ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئوقوغۇچىلار ئۆتكەن يىلى نويابىرنىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا سىچۇەن ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇۋاتقان ئىليار ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆتكەن يىلى 28-نويابىر كۈنى تۇتۇلغانلىقى ۋە ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەنلىكى دەلىللەندى.
ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتى پاجىئەسىنىڭ دۇنياۋىي خەۋەر بولۇشىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە بۇ پاجىئەنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە بىلىنىشىگە شۇ جايلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچۇىلارنىڭ تاراتقۇلاردىكى خەۋەر ۋە ئىنكاسلارى تۈرتكە بولغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتى پاجىئەسىدە ئۆلگەنلەرگە ھېسسىداشلىق بىلدۈرۈپ، ھەم پاجىئەگە سەۋەب بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامال سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىشلار يۈز بەرگەن. نامايىشلار تېزدىن كېڭىيىپ «ئاق قەغەز ھەركىتى» گە ئايلانغاندىن كېيىن، دائىرىلەر جىددىيلەشكەن ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئونىۋېرسىتېتلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھەركىتىنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر ھەرىكەتنى چەكلەش تەدبىرلىرى يۇقىرىقىلار بىلەنلا چەكلەنمىگەن. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە ئوقۇۋاتقان 30 نەچچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى، ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتى پاجىئەسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تىك-توكتا دوستلىرى ئورتاقلاشقانلىقى ۋە تارقاتقانلىقى ئۈچۈن، تۇتقۇن قىلىنغان. ئىنكاستا دېيىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرى تۇتقۇن قىلىنغان بۇ ئوقۇغۇچىلار تا ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەن.
بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، سىچۈەندىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. چېڭدۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى، بۇ ئوقۇغۇچىلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچىلاردىن ئىگىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ئەمما ئۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتۇلغانلىقى ۋەقەسىنى ئىنكار قىلمىدى. بىز ئۇنىڭغا تۇتقۇندىكى ئوقۇغۇچىلار چېڭدۇدىكى ئونىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا چېڭدۇ ساقچىلىرىدىن ئەھۋال ئېنىقلاۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرگىنىمىزدە، بۇ ئىشنىڭ «مەخپىيەتلىك» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇريار فوندى» نىڭ تىك-توكتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئىنكاس قىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئاينىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن بىر جۈپ ئاتا-ئانا سىچۈەنگە كېلىپ، تۇتقۇندىكى پەرزەنتىنى ئىزدىگەن. ساقچىخانىلار، مەسئۇلىيەتنى بىر-بىرىگە ئىتتىرىپ، مەزكۇر ئاتا-ئانىغا پەرزەنتىنى كۆرسەتمىگەن. بۇ ئاتا-ئانا شۇ كۈنلەردە بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ئۇدۇللۇق تىك-توكقا يوللاپ تۇرغان. بىز تىك-توكتىكى بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، چېڭدۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ چېڭئەن تارمىقىغا تېلېفون قىلدۇق ۋە ئۇلاردىن مەزكۇر ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتىنى تاپالىغان ياكى تاپالمىغانلىقىنى سورىدۇق. ئالاقىدار خادىم، ئۇلارنىڭ پەرزەنتىنىڭ ئېرشەنچاۋ ساقچىخانىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى، ئەمما ئۇ ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن ئىزدەلگەن بۇ تۇتقۇندىكى ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسىمىنى دەپ بېرەلمىدى، ئۇ بۇ ھەقتە ئېرشەنچاۋ ساقچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.
ئېرشەنچاۋ ساقچىخانىسىنىڭ بىر خادىمى، ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن ئىزدەپ كېلىنگەن تۇتقۇندىكى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ 28-نويابىر كۈنى، يەنى ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتى پاجىئەسى يۈز بېرىپ 4 كۈندىن كېيىن تۇتۇلغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئىنكاستا دېيىلگەندەك مەزكۇر ئوت پاجىئەسىنى توردا تارقىتىشقا چېتىلىپ تۇتۇلغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئاشكارىلىدى. بىز ئۇنىڭدىن مەزكۇر ئوقۇغۇچىنىڭ نۆۋەتتە قويۇپ بېرىلگەن-بېرىلمىگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئاچچىقلانغان ھالدا «جىنايى ئىشلار دېلوسى» غا چېتىلىپ تۇتۇلغانلارنىڭ بىرقانچە ئاي ئىچىدە قويۇپ بېرىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە ئۇنىڭ قىلمىشىنىڭ «قانۇنسىز ئۇچۇر تارقىتىش» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. مەزكۇر ئوقۇغۇچىنىڭ نۆۋەتتە چېڭدۇدىكى پىدو قاماقخانىسىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بۇ خادىم، ئۇنىڭ ئىسمى ۋە ئۆتكۈزگەن «جىنايى قىلمىشى» قاتارلىق ئۇچۇرلارنى شۇ قاماقخانىدىن ئىگىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.
بىز ئاخىرىدا سىچۈەندىكى پىدو قاماقخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوىنىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم، بۇ قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، تۇتقۇنلاردىن بىرىنىڭ ئىسمىنىڭ ئىليار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى، ئەمما باشقا ئۇچۇرلار ھەققىدە ئېغىز ئاچمىدى.
ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئېنژېنىر كەۋسەر ۋاھىتمۇ تۇتقۇندىكى 19 ياشلىق سىڭلىسى كامىلە ۋاھىتنىڭ «ئاق قەغەز ھەركىتى» ھەققدىكى ئۇچۇرلارنى توردا ئورتاقلاشقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا ئاتۇشتىكى ئالاقىدار ساقچى خادىملىرى، كامىلە ۋاھىتنىڭ ئاكىسى كەۋسەر ۋاھىت بىلەن ئالاقىلاشقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىدا «توردا قانۇنسىز ئۇچۇر تارقىتىش» ىنىڭمۇ بىر سەۋەب ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.