ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى گرېنفېلد: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئ‍ىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشنى توختاتمىغىچە، بىز سۆزلەشتىن توختىمايمىز»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.05.13
ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى گرېنفېلد: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئ‍ىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشنى توختاتمىغىچە، بىز سۆزلەشتىن توختىمايمىز» ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىندا توماس-گىرىنفىلىد 2021-يىلى 1-مارت ب د ت باش شتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا.
AP

ئ‍امېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلىق باش ئەلچىسى لىندا توماس گرېنفېلد 12-ماي كۈنى ب د ت دا ئ‍ۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، ئامېرىكانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا سادىر قىلىۋاتقان «ئ‍ىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئ‍ىسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نى توختاتمىغىچە بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشنى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئ‍تتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقىنىڭ ئۇنىۋېرسال ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلغۇچە تىرىشىدىكەن.

بۇ گرېنفېلدنىڭ باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان بىر قانچە ئايدىن بۇيان ب د ت دىكى بىر يىغىن دا تۇنجى قېتىم ئ‍امېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى سىياسىتىنى بۇنداق ئېنىق شەرھىيلىشىدۇر. ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق 18 دۆلەتنىڭ ساھىبخانلىقى ۋە ۋاكالەتلىك قىلىشى بىلەن تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن خىتاينىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ، يىغىننى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭغا مۇۋەپپەق بولالمىغان ئىدى.

لىندا توماس گرېنفېلد مۇنداق دىگەن: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى سادىر قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئ‍ىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى توختاتمىغۇچە، بۇنىڭغا داۋاملىق قارشى تۇرىمىز ۋە سۆزلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بىز يەنە بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىز، شېرىكلىرىمىز بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقىنىڭ ئۇنىۋېرسال ھەق-ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلغۇچە، تىرىشچانلىقىمىزنى داۋاملشتۇرىمىز.»

باش ئەلچى  يىغىندا شىنجاڭدىكى كىشىلەرنىڭ قىيىن-قىستاق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، بۇ خورلاشقا يول قويۇشنىڭ ئ‍ۆزى  ئۇنىڭغا شېرىك بولۇش بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «بۇ خورلاش نوقۇل ئۇنى سادىر قىلغانلارنى ئ‍ىنسانسىزلاشتۇرۇپلا قالمىدى. بەلكى بۇ يەنە بىر چەتتە قاراپ تۇرۇپ ئۇنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويغان ھەرقانداق كىشىنىمۇ ئىنسانىسىزلاشتۇردى. ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ ئۇنىۋېرساللىقىنىڭ سەۋەب بار. ب د ت نىڭ ئاساسى بولغان بۇ ئەھدىنامىنىڭ تۇنجى جۈملىسى مىللىي دۆلەتلەرگە ئەمەس، ئىنسانلىققا خىتاپ قىلىدۇ،» دېگەن.

ئەنگىلىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلىق باش ئەلچىسى باربارا ۋۇدۋارد خانىم سۆز ئېلىپ، خىاينى ئۇيغۇر ئېلىدا چەكلىمىسىز مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى يول قويۇشقا چاقىرىپ، ئەگەر خىتاي بۇنىڭغا يول قويمىسا، شۇبھىسىز «نېمە ئۈچۈن» دىگەن بىر سۇئال پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باربارا ۋۇدۋارد مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇيەردە بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغاندا خىتايدىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئ‍الىي كومىسسارى ۋە ئۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ رايوندا دەرھال، ھەقىقى تۈردە، چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشىنى سورايمىز. ئۇنىڭ بۇ تەكشۈرۈشكە توسقۇنلىق قىلىشى ‹نېمە ئۈچۈن› دېگەن سۇئالنى پەيدا قىلىدۇ.»

باربارا ۋۇدۋارد سۆزىدە يەنە خىتاينى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا ۋە ئ‍ۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ: « ب د ت دا بىز ب د ت نىزامنامىسىنىڭ تۈپ ئاساسى بولغان ھەم ‹بىز خەلقلەر› دەپ باشلانغان كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپى ۋە ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك. بىز شېرىكلىرىمىز بىلەن بىرگە خىتاينى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا ھەم ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا كاپالەتكە ئ‍ىگە بولغان ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرىمىز،» دېگەن.

يىقىندا گېرمانىيەنڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خىتاينى بارلىق لاگېرلارنى چېقىپ تالاشقا چاقىرىپ: «ئ‍ەگەر ئۇنىڭ يوشۇرىدىغان نەرسىسى بولمىسا، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويمايدۇ؟» دېگەن

باش ئەلچى كرىستواف ھيۇسگېن مۇنداق دېگەن: «بىز خىتايدىن تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنى چېقىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلىمىز. ئەگەر ئۇنىڭ يوشۇرىدىغان يېرى بولمىسا، نېمە ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايدۇ؟ ھەقەمسايىلىرىمىزدىن كۆپىمىز بېسىمغا ئۇچراپ تۇرساقمۇ، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئ‍ەركىنلىككە ئېرىشكىچە، تۇتقۇن قىلىنماي، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانماي، دىنىي ئەركىنلىكى ۋە سۆز ئەركىنلىكىگە ئىگە بولغۇچە، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ھۆددە قىلايلى.»

لېكىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئ‍ىجرائىيە دېرىكتورى كېننىس روسنىڭ بىلدۈرىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئ‍ىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نى توختىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئاكتىپ تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرېك ئ‍ىكەن.

 ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇنى قانداق باشلايمىز؟ بىز بۇنى ب د ت نىڭ لوگىكىلىق جەھەتتىن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدا قارار لايىھەسى ماققۇللىشى ئارقىلىق قىلالايمىز. ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تەپتىش خادىملىرىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇشى ئۈچۈن دەلىل توپلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھېچ بولمىسا، بىز قارار لايىھەسى ماقۇللاش ئۈچۈن بولسىمۇ بېسىم قىلىشىمىز لازىم.»

كېننىس روس خەلقئارانىڭ بېرمادىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا خەلقئارا بىرلىكسەپ قۇرغاندەك، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قوغداش ئۈچۈنمۇ خەلقئارا بىرلىكسەپ قۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «مەن بۇنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىمەن. چۈنكى ھەر قايسىي رايونلاردىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئ‍ۆتۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق بىز بېرمادىكى روھېىنگا مۇسۇلمانلىرىغا خەلقئارا بىرلىكسەپ قۇرۇلغاندەك، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قوغداش ئۈچۈنمۇ خەلقئارا بىرلىكسەپ قۇرۇشىمىز كېرەك.»

ئۇ يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا سۇنۇلسا، بۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە خىتاينىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرايدىغانلىقى، شۇڭا بېرما ۋە سۈرىيەدە قىلغاندەك، شىنجاڭ توغىرىسىدا خەلقئارا تەكشۈرۈش مېخىانىزمى قۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېتقان.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا يەنە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار، مۇتەخەسىسسلەر، ژۇرنالىستلار، تەتقىقاتچىلار، شۇنىڭدەك خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئ‍ىلھام توختىنىڭ قىزى، پائالىيەتچى جەۋھەر ئىلھام قاتارلىقلار قاتنىشىپ، سۆز قىلغان ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە قانداق قىلىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

بۇ قېتىمقى يىغىن خىتاينىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بۇ يىغىننى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان، شۇنداقلا ھەر قايسىي دۆلەتلەرگە خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ بۇ يىغىنغا قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.