ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىغان پاختا مەھسۇلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان باستۇرۇشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنىڭ بىر مۇھىم بەلگىسى بولۇپ قالدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى خەلقئارالىق چوڭ شىركەتلەرنىڭ تىجارىي مەنپەئەت ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇققا سەل قاراش قىلمىشىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە.
ياپۇنىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ياپونىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى 22-ئۆكتەبىر كۈنى ياپونىيىنىڭ داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىسى بولغان يۇنىكلو (UNIQLO) شىركىتىنىڭ توكيودىكى باش شىركەت بىناسىنىڭ ئالدىدا نارازلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان. پائالىيەتچىلەر يۇنىكلو شىركىتىگە يىزىلغان نارازىلىق خېتىنى شىركەت مەسئۇللىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
پائالىيەتچىلەر نارازلىق خېتىدە، يۇنىكلو ئىشلىتىۋاتقان پاختا ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى مۇستەقىل ۋە تەرەپسىز بىر ئورگاننىڭ تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭدا يەنە يۇنىكلو شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ياناگى تاداشى ئەپەندىنىڭ ئوچۇق بايانات ئېلان قىلىپ، «يۇنىكلو ئىشلىتىۋاتقان پاختىلاردا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى بارمۇ-يوق؟» دېگەن سوئالغا ئېنىق جاۋاب بېرىشنى سورىغان.

ياپۇنىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى ساۋۇت مەمەت زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ياپونىيەلىك ئىستېمالچىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى قۇبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللىگەنىكىنى ئېيتتى.
ياپۇنىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ھىرانۇ ئۇريۇ خانىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېخى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرۇپ، ياپون شىركەتلەرگە قارىتا تىزگىنلەش ۋە جازا يۈرگۈزۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئالالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئاۋسترالىيە ئىستىراتېگىيىلىك سىياسەت تەتقىقات مەركىزى ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىش مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان 82 داڭلىق ماركىنىڭ تىزىملىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى. دوكىلاتتا يەنە 80 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدىكى 30 زاۋۇتتا مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. يوقۇرىقى 82 داڭلىق ماركا شىركەتلىرى ئىچىدە 11 ياپونىيە شىركىتى ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى ئورنىدا ئىشلىتىدىغان خىتاي زاۋۇتلىرىغا تايىنىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 4-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، فرانسىيە تېررولۇققا قارشى تۇرۇش تەپتىش ئىشخانىسى فرانسىيەدىكى پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئەرزىنى قۇبۇل قىلىپ، زارا، يۇنىكلو قاتارلىق داڭلىق ماركىلارنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.
ياپۇنىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ھىرانۇ ئۇريۇ خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا ياپۇنىيەدىكى ئۇيغۇر داۋاسى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ، مۇنداق دېدى: «بۇرۇن ياپونىيەدە ئۇيغۇر داۋاسى ئانچە ياخشى بىلىنمەيتتى. لېكىن يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر داۋاسى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ خەلقئارا ئاشكارا بولۇشىغا ئەگىشىپ، خەلق تەرىپىدىن خېلى بىلىندى. لېكىن بۇ يېتەرلىك ئەمەس. ئۇيغۇر داۋاسىنى ياپونىيە جەمئىيىتىگە كەڭ دائىرىدە تونۇشتۇرۇپ، ياپونلۇقلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن تونۇلغان شەخسلەرنىڭ پەيدا بولۇشى مۇھىم. بۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيەدە ئۇيغۇر داۋاسىنى كەڭ دائىرىدە تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ياپونلۇقلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.»
ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغان پاختا، پەمىدۇر قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىشى ۋە خەلقئارالىق شىركەتلەرنى خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنى تەپتىش قىلىشقا، قايتا تەشكىللەشكە ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلىشى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىنىڭ باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.