ئەنگلىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى
2021.07.20
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەرقايسى ساھەنىڭ ھەمدە بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە ئۇچراۋاتقاندا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىمۇ بۇ جەھەتتىكى ئېغىر بېسىملارغا دۇچ كېلىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ يېقىندا ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى قارمىقىدىكى تاشقىي ئىشلار كومىتېتى «ئەمدى قايتىلانمايدۇ: بۈيۈك بىرىتانىيە پادىشاھلىقىنىڭ شىنجاڭ ۋە باشقا جايلاردىكى ۋەھشىيلىككە قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيەتلىرى» تېمىسىدا 39 بەتلىك مەخسۇس دوكلات تەييارلاپ ئېلان قىلغان ئىدى. ئارقىدىنلا 19-ئىيۇل كۈنى مەزكۇر دوكلاتنىڭ تەكلىپ ۋە تەۋسىيە قىسمىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ تور بېتىدە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچە ھۆججەت ئېلان قىلىندى.
دوكلاتتا ئېنىق قىلىپ ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ خاراكتېرى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلگەن. شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئالىقاچان بەكمۇ قورقۇنچلۇق تۈس ئېلىپ بولغانلىقى، لاگېرلارغا سولانغان ھەمدە سانى ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليوندىن ئاشىدىغان ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئىشتىراك قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىييتى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، قىز-چوكانلارنىڭ مەجبۇرىي تۇغالماس قىلىۋېتىلىشى، مەدەنىيەت ئوچاقلىرىنىڭ يوقىتىلىشى، بالىلارنىڭ ئائىلە جۇدالىقى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكار بولۇشى لازىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
دوكلاتتا ھەرقايسى پارلامېنت ئەزالىرى ئالاھىدە تەكىتلىگەن يەنە بىر نۇقتا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارىتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا ئوخشاش ھەرقايسى دۇنياۋىي تەشكىلاتلاردىن باشقا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى ھەمدە ئۇلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقى بولدى. دوكلاتتا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان تەكلىپلەرنىڭ بىرى ھازىرقىدەك ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ھېچقانداق مۇداپىيە ئىقتىدارى بولمىغان ۋە تايانچسىز قالغان بىر خەلققە ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى ئورۇن ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇۋاتقان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش، قىرغىنچىلىققا جاۋابكار شەخسلەر ۋە ئورگانلارنى جازالاش قاتارلىق تەدبىرلەرگىمۇ مەخسۇس سەھىپىلەر ئاجرىتىلدى.
بۇ قېتىمقى دوكلاتنى تەييارلاپ چىقىشقا ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ زور ئەجرى سىڭگەن بولۇپ، شۇ كىشىلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن رەھىمە مەھمۇت بۇ ھەقتە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، بۇنىڭغا ئائىت بەزى تەپسىلاتلاردىن مەلۇمات بەردى.
رەھىمە مەھمۇتنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرىشىچە، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىغا قولايلىق بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ قېتىمقى دوكلات ئالايىتەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، بۇنىڭ باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۈچۈنمۇ بىر مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاشقا مەسئۇل بولغان تۆۋەن پالاتا تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم تۇگۇنخارت ئەپەندى دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن ئەنگلىيە پارلامېنتى قارمىقىدىكى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قانداق بولۇپ بۇنداق بىر دوكلاتنى ئىشلەپ چىققانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سۆز قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ھۆكۈمەت قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەندە تېخىمۇ دادىللىق بىلەن سۆز قىلىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى: «بىز دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ئاساسىدا ھايات كەچۈرىدىغان بىرىتانىيە پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ساھەسىدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقتۇق. بۇنىڭ ئچىدە پۇقرالارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىش ۋە بىخەتەر ساياھەت قىلىش ھوقۇقى ئەڭ مۇھىم بىر مەزمۇن ھېساپلىنىدۇ. مۇشۇنداق بىر ھۆكۈمەت ئۈچۈن خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىققا قارىتا كۆكرەك كېرىپ دەست تۇرۇش ناھايىتى زور شىجائەت تەلەپ قىلىدىغان بىر ھەركەت. بىز ھۆكۈمەتتىن مۇشۇنى قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق. مەن بىرىتانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدا قانداق مەيدان ئېلىشىغا ھازىر كېسىپ بىرنەرسە دېيەلمەيمەن. ئەمما شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، ھۆكۈمىتىمىز بىز چىقارغان بۇ دوكلاتنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىقىدۇ. شۇنداقلا بىزنىڭ ‹ھۆكۈمىتىمىز بۇنىڭغا قارىتا تېگىشلىك ھەركەت قوللىنىش زۆرۈر› دەپ قارىشىمىزنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى بىرىتانيە پۇقرالىرىنىڭ بىخەستەلىك ياكى سەھۋەنلىك سەۋەبىدىن بۇ خىل زۇلۇملارغا شېرىك بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. چۈنكى بۇ زۇلۇملار مۇشۇ ئەسىردە ئوتتۇرىغا چىققان ئەڭ ۋەھشىيانە قىلمىشلاردۇر.»
رەھىمە مەھمۇد خانىمنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ دوكلات يالغۇز ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتىگىلا ئەمەس، يەنە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خادىملىرى ئۈچۈنمۇ بىر مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى ھېساپلىنىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتىمۇ ئالاھىدە مەلۇمات بەردى.
بىز ئاخىرىدا تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم تۇگۇنخارت ئەپەندىدىن مۇشۇ دوكلات ئارقىلىق ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە قانداق بىر سادانى ئاڭلاتماقچى بولغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، «ھەقلەر بىرلا شەخسكە ياكى كوللېكتىپقا خاس ئەمەس» دېگەن ئىدىيەنى مۇھىم نۇقتا قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى: «مەن يوللىماقچى بولغان ئۇچۇر بەكمۇ ئېنىق: بىز دۇنيا مىقياسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئۈچۈن ئورنىمىزدىن دەست تۇرغىنىمىزدا، بىرىتانىيە پۇقرالىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ھەقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنى ئالاھىدە تەكىتلەيمىز. بۇ خىل ھەقلەر دەپسەندە قىلىنغاندا بولسا بىزنىڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىشىمىز بەكمۇ مۇھىم. بىز يېقىندا ئۇلار بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشتۇق. بۇنىڭدىمۇ BBC ئاگېنتلىقى بۇ ئەھۋاللارنى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدا ئېلان قىلسىكەن، دېگەننى ئويلاشتۇق. دېمەكچى بولغىنىمىز، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەمدە خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئۇيغۇرلار سۆز ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى ۋە ئاشكارىلىق دېگەنلەردىن بەھرىمەن بولسۇن، ئۇلارمۇ ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىشىغا ئۆزلىرى ئىگە بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ كىم بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىنلا باستۇرۇشقا ۋە جازاغا ئۇچرىمىسۇن، دېگەندىن ئىبارەت.»
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر دوكلات ئاخىرىدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە بىر قاتار تەۋسىيەلەرنى سۇنۇش بىلەن بىرگە «ھەر قېتىملىق تىراگېدىيەلەر ئاخىرلاشقاندا بىز ‹ئەمدى قايتىلانمايدۇ› دەپ كەلدۇق. بۇ تىراگېدىيە ھازىر يەنە يۈز بېرىۋاتىدۇ. ھېلىھەم بولسىمۇ ئۇنىڭغا قارشى ھەركەتكە ئۆتۈش كېچىككەنلىك بولمايدۇ» دەپ خىتاپ قىلىش بىلەن ئاخىرلاشقان.