ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشچىلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىغا قارشى ھەرىكەت باشلاندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.07.24
mejburiy-emgek-kiyim-tikish-zawuti.jpg خوتەندىكى مەلۇم بىر زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر.
Social Media

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ چاقىرىقى، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىغا قارشى دۇنياۋى ھەرىكەت باشلاندى. دۇنيادىكى داڭلىق توقۇمىچىلىق فابرىكىلىرى ۋە ماركىلار ئۇيغۇرلارنى «قۇل ئەمگىكى» گە سېلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە چاقىرىق قىلىندى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خادىملىرىدىن تەشۋىقات ۋە ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل پېتىر ئىرۋىن ئەپەندى بىلەن پروگرامما كوردىناتورى مۇستافا ئاقسۇ ئەپەندىلەر 23-ئىيۇل كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ چاقىرىققا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشقانلىقىنى بىلدۈردى.

پېتىر ئىرۋىن ئەپەندى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ: «ھازىرغا قەدەر 36 دۆلەتتىن كەلگەن 180 دىن ئارتۇق جەمئىيەت، تەشكىلات ۋە ئىشچىلار ئويۇشمىسىدىن تەركىب تاپقان كۆپ خىل گۇرۇپپىلار ئاۋاز قوشتى. شۇڭا بۇ چاقىرىقتا ھەر خىل ئارقا كۆرۈنۈشلەر بار. ھەر خىل ئارقا كۆرۈنۈشتىكى ئوخشىمىغان مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بۇ داڭلىق ماركىلارنى ئۇيغۇر رايونىدىن ئايرىلىشقا چاقىرغان ياخشى ئىپادىدۇر،» دېدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ كوردىناتورى، ياردەمچى تەتقىقاتچى مۇستافا ئاقسۇ ئەپەندى مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ روياپقا چىقىشىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن باشقا، ئامېرىكادىكى ئىشچىلار ھوقۇقى ئۇيۇشمىسى، خەلقئارا قۇللۇققا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى، خەلقئارا ئەمگەك ھوقۇقى مۇنبىرى قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورگانلارنىڭمۇ كۈچ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇستافا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر چاقىرىققا ئاۋاز قوشقان تەشكىلاتلار ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بولۇپ، 23-ئىيۇل چۈشتىن كېيىنگە قەدەر 190 دىن ئېشىپ كەتكەن.

ئۇلار يەنە مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى ۋە چاقىرىقتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەر ھەققىدە ئىزاھات بەردى.

پېتېر ئىرۋېن ئەپەندى بىزنىڭ «UNPO قانداق سەۋەب بىلەن كۆپلىگەن تەشكىلاتلار قاتناشقان بۇ ھەرىكەتنى خەلقئارا كۆلەمدىكى ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان توقۇلما مەھسۇلاتلارنى چەكلەش ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرالىدىڭلار؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: «بىز، يەنى UHRPS ۋە بۇ ئىتتىپاقنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىر يەرگە كېلىپ، بىر قانچە سەۋەب بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چەكلىمە قويۇش ھەرىكىتىنى باشلىدۇق. بۇ ھەرىكەتنى باشلىشىمىزدا بىرىنچىدىن، بىز باشقىلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان كىيىم-كېچەك، توقۇمىچىلىق ياكى پاختا قاتارلىقلارنى مەنبە قىلىدىغان خەلقئارادىكى ھەر قانداق داڭلىق ماركىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىگىلىدۇق، مەسىلىنى چۈشەندۇق ۋە تونۇپ يەتتۇق، ئۇلار بۇ ئەھۋالدا بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئالىدۇ. ئىككىنچىدىن، داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپ ئالىدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇڭا بىزنىڭ دەۋاتقىنىمىز بۇ خىل خەلقئارادىكى داڭلىق ماركىلارنىڭ دەرھال ئۇيغۇر رايونىدىن چېكىنىش پىلانىنى تۈزىشىدۇر.»

پېتىر ئىرۋېن ئەپەندى «بۇ ھەركىتىڭلارنىڭ ئاساسىي مەقسىتى نېمە؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ: «ئاساسلىق مەقسەت داڭلىق ماركىلارنى ھەرىكەتكە چاقىرىش جەريانىدا شىركەتلەرنىڭ ماركا ۋەدىسى دەپ ئاتالغان كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇلارنىڭ 365 كۈن ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدىن ئايرىلىشىغا ۋەدە بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش،» دېدى.

پېتىر ئىرۋېن ئەپەندى يەنە «كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ خىل چاقىرىقلىرى دۇنيادىكى داڭلىق ماركا ۋە سودا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سالغان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان سودىسىنى ئۈزۈشىدە قانداق رولى بولىدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «مېنىڭچە، بۇ ھەرىكەت چاقىرىقى مەسىلىنىڭ ئىچ يۈزىنى ئاشكارا قىلىدۇ. بىرى، ئۇيغۇرلار ئىشلىتىلگەن شىركەتلەر، زاۋۇتلار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرى بار ماركا ۋە شىركەتلەرگە نىسبەتەن ئۇلار مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، دەپ ئويلايمىز. بۇ نۇقتىدا ياكى مۇشۇ نۇقتىغا قەدەر ئۇلار بۇنى ھەل قىلىشنى رەت قىلىپ كەلدى. شۇڭا بۇ چاقىرىق ماھىيەتتە بۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بۇ شىركەتلەرنىڭ رايوندىن چىقىپ كېتىشى ۋە بۇ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىسى بار تەمىنلەش زەنجىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى توختىتىشىنى ئاشكارا ئىلگىرى سۈرمەكتە.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ پروگرامما كوردىناتورى مۇستافا ئاقسۇ ئەپەندى مەزكۇر ھەرىكەتكە ھازىرغا قەدەر ئاۋاز قوشقان تەشكىلاتلارنىڭ بارغانچە كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى. خەلقئارادىكى كۆپلىگەن تەشكىلار ئاۋاز قوشقان بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۈنۈمىگە ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى تەپسىلاتلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئاشكارىلىنىشى بىلەن خەلقئارادا بارغانچە كەسكىن تەنقىدكە دۇچ كەلمەكتە. 2020-يىلى كىرىشى بىلەن ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنى باشتۇرۇشتا جاۋابكارلىقى بار دەپ قارالغان خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە شىركەتلەرگە قارىتا قانۇن-بەلگىلىمىلەر ماقۇللىنىپ، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئېلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. 20-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى «سانجى يىدا توقۇمىچىلىق گۇرۇھى»، «خوتەن خاۋلىن چاچ مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتى»، «نەنجىڭ توقۇمىچىلىق گۇرۇھى»، «نەنچاڭ فىلىم تېخنولوگىيەسى» قاتارلىق 11 شىركەت ۋە زاۋۇتنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ياپونىيە ھۆكۈمىتىمۇ ياپونىيەنىڭ خىتايدىكى شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن كۆچۈپ چىقىشىغا ئىقتىسادىي ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 19-ئىيۇل كۈنى ياپونىيەنىڭ 87 شىركىتىنىڭ خىتايدىكى زاۋۇتلىرىنى خىتايدىن كۆچۈرۈپ چىقىپ، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى ۋىيېتنام، لائۇس قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى ياكى ياپونىيەنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇپ كېلىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.