ئۈرۈمچى-بورىنموس ھاۋا يۈك تىرانسپورت يولى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەنگلىيەگە ئېقىپ كىرىش ئەندىشىسىنى كۈچەيتتى

0:00 / 0:00

ئەنگلىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ سابىق ئەمگەك مىنىستىرى، ھازىرقى ئەنگلىيە پارلامېنتى سودا بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ رەئىسى لىئام بېرىن (Liam Byrne) ، 16-سېنتەبىر كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە ئەنگلىيەنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلىشى كېرەكلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان شېئىن (Shein) مودا كىيىم شىركىتىنىڭ لوندوندا پاي چېكى تارقىتىشىنى تېخىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لىئام بېرىن ئەنگلىيەنىڭمۇ ئامېرىكانىڭ 2021-يىلى 12-ئايدا چىقارغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئوخشاش كۈچلۈك بىر قانۇن چىقىرىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش بىرلەشمىسى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان بەزى پارلامېنت ئەزالىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتە قاراتمىلىققا ئىگە كۈچلۈك تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى تەسىرى كۈچلۈك بىر كومىتېتىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەدىن بولغان بىر رەھبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ خىل تەشەببۇستا بولۇشىدۇر.

ئەنگلىيەلىك ئادۋوكات، 2022-يىلى ئېچىلغان لوندون ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى ھەمىد سابى (Hamid Sabi) ئەپەندىنىڭ قەيت قىلىشىچە، لىئام بېرىننىڭ بۇ تەشەببۇستا بولۇشى «ئىنتايىن مۇھىم» بولۇپ، ئۇنىڭ بىر قانۇن بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ھەمىد سابى 18-سېنتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، ھۆكۈمەت ئۇنىڭ تەشەببۇسىنى قوللىسا، بۇنىڭ چوڭ ياردىمى بولىدۇ. ھۆكۈمەت چوقۇم بارلىق مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى ياكى ئۇنىڭ ئەنگلىيەگە كىرىشىنى چەكلىشى كېرەك. بىز بۇنىڭ ھەقىقەتەن بىر قانۇنغا ئايلىنىپ، خىتاينىڭ بۇ مەھسۇلاتلارنى ئەنگلىيەگە ئېكسپورت قىلىشىنى توسۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئەنگلىيە يۇقىرى سوتى يېقىندا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى» نى چەكلەش ھەققىدىكى ئەرزىنى قايتا كۆرۈپ چىقىپ، ئەنگلىيە سودا-تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى بارلىقىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. لېكىن ھەمىد سابى، ئەنگلىيە قانۇنى قۇللۇق ئەمگىكىنى مەنئى قىلسىمۇ، ئەمما مەۋجۇت قانۇننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتە ئۈنۈملۈك ئەمەسلىكىنى تەكىتلىمەكتە. ھامىد سابى مۇنداق دېدى: «تاموژنا قايسى يوللانمىنىڭ قۇللار ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى بىز قارار قىلالمايمىز، دېيىشمەكتە. ھالبۇكى، قانۇن ھەرقانداق قۇللار ئەمگىكى مەھسۇلاتىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدۇ. بىز ‹شىنجاڭ پاختىسى› ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىغا دائىر نۇرغۇن دەلىللەرنى سۇنغان بولساقمۇ، ئەمما بىزنىڭ كونكرېت قايسى يوللانمىنىڭ بۇ خىل مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشىمىز تەلەپ قىلىندى. ئۇلار دەلىللىرىمىزنى سۇنۇشنى تەلەپ قىلىش ئورنىغا، ھىيلىگەرلىك قىلىپ ھەمكارلاشماسلىق يولىنى تۇتۇپ كەلدى.»

ھالبۇكى، لىئام بېرىننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتە يېڭى قانۇن چىقىرىش تەشەببۇسى، ئۈرۈمچى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ بورىنموس شەھىرى ئارىسىدا يېڭى ھاۋا يۈك تىرانسپورت يولى ئېچىلىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەنگلىيە بازىرىغا تېخىمۇ كۆپلەپ ئېقىشىغا يول ئېچىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ يېقىندا بەرگەن بىر خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يىل 8-ئاينىڭ 19-كۈنى، چېگرا ھالقىغان بىر تور سودا سۇپىسىنىڭ 58 توننا كۈندىلىك ئېكسپورت بۇيۇملىرىنى باسقان يۈك ئايروپىلانى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن قوزغىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ بورىنموس شەھىرىگە قاراپ ئۇچقان. بۇنىڭ ئالدىدا يەنى 18-ئاۋغۇست كۈنى، بىر يۈك تىرانسپورت ئايروپىلانى بورىنموس ئايرودۇرۇمىغا كېلىپ قونغان.

خەۋەرلەردە، بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى-بورىنموس ئارىسىدا رەسمىي ھاۋا يۈك تىرانسپورت قاتنىشىنىڭ باشلانغانلىقى، ياۋروپا ھاۋا تىرانسپورت شىركىتىگە تەۋە بۇ يۈك ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۈرۈمچى-بورىنموس ئارىسىدا ھەپتىسىگە 4 قېتىم قاتنايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئەنگلىيەنى مەركەز قىلغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» ناملىق خەلقئارا تەشكىلاتلار بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى رەھىمە مەھمۇت خانىم 18-سېنتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئەلۋەتتە، بۇنداق ماللارنىڭ ئەنگلىيەگە شەرقىي تۈركىستاندىن بىۋاسىتە كېلىشى ئۆزلىرىنى ئەنسىرىتىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى. رەھىمە مەھمۇتنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ھاۋا يۈك يولىنىڭ ئېچىلىشىنى كىم قارار قىلغان، بۇ ماللار تەكشۈرۈلۈۋاتامدۇ-يوق، دېگەنلەرنى ئېنىقلاش زۆرۈر بولۇپ، بۇ ماللارنىڭ ئەنگلىيە كىرىشىنى پەقەت يېڭى قانۇن چىقىرىلغاندىلا ئاندىن توسۇش مۇمكىن» ئىكەن.

ئەنگلىيەدىكى ھاللام شىفېلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلىنا كېننېدى خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى مەجبۇرىي ئەمگەك تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق تەتقىقاتچىسى دوكتور يالقۇن ئۇلۇيول، خىتاي تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بۇ ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۈرۈمچى بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدا ھاۋا يۈك تىرانسپورت يولى ئېچىشى، بۇ مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىشى قىيىنلاشقان خىتاينىڭ ئەنگلىيەگە ئوخشاش يېڭى بازارلارغا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. يالقۇن ئۇلۇيول يەنە بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىن بىۋاسىتە ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ھالبۇكى، ئادۋوكات ھەمىد سابى، ئەنگلىيەنىڭ مەۋجۇت قۇللار ئەمگىكى قانۇنىدا جاۋابكارلىقنىڭ شىركەتلەرگە ئارتىلغانلىقى، ئەمما جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرىدىغان كۈچلۈك مېخانىزم يوقلۇقىنى بىلدۈرمەكتە.

ھامىد سابى مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە قۇللار ئەمگىكىگە چېتىشلىق ھەرقانداق مەھسۇلاتنى ئىمپورت قىلماسلىقتىكى جاۋابكارلىق ئىمپورت قىلغۇچى شىركەتلەردە. لېكىن بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدىغان مېخانىزم يوق. ئەگەر بىرەر مال ئىمپورت قىلغۇچى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىپ، ‹مېنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرىم يوقتى» دېسە، بۇ جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ.»

نۆۋەتتە، ئەنگلىيە پارلامېنتى بىرلەشمە سودا كومىتېتىنىڭ رەئىسى لىئام بېرىننىڭ سۆزى، ئىشچىلار پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنگلىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ مەزكۇر ئەمەلدارى، «مەن يېڭى (ئىشچىلار پارتىيەسى) ھۆكۈمىتىنىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ 2022-يىلى ۋەدە قىلىپ، ھېچبىر ۋاقىت ئەمەلگە ئاشمىغان ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى، زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى قانۇنىنى كۈچەيتىپ، تەمىنلەش زەنجىرىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.