ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچى نازارەت قۇرۇلمىسى خەرىتىلەشتۈرۈلگەن

0:00 / 0:00

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 13-دېكابىر كۈنى « شەرقىي تۈركىستاننى ساقچىلاشتۇرۇش: ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچى ۋە خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ خەرىتىلەشتۈرۈلۈشى» سەرلەۋھىلىك يېڭى بىر دوكلات ئېلان قىلغان.

مەزكۇر دوكلات ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى بېن كاردۇس (Ben Carrdus) تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچى ئورگانلىرىنى چۈشەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. مەزكۇر دوكلاتتا، «شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى، يەنى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىستېمىلىق ھالدىكى پارتىيە-دۆلەت قوللىغان كىشىلىك ھوقۇق ۋەھشىيلىكىنى تولۇق چۈشىنىشتە ئەڭ مۇھىم ئاچقۇچ-ئۇ يەردىكى ساقچى ئورگانلىرى ھەم نازارەت سىستېمىسىنى چۈشىنىشتۇر» دېيىلگەن.

دوكلاتتا ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچى ئورگانلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېلىپ بېرىشتىكى ئاساسلىق ئىجراچىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا ساقچىلارنىڭ ئوخشىمىغان ۋەزىپە ۋە ئايرىم قوماندانلىق قۇرۇلمىسى بارلىقى، يەنى بەزىلىرىنىڭ يەرلىك قاتلامدا، بەزىلىرىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك قاتلاملاردا ئىكەنلىكى، ئەمما ئاخىرىدا ھەممىسىنىڭ ئوخشاشلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قاتتىق كونتروللۇقىدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە قانۇن ئورگانلىرى خەرىتىلەشتۈرۈلۈپ، ناھايىتى ئىنچىكە چۈشەندۈرۈلگەن. «خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى» (PLA) بىلەن «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» (XPCC)مۇ ئايرىم-ئايرىم چۈشەندۈرۈلگەن.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ تەييارلىغۇچىسى بېن كاردۇس ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلات ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچى نازارەت قۇرۇلمىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئوقۇغىنىڭىزدا، ئارمىيە، ساقچى دېگەندەك ئۇقۇملار بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، خەۋەردە دېيىلگەن ھەرىكەتنى قانداق تۈردىكى ساقچىلارنىڭ ئىجرا قىلغانلىقى ئېنىقسىز. ساقچىلارنىڭ فورمىلىرىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ، لېكىن ئۇلار ئوخشىمىغان ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ، ئوخشىمىغان ئورۇنلاردىن بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ دوكلاتنىڭ مەقسىتى، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئوخشاش بولمىغان ساقچى ئورگانلىرىنىڭ قانداق ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايدىغانلىقى، بۇ بۇيرۇقلارنى قايسى ئورگاننىڭ چۈشۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئوقۇرمەنلەرنى ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىشتۇر.»

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ «كۆچمە تارماق ئەترىتى» ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى ھەتتا بېيجىڭدىكى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن. مۆلچەرلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ سانى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا ئىككى ھەسسىسىدىن كۆپ ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا رايوندا يەنە 70 مىڭدىن ئارتۇق «ياردەمچى ساقچى» لارمۇ بار ئىكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى ياردەمچى ساقچى ۋە باشقا «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي قوراللىق ساقچى كۈچلىرىنىڭ سانى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا 2. 3 ھەسسە كۆپ بولغان. يەنى خىتاينىڭ باشقا يەرلىرىدە ھەر يۈز مىڭ كىشىگە 212 نەپەر ساقچى توغرا كەلگەن بولسا، ئۇيغۇر رايونىدا ھەر يۈز مىڭ كىشىگە 478 نەپەر ساقچى توغرا كەلگەن.

بېن كاردۇس ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ساقچىلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قاتتىق قول بولالايدىغانلىقىنى ئاللىبۇرۇن بىلگەن بولدۇق. ئۇلار ھەرقانداق يەردە، ھەتتا كېچىككىنە بىر شۈبھە كۆرۈلگەن ھامان دەرھال شۇ جايدا پەيدا بولۇپ بولىدۇ. مەيلى ئادەتتىكى ساقچى فورمىسىنى كىيگەنلەر بولسۇن، مەيلى ھەربىي فورمىدا بولسۇن ۋە ياكى ئالاھىدە ساقچى فورمىسىنى كىيگەنلەر بولسۇن، ئۇلار ناھايىتى جىددىي ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇلار بۇيرۇقنى بىۋاسىتە بېيجىڭدىن ئالىدۇ. بۇرۇن يەرلىك ساقچى ئورۇنلىرى ئۆز ئالدىغا ئەمىر-بۇيرۇقلارنى بېرەلەيتتى. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچىلارغا، دۆلەتنىڭ ئەسكىرىي قىسىملىرىنى باشقۇرىدىغان ئورگانلار بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىدىغان بولدى. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، خىتاي كومپارتىيەسى ھېچقانداق ئىسپاتى بولمىغان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى قوراللىق ساقچى كۈچلىرىنى كۆپەيتىپ كەلدى. ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچىلار دەرىجىدىن تاشقىرى كۆپ بولۇپ، بۇ رايوننى دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ساقچىلاشتۇرۇلغان رايون دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئىنكار قىلغۇسىز بىر رېئاللىقتۇر.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ پىروگرامما دىرېكتورى پېتېر ئېرۋىنمۇ مەزكۇر دوكلاتتىكى ساقچى نازارەت قۇرۇلمىسىنىڭ خەرىتىلەشتۈرۇلۈش تەتقىقاتىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ساقچىلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر رايونىنىڭ ساقچىلاشتۇرۇلۇشى ھەقىقەتەنمۇ بەكلا بىنورمال. تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر رايونىنى يەر شارىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ساقچىلاشتۇرۇلغان رايون دېيىشىدۇ. ئۇيغۇر رايونىنىڭ بۇ دەرىجىدە ساقچى نازارىتى ئاستىغا ئېلىنىشى، خىتاي ئۈچۈنمۇ نورمال ئەمەس. ئۇيغۇر رايونىدا خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئاتالمىش بىخەتەرلىكنى قوغدايدىغان ساقچىلارنىڭ ئىجرا قىلىدىغان ۋەزىپىلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ياكى دىنىي كىملىكلىرىنى ئىپادە قىلىشىنىڭ ئۆزىنى ‹جىنايەت› دەپ بېكىتىدىغان بىر سىستېما مەۋجۇت. ئاشۇ سىستېمىدىكى بىر قىسىم ساقچىلار مەخسۇس ئۇيغۇر كىملىكى بىلەن ياشاشنى تاللىغانلارنى لاگېرلارغا ياكى تۈرمىگە سولاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. يەنە بىر تۈردىكى ساقچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. يەنى ئۇلارنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارنى قىمىرلىيالماس ھالەتكە كەلتۈرۈش ۋەزىپىسى بار. قىسقىسى، ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچىلاشتۇرۇلۇش ھادىسىسى ھېچ نورمال ئەمەس.»

بېن كاردۇس ئەپەندى بۇ بىنورماللىق ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچىلاشتۇرۇش ھەرگىزمۇ نورمال شەكىلدىكى ساقچىلارنى يەرلەشتۈرۈش بولماستىن، بەلكى پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى مۇقىم ئىجرا قىلىدىغان كۈچلەرنى يەرلەشتۈرۈشتۇر. بۇ دوكلات ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئەڭ كۆپ ئوتتۇرىغا چىققان نۇقتا شۇ بولدىكى، ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچىلار ئۇ يەردىكى خەلقنى ئەمەس، بەلكى كومپارتىيەنى قوغدايدۇ. ئۇ يەردىكى نازارەت سىستېمىسى پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پۇقرالارنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىتىگە ئەمەل قىلغان-قىلمىغانلىقنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئاتالمىش ‹خەلق قوراللىق ساقچىلىرى› قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان خەلقىنى ئاتىدۇ. مانا بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدېئولوگىيە مەنتىقىسىدۇر.»

ئۇ ئاخىرىدا دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم بىر نۇقتىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئائىت كۆپ قىسىم ئۇچۇرلار، بولۇپمۇ نۇرغۇن مۇھىم ئۇچۇرلار ‹مەخپىي›، بىز بەلكىم بۇنى مەڭگۈ بىلەلمەيمىز. خىتاي دائىرىلىرى تاشقىي دۇنياغا ‹ئۇيغۇر رايونى ھەممەيلەنگە ئوچۇق، ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك خۇشال ۋە بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ كېتىڭلار› دېگىنى بىلەن، ئۇ يەردىكى ئەڭ ئاساسلىق بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرى يەنىلا ‹ئالاھىدە مەخپىيەتلىك› دەپ قارىلىدۇ. بۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنى بۇ ‹خىتاي مۇستەبىتتۇر› دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. خىتايدا بەزى ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەشمۇ جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ خاراكتېرى دەل مۇشۇنداق بولىدۇ.»