ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2019-يىللىق «ئىنسانپەرۋەرلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

0:00 / 0:00

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق دىنىي مەزھەپلەردىن «ساينتولوگىيە چېركاۋى» (Church of Scientology) ھەر يىلى «ئىنسانپەرۋەرلىك مۇكاپاتى» تارقىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ھىمايە قىلىشتا كۆرۈنەرلىك رول ئويناۋاتقان تەشكىلاتلارنى تەقدىرلەپ كەلمەكتە. 2019-يىللىق مۇكاپات ساھىبى ئۈچۈن باھالاش كومىتېتى ئەستايىدىل مۇزاكىرىلەردىن كېيىن «خىتايغا ياردەم»، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى»، «پۇقرالار كۈچى» قاتارلىق بەش تەشكىلاتنى تاللاپ چىقتى.

9-ئۆكتەبىر كۈنى كەچقۇرۇن ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا ھەرقايسى دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، جۈملىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «دىنىي ئەركىنلىك يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبەت گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن گرېگ مىشېل قاتارلىق بىر قىسىم ھۆكۈمەت خادىملىرى ئىشتىراك قىلدى.

بىر سائەتلىك كەچلىك زىياپەتتىن كېيىن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى باشلانغاندا ئالدى بىلەن «ساينتولوگىيە چېركاۋى» ۋاشىنگتون شۆبىسىنىڭ مەسئۇل دىرېكتورى سۇسان تەيلور خانىم ئالدى بىلەن سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دىنىي ئەركىنلىك ھەقلىرىنىڭ ئېغىر دەپسەندە بولۇش ھەمدە باستۇرۇلۇش قىسمىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەھەتتە خىتاينىڭ ئەڭ تىپىك ئۈلگە بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىنمۇ ھازىر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈنلا مىليونلارچە ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

شۇ قاتاردا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسى بويىچە يىللاردىن بۇيان لوبيىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان گرېگ مىشېل ئەپەندىمۇ سۆز ئالدى. ئۇ ھازىرقى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ كىشىلەر ئاڭلاپ كۆنگەن شەكىللەردىن ھالقىپ ئاللىقاچان قىرغىنچىلىق باسقۇچىغا يەتكەنلىكىنى ئېيتقاندا زالدىكىلەر چوڭقۇر ئويغا چۆمدى.

2019-يىللىق «ئىنسانپەرۋەرلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىر-بىرلەپ سۆزگە چىقىپ ئۆزلىرىگە مەلۇم بولغان دائىرىدىكى دىنىي ھەقلەرنىڭ ئاياق-ئاستى بولۇش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. شۇ قاتاردا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قاناتمۇ سۆزگە چىقىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە دىن ساھەلىرىدىكى ئومۇمىي باستۇرۇش ئەھۋالى، بۇنىڭ بىۋاسىتە ئاقىۋىتى سۈپىتىدە ئۈچ مىليونچە ساندا دەپ تەخمىن قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ ھازىر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىن كېيىنكى چاي سۆھبىتى مەزگىلىدە بىز ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قاناتتىن مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئالغان ۋاقىتتا نېمىلەرنى ئويلىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ ئۆزلىرىگە بېرىلىشىنى يىللاردىن بۇيان قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنىڭ بىر قېتىملىق ئېتىراپ قىلىنىشى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ساينتولوگىيە چېركاۋى» نىڭ ۋاشىنگتون شۆبىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى سىلۋىيا ستانارد (Sylvia Stanard) خانىم بۇ ھەقتىكى سۆھبەت جەريانىدا بۇ يىللىق مۇكاپات ساھىبلىرىنىڭ بىرىگە ئۇيغۇرلارنى تاللىشىنىڭ بەزى سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

«ساينتولوگىيە چېركاۋى كىشىلىك ھوقۇق ساھەسى بويىچە خىزمەت قىلىۋاتقان شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلارغا ‹ئىنسانپەرۋەرلىك مۇكاپاتى› تارقىتىپ كېلىۋاتىمىز. مېنىڭ بىلىشىمچە، خىتاي ھازىر كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرگە تولغان بىر مەملىكەت بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بەختكە قارشى ئۇيغۇرلار بۇ خىل مۇدھىش زۇلۇمنىڭ ۋە باستۇرۇشنىڭ ئەڭ زور قۇربانلىرى بولۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بېشىغا ھازىر تولىمۇ ئېغىر كۈنلەر كېلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئاشۇ خىل ئېغىر زىيانكەشلىك ھەققىدە ئامېرىكا جامائىتىنى ۋە ھەر ساھە كىشىلىرىنى مەلۇماتلىق قىلىپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىرى ئۈچۈن ھارماستىن سۆز قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنى بىز بۇ مۇكاپاتقا مۇۋاپىق كۆردۇق. بىز يەنە مۇشۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە مۇناسىپ بېسىم پەيدا قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ھازىرقى سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاشنىمۇ ئويلاشتۇق.»

2019-يىللىق «ئىنسانپەرۋەرلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن تەشكىلاتلارنىڭ بىرى خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ياڭ جيەنلى قۇرۇپ چىققان «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتى ئىدى. دوكتور ياڭ جيەنلى ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى مۇكاپاتتىن تېخىمۇ كۆپ ئۈمىدلەرگە ئىگە بولغانلىقىنى ھاياجان ئىچىدە سۆزلەپ ئۆتتى.

«مېنىڭ ھېس-تۇيغۇمنى سورىسىڭىز، مەن ئالدى بىلەن مۇشۇنداق بىر مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمىزدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلماقتىمەن. ئاندىن قالسا مېنى تېخىمۇ خۇشال قىلغان يەنە بىر ئىش بۈگۈن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك پايتەخت ۋاشىنگتون شەھىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلاردۇر. بىزنىڭ بۇ قېتىملىق مۇكاپاتقا تاللانغانلىقىمىز ئەمەلىيەتتە ئورتاق ھالدا شۇنداق بىر ئۇچۇرنى يوللاۋاتىدۇ: بىزنىڭ ئورتاقلىق ئاساسىدا قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىمىز ئاللىقاچان خەلقئارانىڭ يېتەرلىك دىققىتىنى قوزغاپ بولدى. بۇ ھال مېنى ھەممىدىنمۇ بەكرەك خۇشال قىلىۋاتىدۇ.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەلمۇ ئۆزىنىڭ بۇ مۇكاپاتتىن خۇشال بولۇش بىلەن بىرگە، بۇنىڭ كەلگۈسىدىكى خىزمەتلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى داۋام قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىغا ئىشەنچى بارلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، «ساينتولوگىيە چېركاۋى» ئامېرىكا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا زور تەسىرگە ئىگە بولۇپ، ئامېرىكا سىياسىي قاتلىمىدا شۇنىڭدەك ئامېرىكانىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدە كۆپلىگەن ئەگەشكۈچىلىرى بار ئىكەن.