لاگېر شاھىتلىرىدىن تەۋسىيە: مىشېل باچېلېت خانىم خىتاينىڭ كۆرسەتكەنلىرىگىلا ئىشىنىپ كەلمەڭ

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2022.03.23
لاگېر شاھىتلىرىدىن تەۋسىيە: مىشېل باچېلېت خانىم  خىتاينىڭ كۆرسەتكەنلىرىگىلا ئىشىنىپ  كەلمەڭ لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكئالى لوندوندا ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوتى»دا گۇۋاھلىق بەرمەكتە، 2021-يىل 4-ئىيۇن
AP

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ خىتايدا جۈملىدىن ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇش تەلىپىگە قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

مۇبادا بۇ زىيارەت 5-ئايدا ئەمەلىيلەشسە، مىشېل باچېلېت 17 يىلدىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خىتاينى زىيارەت قىلغان تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ قالىدىكەن. مىشېل باچېلېت ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىق ۋەزىپىسىگە قويۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي يەنى 2018-يىلى سېنتەبىردە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى «قايتا-تەربىيەلەش» لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ تەكشۈرۈلۈشنى تەلەپ قىلغانىدى.

ئەمما خىتاي دەرھال بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مىشېل خانىمنى «بىر تەرەپلىمىلىك» بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە 5 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ زىيارىتىنى رەت قىلىپ كەلگەنىدى.

 ب د ت دا ئۇيغۇر دىيارىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى شۇنىڭدەك مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تامامەن ئىنكار قىلىپ كەلگەن خىتاي، يېقىندىن بۇيان ئەمدى رايوندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەۋجۇت ئەمەس، بۇلار ئامېرىكا ۋە غەربتىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان سەپسەتە دېگەن تەتۈر تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.

خىتاي بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىدا ھەتتا، لوندوندىكى ئۇيغۇر مۇستەقىل سوتىنىڭ، ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئۈستىدىكى ھۆكۈملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلغان. ئۇيغۇر سوتى بۇ ھۆكۈملەرنى ئوندىن ئارتۇق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، بالىلارنى ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى گۇۋاھلىقلىرى ئاساسىدا چىقارغانىدى. خىتاي يەنە ئەكسىچە ئۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلەۋاتقان ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىگە، ئۇلارنى «خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا كۆز قىزارتىپ، ئاتالمىش شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى كۆتۈرۈپ چىقىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشتى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا كاشىلا قىلماقچى» دەپ رەددىيە بېرىپ كەلمەكتە.

خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چىن گاڭنىڭ 20-مارت، يەنى ئامېرىكا CBSتېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «مىللەتكە يۈزلىنىش» پروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى پۈتۈنلەي رەت قىلغانىدى. چىن گاڭ يەنە مۇخبىرنىڭ مىشېل باچېلېتنىڭ توسالغۇسىز زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇش ياكى قويماسلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا « بىز كىشىلىك ھوقۇق ئالاھىدە كومىسسارى بىلەن سۆزلىشىۋاتىمىز. مەن كېلىشىم ھاسىل قىلىندى، دەپ ئويلايمەن،» دېگەن.

 دۇنيا مەتبۇئاتلاردىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ئىنكاسلاردىن كۆرە، چېن گاڭ بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق مىشېل باچېلېتنىڭ 5-ئايدا ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىشىنىڭ، خىتاينىڭ مۇتلەق چەكلىمىلىرى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنق ئىپادىلەپ بېرىدىكەن، بۇ خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە غەرب كۆزەتكۈچىلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاقارتىش رولىنى ئويناپ قېلىشىغا بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتمەكتىكەن.

لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكئالى كۆپ قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقۇق كوممىسارلىقىدا ۋە لوندوندىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر سوتىدا لاگېرلار ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئېچىپ كۆرسىتىشتە ھالقىلىق رول ئوينىغان لاگېر شەھىتلىرىنىڭ بىرى. گوللاندىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۆمەر بېكئەلى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كوممىسسارلىقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارماقچى بولغان ھەر قانداق زىيارىتىنى مۇستەقىل ۋە توسالغۇسىز بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئۆزى ۋە باشقا خىتاينىڭ زۇلۇملىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن شاھىتلارنىڭ ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە: «ئەگەر مىشېل باچېلېت خانىم ئانام بىلەن كۆرۈشكەن تەقدىردە، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتى جېنىدىن ئۆتكەن، ھەمراھى بالىلىرىدىن ئايرىلغان ئانام، ھەقىقەتنى سۆزلەشتىن يانمىغان بولاتتى» دېدى.

مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ لاگېردىكى كەچمىشلىرى توغرىلىق گۇۋاھلىقى خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغانىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ لاگېرلاردا كۆرگەن جىسمانىي ۋە روھىي قىيىن-قىستاقلار، ئۆزى ياتقان بىر كامېردا 2 ئاي ئىچىدىلا 9 ئايالنىڭ ئۆلۈمىگە شاھىت بولغانلىقىدەك ئېچىنىشلىق كەچمىشلىرى، خەلقئارالىق مەتبۇئاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى دوكلاتلاردا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىز- ئاياللار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە.

مېھرىگۈل تۇرسۇن، مىشېل باچېلېت باشلىق كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارلىقى خادىملىرىنىڭ-5- ئايدىكى زىيارىتىدە ئۆزىگە ئوخشاش لاگېر شاھىتلىرىنى ئېلىپ بېرىش مۇمكىن بولغان بولسا، تېخىمۇ توغرا ۋە ئەھمىيەتلىك بولاتتى دەپ ئۈمىد قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئۆزى ۋە باشقا لاگېر شاھىتلىرىنىڭمۇ بۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىشقا تەييار دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆزى ۋە باشقا ئۇيغۇر، قازاق قىز- ئاياللارنىڭ لاگېردا سىستېمىلىق باسقۇنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى قەيسەرلىك بىلەن پاش قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن بولسا، ئەگەر ب د ت خادىملىرى ۋە مىشېل باچېلېت پەقەتلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسەتكەنلىرىگىلا ئىشىنىپ قالسا، ئۇلارنىڭ بۇنداق بارغىنىدىن بارمىغىنى ياخشى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 تۇرسۇنئاي يەنە:«ئەگەر ئۇلارنىڭ زىيارىتى خىتايغا جىنايەتلىرىنى ئاقلايدىغان پۇرسەت بولغىنىدا، بۇنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش خىتاينىڭ ئېغىر زۇلۇملىرىنى باشتىن كەچۈرگەن، شۇنداقلا ھېلىھەم ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئادالەتتىن، ھەتتا ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈشىگە سەۋەب بولىدىغان چوڭ خاتالىق بولىدۇ»، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرى ۋە قۇللۇق ئەمگىكى قاتارلىق ئېغىر مەسىلىلەر دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ، خەلقئارادا خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي دائىرىلىرى  كۆپ قېتىم ئۆزىگە مايىل بىر قىسىم ئەللەرنىڭ دىپلومات، مۇخبىرلىرىنى ھەتتا بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ كەلمەكتە. ھەر قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ خىل ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىش ئەترەتلىرى ياساپ چىقىلغان ساختا سەھنىلەر ۋە  تەييارلاپ قويۇلغان كىشىلەر بىلەنلا ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەقىقىي ۋەزىيەت تامامەن بۇرمىلىنىپ خاتا ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.