ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 73-قېتىملىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرى يىغىنى 16-فېۋرال كۈنى داۋاملىق خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى خاتىرىسىىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.
بۇ يىغىندا يەنىلا ئۇيغۇرلارغا دائىر نۇرغۇن سەزگۈر سۇئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغماس قىلىنىشى، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئازلاپ كېتىشى، «قايتا تەربىيەلەش» ۋە «كەسپىي ماھارەت مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى، ئۇلارنى بۇ ئورۇنلاردا تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ قانۇنىي ئاساسى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قوغدىلىش ئەھۋالى ۋە دىنىي ئىبادەت ئورۇنلىرىنىڭ چېقىلىشى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىنىشى، «ياتاقلىق مەكتەپلەر» ۋە ئۇيغۇر رايونىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆچۈرۈلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىشى، بۇ مەسىلىلەرگە چۈشەنچە بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.
يىغىندا ب د ت مۇتەخەسسىسى، ب د ت ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەشراف كۇناي، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن پەۋقۇلئاددە ئەندىشە قىلىدىغانلىقى، خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتىلغان تۇغۇت چەكلىمىسىگە، بولۇپمۇ 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغۇش نىسبىتىنىڭ شىددەتلىك تۆۋەنلەپ كېتىشىگە چۈشەنچە بېرىشىنى، بۇنىڭغا ئائىت كونكىرېت سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىشىنى سورىغان.
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغماس قىلىنىشى «لوندون ئۇيغۇر سوتى» ۋە نۇرغۇن غەرب پارلامېنتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ياكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان ئىدى. ئەشراف كۇناي مۇنداق دەيدۇ: «تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكى سالغان ئاياللار ئۇيغۇر رايونى نوپۇسىنىڭ 1.8 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلسىمۇ، لېكىن 2018-يىلى خىتايدا ئاياللارنىڭ تۇغۇت كونترول قىلىش ئۈزىكىنىڭ 80 پىرسەنتى بۇ رايوندا ئىشلىتىلگەن. ئىككىنچى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى ئەڭ چوڭ ۋىلايىتىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن. خوتەندە تۇغۇلۇش نىسبىتى 2016-يىلقى 20.9 پىرسەتتىن 2018-يىلى 8.5 پىرسەنتكە چۈشكەن. ئوخشاشلا قەشقەردە 18.1 پىرسەتتىن 7.9 پىرسەنتكە ئازلىغان.»
يىغىندا ئەشراف كۇناي خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ 2018-يىلى ئاياللار تۇغۇت كونترول قىلىش ئۈزۈكىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەنلىكى، شۇنداقلا خوتەن بىلەن قەشقەردە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغۇش نىسبىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىگە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئەشراف كۇاناي مۇنداق دېگەن: «بىزنى رايوندا، بولۇپمۇ خوتەن بىلەن قەشقەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا 2016-يىلدىن 2022-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا قانچە بالىنىڭ چۈشۈرىۋېتىلگەنلىكى ۋە ئايالنىڭ تۇغماس قىلىنغانلىقىغا ئائىت مىللەتلەرنىڭ ئايرىم ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتى بىلەن تەمىنلىشىڭلارنى، 2018-يىلى تۇغۇت كونترول قىلىش ئۈزۈكىنىڭ خىتايدىكى باشقا جايلارغا قارىغاندا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەنلىكى، شۇنداقلا 2015-يىلى بىلەن 2018-يىلى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى چوڭ ۋىلايىتى بولغان خوتەن بىلەن قەشقەردە نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغۇش نىسبىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىگە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.»
خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىندا 2016-2022-يىللار ئارىسىدا قانچە بالىنىڭ چۈشۈرىۋېتىلگەنلىكى ۋە ئۇيغۇر ئايالنىڭ تۇغماس قىلىنغانلىقىغا ئائىت سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەشنى تىلغا ئالمىغان. ئەمما ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلغانلىقىنى رەت قىلىپ، ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى ئېلىش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى بىر خىل «شەخسىي تاللاش» ئىكەن.
يىغىندا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي بىلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ بىر ئەمەلدارى سۆز ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «مەجبۇرىي تۇغماس قىلىشقا كەلسەك، بايام بىر خىزمەتدىشىم پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سىياسىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. شىنجاڭمۇ ئوخشاشلا دۆلەتنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن شەخسنىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى تاللاش ھوقۇقى بولۇشى، پىلانلىق تۇغۇتنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىپ، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىشنى چەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. ھەر قايسى مىللەت ئاممىسىغا ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىلمىدى، قانداق تەدبىر ئالىدۇ، بۇنى شەخسنىڭ ئۆز ئىختىيارى بەلگىلەيدۇ.»

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلانىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى راست بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مائارىپ ساپاسى ۋە رادىكاللىقنىڭ تۈگىتىلىپ، ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى سەۋەب بولغان ئىكەن.
خىتاينىڭ مەزكۇر بىرلىكسەپ ئەمەلدارى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ مەملىكەت سەۋىيەسىگە، ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي نۇپوس تەرەققىياتىغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا يۇقىرى ئىكەنلىكى، بۇ خىتاي ئىقتىساد جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىيۈزلىنىشى بولۇپ، دۇنيانىڭ نۇپۇس تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «جەنۇبىي شىنجاڭ نۇپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى مۇرەككەپ ئىجتىمائىي ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنىڭ ئاتالمىش <خالىغانچە تۇتقۇن> ۋە <تۇغماس قىلىش> بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. شىنجاڭ جەمئىيەت تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى 2017-يىلدىن بېرى شىنجاڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ھەر قايسى مىللەتلەرگە قاتتىق ئىجرا قىلغان. بۇنىڭغا ياشلارنىڭ توي قىلىش قارىشى ئۆزگىرىپ، ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئېلىشقا ۋە ئۆزىنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ قىزىقىشى، شۇنداقلا رادىكاللىقنىڭ تۈگىتىلىپ، ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىق ئامىللار سەۋەب بولغان.»
لېكىن جەمئىيەتشۇناسلار، مائارىپ ساپاسى ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ نۇپۇس كۆپىيىشىگە تەسىر قىلىشىنىڭ ئۇزۇن بىر تارىخىي جەريان ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىر ياكى بىر قانچە يىل ئىچىدە تۇيۇقسىز يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بۈگۈنكى يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر يەنە يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە نېمە ئۈچۈن رايوندىكى مىڭلىغان مەسچىتنىڭ چېقىلغانلىقىنى، ھەتتا خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى 800 يىللىق تارىخقا ئىگە ھېيتگاھ جامەسىنىڭمۇ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى، خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ 2018-يىلى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇر تىلىنى چەكلىگەنلىكىەگە دائىر مەسىلىلەرگە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
ب د ت مۇتەخەسسىسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى پرېتى ساران خانىم مۇنداق دەپ سورىغان: «بىز سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئابىدىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ۋەيران قىلىنغانلىقىغا ئائىت دوكلاتلارنى كۆردۇق. بۇ دوكلاردا نۇرغۇن مەسچىت ۋە ئىبادەتخانىلارنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە. خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى مئارىپ ساھەسىدە ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن. مېنىڭ سۇئالىم، دۆلەت ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ تىبەت، ئۇيغۇر، تۇڭگان، قازاق، موڭغوللارنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى قوغدىشى ۋە ئۇنىڭغا ئىشتىراك قىلىش ھوقۇقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا، جۈملىدىن ئۆزىنىڭ تىلىنى ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىشىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىدۇ؟»

پرېتى ساراننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنى مىللىي ئاپتونوم رايونلارغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشىقا رىغبەتلەندۈرۈشى ئارقىسىدا بۇ رايونلارنىڭ نۇپۇس قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولغان. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى نۇپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ يېقىنقى بەش يىللىق ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا دائىر سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
پرېتى ساران يەنە مۇنداق دەپ سوئال قويغان: «ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مىللىي ۋە مەدەنىيەت ئەھۋالىدا، ئاز سانلىق مىللەرتلەرنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى مىللىي ئاپتونوم رايونلارغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش نەتىجىسىدە ئۆزگىرىش ياساپ، يەرلىك تىل ۋە مەدەنىيەتلەرگە بېسىم پەيدا قىلدى. مېنىڭ سۇئالىم، بىزنى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ نۇپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ يېقىنقى بەش يىللىق ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا دائىر ئايرىم سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەمسىلەر؟»
لېكىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ سۇئاللارغا قارىتا ئۆزلىرىنىڭ كونا ئەنئەنىسىگە ئاساسەن پۈتۈنلەي رەت قىلىش پوزىتسىيەسى تۇتقان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا 16-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ بۇ يىغىننى «كۆز بورامچىلىق» بىلەن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ، ب د ت نىڭ خىتاينىڭ «ب د ت ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ھەقلىرى كېلىشىمى»گە ئىمزا قويغان 20 نەچچە يىلدىن بېرى، 3-قېتىم ئۇنىڭ ب د ت ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرىگە ئەمەل قىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرىشىدۇر. ب د ت ئۆتكەن قېتىم 2014-يىلى خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. لېكىن بۇ قېتىم ب د ت نىڭ خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مال-مۈلكى ۋە يەر زېمىنلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش، ئۇلارنى كەڭ كۆلەملىك يۆتكەپ، مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرىگە ئەمەل قىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كۈچۈرىشىدۇر.