈپ بولۇشى پىلانلانغان بۇ تۈرنىڭ ئەمەلىيلەشكەن ياكى ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى ۋە ياكى چالا ئەمەلىيلەشكەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

مەزكۇر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ دېيىشىچە، يارىلانغان ئوقۇغۇچىلاردىن 7 نەپىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، ئۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ مېڭىسى زەخىملەنگەن ئىكەن.

ھازىرغىچە ئېنىقلاشلىرىمىزدىن يامانسۇ يېزىسىدا بىر ياتاقلىق مەكتەپ بىناسىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى ۋە ئاز دېگەندە 20 چە ئوقۇغۇچىنىڭ يارىلانغانلىقى ئايدىڭلاشقان بولسىمۇ، ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆلگەنلەرنىڭ بار-يوقلۇقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.