24-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارانىڭ شىنجاڭغا بولغان كۆز-قاراشلىرىنى كونترول قىلىشتىكى ئۇرۇنۇشلىرى» ناملىق بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى «كونترول قىلىش» تىكى تۈرلۈك ئۇسۇللىرىنى بىر-بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، خەلقئارانى خىتاينىڭ ئۇچۇر كونتروللۇقىدىن ئاگاھلاندۇرغان.
مەزكۇر دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىتاينىڭ ئۇچۇر كونترول قىلىش تاكتىكىلىرىنىڭ بىرى، تورداشلارنىڭ بېيجىڭنىڭ قارارلىرىغا زىت مەزمۇنلارنى زىيارەت قىلىشنى چەكلەش ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى قوللاشنى تەشەببۇس قىلىدىغان مەزمۇنلارنى ساختا ھىساباتلار ئارقىلىق كۆپلەپ تارقىتىپ ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى ساختا ئۇچۇرلار ئارقىلىق «كۆمىۋېتىش» تۇر. بۇنىڭدا خىتاينىڭ تور دۇنياسى ئارقىلىق چېگرا ھالقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەققىدىكى ئۆزلىرى ياقتۇرمايدىغان ھەر قانداق پىكىرنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە رايوندىكى باشقا مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلارنى ئاشكارىلايدىغان مۇھىم مەنبەلەرنى ئىناۋەتسىز قىلىشقا كۈچەۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىد قىلىدىغان ھىساباتلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقانلىقىغىمۇ دىققەت تارتقان. تەنقىدنى بۇرمىلاشتا «Whataboutism» يەنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ تارىختىكى خاتالىقلىرىنى سۈيىئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى يېپىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن.
مەزكۇر دوكلات بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ كەڭ دائىرىدە «خەلقئارانىڭ شىنجاڭغا بولغان كۆز-قاراشلىرىنى كونترول قىلىش» ۋە رايوندىكى ئۇيغۇرلار قارىتىلغان باستۇرۇشلارنى ئاشكارىلىغان «مۇستەقىل تەتقىقات مەنبەلىرىنى ئىناۋەتسىز قىلىش» ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرگەن.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ سىياسىي مەدەنىيىتىدە ‹يالغانچىلىق› بىر قابىلىيەت ھىسابلىنىدۇ. بۇ دوكلات دەل خىتاينىڭ يالغانچلىقىنى پاش قىلغان بىر دوكلات بوپتۇ.»
مەزكۇر دوكلات ناھايىتى كۆپ ئاخبارات مەنبەلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، شەخسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ قاناللىرى ۋە ساختا ھېساباتلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە تەشۋىقات خاراكتېرلىك ئۇچۇرلارنى كۆپلەپ تارقىتىۋاتقانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارارىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن. ئۇلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئوخشاش ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، دوكتور ئادرىيان زېنىزغا ئوخشاش تەتقىقاتچىلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرى ھەققىدە خەلقئاراغا ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلىرى ۋە دوكلاتلىرىنى يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇنغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئىزچىل ماڭا ئوخشاش ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ كەلدى. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقنىڭ بۇ دوكلاتى خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاشكارىلايدىغان ۋە خىتاينىڭ يالغان سەپسەتىلىرىگە بېرىلگەن كۈچلۈك بىر رەددىيەدۇر.»
بۇ دوكلاتنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقنىڭ يەر شارى ئالاقىلىشىش مەركىزى بىرلىشىپ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە ئۇلار يېقىندا خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ دۆلەت قوللىغان ساختا ئۇچۇر تەشۋىقاتىغا بولغان دىققەتنى كۈچەيتكەن.
مەزكۇر دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويغان خىتاينىڭ تور ئارقىلىق دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى، يەنى خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدە ساختا ھېسابات ئېچىش ئارقىلىق تور ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشىمۇ تىلغا ئالغان.
YouTube ۋە Twitter ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2018- ۋە 2020-يىللىرى دۆلەتكە باغلانغان ھېساباتلارغا بەلگە قويۇشقا باشلىغان ۋە بىر قانچە قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ گۇمان قىلغان بىر قانچە ئاپتوماتىك ساختا ھىساباتنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئاخىرىدا يەنە خىتاينىڭ دىپلوماتىيەسىدىكى ۋاستە تاللىماستىن «ساختىلىق ئارقىلىق غەلبە قىلىش» سىياسىتى ھەققىدە توختالدى.
«ئاكسىيۇس» خەۋەر تورى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بۇ دوكلات ھەققىدە خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلاشقان. ئەمما باش ئەلچىخانا «ئاكسىيۇس» خەۋەر تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئالىغا جاۋاب قايتۇرمىغان.